ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئەركىن تۇنىياز ۋە شۆھرەت زاكىرغا جازا ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدىلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلارنى ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، 2017-يىلى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم نامايەندە بولغان ئىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئەنە شۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، 2020-يىلى 9-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا بىۋاستە جاۋابكار دەپ قارىغان چېن چۇەنگو، جۇ خەيلۇن، ۋاڭ مىڭشەن ۋە خو لىجۈن قاتارلىق تۆت خىتاي ئەمەلدارىغا، شۇنىڭدەك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى» گە جازا ئېلان قىلغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىڭغا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» (XPCC) ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جۈنجېڭ، چېن مىڭگو، سۇن جىنلوڭ ۋە پېڭ جيارۇي قوشۇلغان ئىدى. بۇ خىلدىكى زۇلۇمغا جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش تەدبىرى بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە يەنە بىر قېتىم ئىجرا بولدى. 2021-يىلى 10-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋە ھازىرقى مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىيازغا جازا ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جازانىڭ ئېلان قىلىنىشى 10-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى» گە، شۇنىڭدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ تەكلىپى بويىچە ئېچىلغان «دۇنيا دېموكراتىيە مەجلىسى» نىڭ يېپىلىش يىغىنىغا توغرا كەلگەن. مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاللىي ئادېيېمو نامىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇندا دېيىلىدۇ: «‹خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى› دە مالىيە مىنىستىرلىكى ئۆزىدىكى مەۋجۇت قورالنى ئىشقا سېلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە جازا ئېلان قىلدى. بىزنىڭ بۇ ھەركىتىمىزگە ئەنگليە ۋە كانادا ئاۋاز قوشتى. بىز بۇ ئارقىلىق دۇنياغا ‹دېموكراتىيە ھەرقاچان زۇلۇمغا ۋە ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەركەت قوللىنىشتىن توختاپ قالمايدۇ› دېگەن ئۇچۇرنى يوللىماقتىمىز.»

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ 2021-يىلى مارتتا ۋاڭ جۈنجېڭ (بىڭتۇەن) ۋە چېن مىڭگو (ج خ نازارىتى) غا جازا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك بولغانلارغا داۋاملىق جازا بېرىمىز،» دېگەن سۆزلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

مالىيە مىنىسىترلىكىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر ۋە ئەركىن تۇنىيازغا جازا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ھەرقانداق مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن. شۇنداقلا ئۇلارغا قاتتىق بولغان ۋىزا چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەزكۇر قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە بۇنىڭ ئاددىيلا بىر قېتىملىق جازا مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بۇ قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا نىسبەتەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بەكمۇ زور مىننەتدار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتكە قارشى بىر ئەمەلىي قەدەم بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ بىر تۈركۈم يۇقۇرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئارقىمۇ-ئارقىدىن بۇ خىلدىكى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى ھەمدە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بەرپا بولغان ۋاقىتتىكى قىممەت قارىشى پىرىنسىپلىرىنىڭ ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەسلەپ بۇ خىلدىكى جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغاندا چېن چۇەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قىلچىلىكمۇ پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىش ئارزۇسىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە جاكارلىغان ئىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن بۇنى «قۇرۇق تېرە تاراقشىتىش» دەيدۇ.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەزكۇر قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «كىشىلىك ھوقۇقنى پايخان قىلغانلارنى بىز داۋاملىق جاۋابكارلىققا تارتىمىز» دېدى.