ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 9-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن قاتارلىق 4 نەپەر ئەمەلدارىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمدا رول ئالغانلىقى ئۈچۈن «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىغان ئىدى. 13-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ خىتاينىڭمۇ ئامېرىكانىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەمەلدارلار ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ماركو رۇبىيو ۋە تېد كرۇز، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىت ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەگ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جازا تەدبىرلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، بىراق ئۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان.
مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سېناتور تېد كرۇز دەرھال يازما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قاتتىق قورقۇپ كەتتى، شۇڭا ئۇ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ،» دېدى. ئۇ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىشتەك قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن مىللىي تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «بۇلار يول قويۇشقا بولمايدىغان قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدۇر. ج ك پ رەھبەرلىرى سىلەرگە دەيدىغىنىم شۇكى، ئەپسۇس مېنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى يوشۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزگەن مۇستەبىت دۆلەتكە ساياھەت قىلىش پىلانىم يوق،» دېگەن.
سېناتور ماركو رۇبىيومۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇنىڭغا قىزىقارلىق قىلىپ: «خىتاي كومپارتىيىسى مېنى خىتايغا كىرىشتىن چەكلەپتۇ، ئۇلار مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟» دەپ يازغان.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنى «تەنتەكلەرچە ھۇجۇم» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنىقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكادىكى ئىنتايىن ئاكتىپ دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ئۆچ ئالماقچى. بىراق خىتاينىڭ بۇ جازا تەدبىرىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئېنىق بولماسلىق بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارىغا قارشى چىقىرىلغان جازالاش تەدبىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چىقارغان. خىتاينىڭ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى جازالىشى ئۇلارنىڭ بۇ جازا تەدبىرىنى تېخىمۇ مۇجىمەللەشتۈرىۋەتكەن. شۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىگە پاكىتلارغا ئۇيغۇن، قانۇنىي ئاساسقا ئۇيغۇن بىر قاراردەك ئەمەس، بەلكى ئەخىمىقانە ۋە تەنتەكلەرچە ھۇجۇمدەك تەسىر بېرىدۇ.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا خىتاينىڭ بۇ قارارىنى «مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى،» دەپ باھالىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 13-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا ئېلان قىلدى. بۇ تەھدىدلەر بىزنى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، جۈملىدىن كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالا چۈشۈرۈش شۇنداقلا دىنىي ۋە مىللىي چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنى جازالاشتىن توسۇپ قالالمايدۇ.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى قويغان جازا تەدبىرلىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويغان جازاسى ئارىسىدا ئەخلاقىي جەھەتتىن ئالغاندا، بىر-بىرىگە تەڭلەشتۈرىدىغان ھېچقانداق نۇقتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە «خىتاي بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇتىھەملىكىنى خەلقئاراغا يەنىمۇ ئاشكارىلىدى،» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنى 4 نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا «شىنجاڭدىكى ئىشلار خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك،» دەپ قايتا-قايتا تەكرارلىغان.
بىراق دوكتور سوفى رىچارسون بۇنىڭ خاتالىقىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسونن خىتاي خەلقئارالىق قانۇنلارغا قول قويغان دۆلەت بولغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خەلقئارادا مۇنازىگە قويۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىدىغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمىگە قول قويغان. بۇنداق كېلىشىملەرنىڭ ئەھمىيىتى دەل مۇشۇ يەردە. ئۇلار دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنىڭ خەلقئارادا تالاش-تارتىش قىلىنىشىنى خالىمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ بۇنداق خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى ئىمزالىماسلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدەك تەشكىلاتلاردىنمۇ پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشى كېرەك.»
بۈگۈن يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى. ئۇلار باياناتىدا خىتاينى باشقىلارنى ئەيىبلەش ئورنىغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇلار باياناتىدا: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باشقا ئۇنىۋېرسال ھوقۇقلارغا قىلغان ھۇجۇمىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا قاراتقان يەنە بىر قېتىملىق تەھدىت ۋە قورقۇتۇش ئۇرۇنۇشىدۇر. بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايمىز، بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاشقا ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز،» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمدا رول ئالغان ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو قاتارلىق 4 نەپەر ئەمەلدارنى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىغان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ بۇ جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشتە ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى مالىيە ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خىتاي تەرەپ بولسا بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۇنى قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.
بىراق ئامېرىكا ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسى ئارقىلىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمى سەۋەبلىك جازالاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئۇ ماقالىسىدە «ئەگەر ئۆتكەن ئەسىر بىزگە بىر نەرسە ئۆگەتتى دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئۇ كۈچلۈك دۆلەتلەر قوللىغان خەتەرلىك ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ يامان غەرەزلىك ھەرىكىتىنىڭ پەقەتلا ئۆز چىگرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋە بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ئەمەلىيەتنى ئاشكارىلاشقا داۋام قىلىدۇ،» دەپ يازغان.
0:00 / 0:00