ماتىياس بۆلىنگېر: «خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.03.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Mathias-Boelinger-kitab.jpeg گېرمانىيەلىك مۇخبىر ماتىياس بولىنگېر (Mathias Bölinger) نىڭ 2023-يىلى 16-فېۋرال نەشر قىلىنغان «يۇقىرى تېخنىكىلىق گۇلاگ: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرى» (Der Hightech-Gulag: Chinas Verbrechen gegen die Uiguren) ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
Twitter/Mathias Boelinger

گېرمانىيەلىك مۇخبىر ماتىياس بۆلىنگېر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

2023-يىلى 16-فېۋرال گېرمانىيەدە نەشىر قىلىنغان «يۇقۇرى تېخنىكىلىق گۇلاگ: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ماتىياس بۆلىنگېر 16-مارت كۈنى «فرانكفۇرت ئوبزورلىرى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى تەدرىجى تۈرمىلەر ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«فرانكفۇرت ئوبزورلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «قايتا تەربىيەلەش لاگېرىنىڭ ئورنىدا تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى داۋام قىلماقتا» ناملىق بۇ زىيارەت خاتىرىسىنىڭ بېشىدا «پەقەتلا ۋېۋىسكىسى ئۆزگەردى، شىنجاڭدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھازىر تۈرمىلەرگە سولاندى. خىتاي كىشىلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنىڭ يەنە باشقا ئۇسۇللىرىغا مۇراجىئەت قىلماقتا» دېگەن كىرىش سۆزگە ئورۇن بېرىلگەن.

مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ بولغانلىقى، ب د ت نىڭ بۇنى «ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئاتىغانلىقى، بۇنى ئىسپاتلايدىغان سانسىزلىغان گۇۋاھلىقلار، دەلىل-ئىسپاتلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ماتىياس بۆلىنگېرنىڭ گەرچە نۆۋەتتە بىر قىسىم لاگېرلار تاقالغان بولسىمۇ، ئەمما لاگېرغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى، ئەكسىچە لاگېرلاردىن تۈرمىلەرگە يۆتكىلىپ، داۋاملىق جازالىنىۋاتقانلىقىنى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دەرۋەقە، ۋاقتلىق لاگېر قىلىنغان بىر قىسىم كىچىك ئورگانلار 2019-يىلىغىچە تاقالغان بولسىمۇ، بىراق 2019-يىلىدىن كېيىن كۆپلىگەن تۈرمىلار قۇرۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار يۇقىرى قاماق جازالىرى بىلەن تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم قول ئىلكىدە بار بولغان ئۇيغۇرلار بېسىم تۈپەيلى مەغلەغ سېلىپ، لاگېرلار ئىچىدە مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنى قۇرۇشقا مەجبۇرلانغان.

«قايتا تەربىيەلەش لاگېرىنىڭ ئورنىدا تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى داۋام قىلماقتا» ناملىق بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدىكى بەزى لاگېرلار تاقىلىشقا باشلىغان. بۇ ھال رايوندىكى خەلقنىڭ بۇ قاباھەتلىك قىسمەتلەردىن قۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟» دېگەن سۇئالغا، ئاخىرىقى قېتىم 2018-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ، لاگېرلارنى بىۋاستە كۆرۈش پۇرسىتىغا ئېرىشكەن ماتىياس بۆلىنگېر مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ياق، بۇ قاباھەتلىك ۋەزىيەت ھېچ ۋە ئەسلا ئاخىرلاشمىدى. 2019-يىلىدىن بۇيان ۋاقىتلىق لاگېر قىلىنغان مەكتەپلەر ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرى تاقالدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ۋاقتىدا مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. ئەمما يۇقۇرى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىنغان نۇرغۇنلىغان لاگېرلار ھېلىمۇ مەۋجۇت. ئۇلار شەھەرلەرنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشقان. بىر قىسمى ھازىر تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتىلدى. ئاز دېگەندە يەنە بىر بۆلۈك تۇتقۇنلار ئۇ يەرلەردە قامىلىپ تۇرماقتا. پەقەتلا لاگېرلارنىڭ ۋېۋىسكىسىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى.»

ماتىياس بۆلىنگېر «خىتاي بۇ سىستېمىسىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتامدۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە، جازا لاگېرلىرىغا قارىتا خەلقئارادا پەيدا بولغان كۈچلۈك ئەيىبلەشلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى چۆچۈتكەنلىكى، باشتا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى مۇتلەق ئىنكار قىلغان خىتاينىڭ كېيىنچە پاكىتلار ئالدىدا «بۇلار جازا لاگېرلىرى ئەمەس، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئۇنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن لاگېرغا قامالغانلارنى «ئوقۇش پۈتتۈردى» دەپ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەمەلىيەتتە «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» بۇ تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلمەستىن، قايتىدىن خالىغانچە قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنىپ، تېخىمۇ ئېغىر «تەربىيەلەش» كە مۇپتىلا قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماتىياس بۆلىنگېر يەنە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۆرۈنۈشتە ناھايىتى كۆڭۈللۈك. خىتاي شىنجاڭدا زادى قانچىلىك ئىنساننى قاماپ تۇرۇۋاتىدۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە، 2017-2019-يىلى ئارىلىقىدىلا ئاز دېگەندە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان دەلىللەر، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن لاگېرلارنىڭ ۋە ئۇ يەرلەرگە قامالغانلارنىڭ سانىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىلەرنىڭ ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچەيتىپ، تۈرەمىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشنىڭ مۇتلەق ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان

«خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، ئۇلارنى ساداقەتمەن پۇقرالارغا ئايلاندۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. سىز كىتابىڭىزدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ‹مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ› دەپ يېزىپسىزغۇ؟» دېگەن سۇئالغا ماتىياس بۆلىنگېر مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «خىتاي ئۆزلىرىنى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت دەپ ئاتايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ پەقەت خىتايلارنىڭ دۆلىتىدۇر. خىتايلار نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مۇھىم ئورگانلارنىڭ ھەممىسى شۇلارنىڭ قولىدا. دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى باشقۇرۇش ئورگىنى ھېسابلانغان خىتاي كومپارتىيەسى دائىمىي كومىتېتىدا 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بىرمۇ ئەزاسى يوق. مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتايلار خىتاينىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا ياشايدۇ. بىرقانچە ئون يىل ئىلگىرى بېيجىڭ ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىپ، بۇ دۆلەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇپراقىنى ئىگىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيتى. بۇ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئەلمىساقتىن بېرىقى ئەندىشىسى ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ رايونلارغا خىتاي پۇخقرالىرىنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنىڭ ھېچقاچان يوقالمىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، ساداقەتمەن پۇقرالارغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ سەۋەبى مانا بۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى يوقىتىلماقتا. قايتا تەربىيەلەر ئارقىلىق خىتايلارنىڭ تىپىك بىر پارچىسى بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېيىتقاندەك، ئۇلار خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېتەكچى ئورنىغا بوي سۇندۇرۇلماقتا. خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە سىڭدۈرۈلمەكتە.»

گوللاندىيەدە ياشايدىغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق بۇ ھەقتە توختالغاندا، ماتىياس بۆلىنگېرنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تامامەن خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتكۈل چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«قايتا تەربىيەلەش لاگېرىنىڭ ئورنىدا تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى داۋام قىلماقتا» ناملىق بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىر قىسىم دۆلەتلەر شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىدى. سىز بۇ باھاغا قوشۇلامسىز؟» دېگەن سۇئالغا ماتىياس بۆلىنگېر مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ھىچبولمىسا، بۇ ھەقتىكى گۇمان ئىنتايىن كۈچلۈك. بىر ھۆكۈمەت ياكى گورۇھ بىر مىللەت ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغاندا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن بولىدۇ. بىزنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىقلارغا سىستېمىلىق ھالدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان چوڭ قىرغىنچىلىقلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللىرىمىز يوق. ئەمما لاگېرلاردا ۋە تۈرمىلەردە ھېلىھەم ئۆلۈۋاتقانلار بار. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىتلار بار. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغماسلىقنىڭ ئازابلىرىنى تارتىپ كەلدى. ئادۋوكاتلار ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارنى قەستەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا. ھالبۇكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىگە ئائىت يېتەرلىك دەرىجىدىكى دەلىللەر مەۋجۇت. نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.