يېڭىلانغان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى يېڭى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى2023-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى خىتاينىڭ ئەسلىدىكى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يېڭىلانغان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2023-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. نۆۋەتتە بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بىر ئايدىن بۇيانقى ئەھۋال غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلاردىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلاردىن، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى ۋە نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان مۇستەقىل ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي يولغا قويغان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

تېڭ بىياۋ ئەپەندى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «‹جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› ئاتىلىشتا، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان دېيىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى، ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش» .

تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان «يېڭىلانغان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھازىر، ئىلگىرى نورمال ھېسابلىنىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭمۇ بۇ قانۇن دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تېلېفون ئۇچۇر ئالاقىسىغا قويۇلغان چەكلىمىلەر، چەتئەللەردە ئوقۇغانلار، چەتئەل پاسپورتى بىلەن يۇرتىغا تۇغقان يوقلاش ۋە ساياھەتكە بارغانلار، خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرى خادىملىرى، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئوخشاش ھەر ساھە كىشىلىرىگە قارىتىلغان تۈرلۈك تەكشۈرۈش-بەلگىلىمىلەرنىڭ خىتاي تۇپرىقىغا قەدەم باسقانلىكى كىشى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېڭ بىياۋ سۆزىنى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ھازىر دۆلەت دەرۋازىسىنى مەھكەم قامال قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويماقتا. خىتايدىن ئايرىلىش بارغانچە تەسلەشتى. چەتئەللىكلەر ئۈچۈنمۇ خىتايغا كىرىش بارغانچە تەسلەشتى ۋە خەتەرلىك بولۇپ كەتتى. بۇنداق شارائىتتا ‹جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كىشىلەردىكى قورقۇنچ ۋە ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» .

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىلانغان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا «خىتاي چېگراسىدىن كىرىش ۋە چىقىش» ھەققىدىكى يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەر قوشۇلغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن بويىچە، خىتاي چېگراسىدىن چىقماقچى بولغانلار ئۇلارنىڭ چەتئەل پاسپورتىدىكى كىشىلەر ياكى خىتاي تەۋەسىدىن خىتاي پاسپورتى بىلەن چەتئەلگە مېڭىش ئالدىدىكى كىشىلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىردەك مۇشۇ قانۇنغا بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنغان.

تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «يېڭىلانغان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى «چېگرادىن كىرىش-چىقىش بەلگىلىمىلىرى» سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار، ئاللىقاچان مۇئەييەن سانغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي پۇقرالىقىدىكى كىشىلەردىن باشقا يەنە زور ساندا ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىدىكى كىشىلەرمۇ بار ئىكەن.

تېڭ بىياۋ نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى تەرىپلەپ، 2016-يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان «لاگېرلارغا قاماش» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ، خەلقئارادا ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا سىناق قىلىنغان قاتتىق نازارەت ۋە تەقىب سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتايغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان مۇستەقىل ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى، خىتاينىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغان بىر ئايدىن بۇيان، ئۇنىڭغا بولغان خەلقئارالىق ئىنكاسلارنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ما جۈنىڭ قارىشىچە، خىتايدەك قانۇن-تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇلمايدىغان، كومپارتىيەنىڭ سىياسىتى بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتتە، بۇنداق بىر قانۇن بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدىكەن.

ما جۈ سۆزىنى داۋام قىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ زەربە بېرىش نىشانى قىلىنغان توپلۇقلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن زەربە بېرىش نىشانى قىلىدىغانلار، دۆلەت ئىچىدە تام ئاتلاپ چەتئەل خەۋەرلىرىنى كۆرگەنلەر، چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارلار، چەتئەللەرگە چىققان خاتىرىسى بارلار، چەتئەل بىلەن سودا ئالاقىسى بارلارنىڭ ھەممىسى بۇ قانۇننىڭ نازارەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. ياكى بولمىسا ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىدىن نارازى بولغان بارلىق كىشىلەرنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغان دېسەك بولىدۇ. ئەركىنلىك-دېموكراتىيەگە تەلپۈنگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ‹ۋەتەننى سۆيۈش› دېگەن قالپاق ئاستىدا بۇ خىل كىشىلەرگە زەربە بېرىشنى داۋام قىلىدۇ» .

ما جۈ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ 2016، -يىل ئاخىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئاللىقاچان ئەڭ رادىكال ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجرا قىلىنىپ سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ما جۈ مۇنداق دېدى: «تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان 2016-يىلى ئاخىرىدىن باشلاپ نەچچە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ‹قايتا تەربىيەلىنىش› نامىدا لاگېرلارغا قامىلىش ۋەقەسىنى نەقىل ئالساق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلار ئەينى يىللىرى دەل مۇشۇ خىلدىكى ئاتالمىش ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغان›، ‹تېررورلۇققا باغلانغان› دەپ ئەيىبلەپ ھەم ‹تېررورلۇق تەھدىتلىرى مەۋجۇت دەپ تىزىمغا كىرگۈزگەن 10 نەچچە دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان› دېگەن باھانىلەردە تۇتقۇن قىلغانىدى» .

ما جۈ ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە بۇ تۈستىكى سىياسىي بەلگىلىمىلەرنىڭ پۈتكۈل خىتايغا كېڭىيىشىدىكى سەۋەب ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بۇ سىياسەتنىڭ پۈتكۈل خىتاي قۇرۇقلۇقىدا كېڭەيتىلىشى مۇقەررەر ئىدى. شى جىنپىڭغا ئوخشاش مۇستەبىت ھۆكۈمراننىڭ نەزىرىدە بىخەتەرلىك ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە بىخەتەرلىكنى قوغداش نامىدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىش. ئەمما خىتاي خەلقىگىمۇ بۇ سىياسەتنى يۈرگۈزۈشتىكى مەقسىتى بولسا، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان خەۋپنى تۈگىتىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش» .

خىتايدا بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرى ماقۇللانغان «يېڭىلانغان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىن باشقا يەنە، 2023-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا «خىتاي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى» دەپ قارالغانلارنى نىشانلايدىغان «تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى» مۇ ماقۇللىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش يېڭىلانغان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇنى، ۋە «تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى» قاتارلىقلاردا تىلغا ئېلىنغان قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قارىتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكالىقلارنى خىتايغا ساياھەت بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىسىدە: «خىتايدا ساياھەت قىلىۋاتقان ياكى ئولتۇراقلاشقان ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۆزلىرى ئەيىبلەنگەن جىنايەت توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەي تۇرۇپ، تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكانىڭ كونسۇلخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىغا يول قويۇلماسلىقى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ما جۈ ئەپەندى بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى «سەۋەبىدىن خىتاي پۇقرالىرىلا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قالماستىن، ھەتتا چەتئەل پاسپورتى بىلەن خىتايغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ياكى ساياھەتكە بارغان چەتئەل پۇقرالىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ كۆرسەتمە، 2023-يىلى 5-ئايدا 78 ياشلىق ئامېرىكا پۇقراسى خىتايدا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغانىكەن.

ما جۈ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتا، چەتئەل پاسپورتىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، خىتايغا زىيارەتكە بېرىشنى ئويلاۋاتقانلار، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن خىتاي پاسپورتىغا ئىلتىماس قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن چەتئەل پاسپورتى بىلەن خىتايغا بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.