گوردون چاڭ: «خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك دۆلەت ھالقىغان جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى»

0:00 / 0:00

خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەرب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى، «خىتاينىڭ يىمىرىلىشى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى، گاتېستون ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋە مەسلىھەتچىسى گوردون چاڭ 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، «خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك دۆلەت ھالقىغان جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى» دېگەن ماقالىنى گاتېستون ئىنستىتۇتىىڭ تورىدا ئېلان قىلدى.

گوردون چاڭ ماقالىسىدە، «بېيجىڭنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ يەرشارى ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ يېقىن جايلىرىغا ئىگە بولۇشلا ئەمەس، بۇلارنى باشقۇرۇش»، «شى جىنپىڭ خىتايدا ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى تۈزۈمنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.

ماقالىدا يەنە، «خىتايدا 700 مىليوندىن ئارتۇق كۆزىتىش كامېراسى بار، ھەر ئىككى ئاھالە ئۈچۈن بىر كامېرا بار. خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتە ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، خىتايدىكى ھەر بىر ئادەمنى نازارەت قىلىدۇ. ھەر يىلى فانتانىل دورىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئونمىڭلىغان ئامېرىكالىققا خىتاي مەسئۇل. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بارلىق خىتاي بانكىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى مېكسىكىدىكى قارا قوللار پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەتكەسچىلىك ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىدە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى قىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى ئامېرىكادىكى بىر قىسىم سەرخىللارنى تەسىر ئاستىغا ئېلىپ بۇ دۆلەتلەرنى چىرىكلەشتۈردى» دېگەن مەزمۇنلارنى ئالاھىدە تىلىغا ئالغان.

بىز يۇقىرىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى گوردون چاڭدىن نېمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك دۆلەت ھالقىغان جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى، نېمىشقا ئۇ دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ؟ ۋە بۇ تەھدىتكە قاندا ق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ دېگەن سوئاللارنى سورىدۇق.

ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «شۇنداق، خىتاي كومپارتىيەسى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن جىنايى ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىك ​​تىجارىتى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، ياۋايى ھايۋانلار ئەتكەسچىلىكى، تۈرلۈك ناچار جىنايى قىلمىشلارغا چېتىشلىق. ئەلۋەتتە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىمۇ بار. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ۋە جىنايەتنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ يادروسىدا بارلىقى ئېنىق. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ قارايدۇ ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۆنۈپ كەتكەن. شۇڭا بىز دەۋاتقىنىمىز ئەسلىدىنلا جىنايەتچى تەشكىلات. خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا ئېنىق تەھدىت سالىدۇ. بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇ يەنە پۈتكۈل دۇنيانى ھۆكۈمرانلىق قىلىشلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانى باشقۇرۇش ھوقۇقۇم بار دەپ قارايدۇ. ھەمدە خىتاي ئامېرىكاغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىشىم كېرەك دەپ قارايدۇ. ئېنىقكى بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز. شۇڭا خىتاي بىزگە تەھدىت سالىدۇ. خىتاي كوۋىدنى دۇنياغا يايدى. ئۇ ھازىر بىئولوگىيەلىك قورال ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقا كېسەللىك پەيدا قىلغۇچىلار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ ۋە تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك ​​سېتىۋاتىدۇ، بۇ زەھەرلىك چېكىملىك ​​ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ئامېرىكالىقنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا، خىتاي ئامېرىكانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت. كوممۇنىستىك پارتىيە بىر تەھدىت. خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكانى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ ئېيتقان ياكى قىلغان ھەر قانداق ئىشىمىزدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ كىملىكىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزدىندۇر. بىلەمسىز، خىتاي بىخەتەر بولالمىغان ۋە بىخەتەرلىكىدىن دائىم ئەندىشە قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەت. بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزنىڭ ۋە بىزنىڭ باشقۇرۇش شەكلىمىزنىڭ خىتاي خەلقىگە بولغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، كوممۇنىستىك پارتىيە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مەۋجۇت بولسىلا ھەرگىز بىخەتەر بولالمايمىز دەپ قارايدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تەھدىت. بۇ بىر ھەقىقەت».

گوردون چاڭ ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان: «غەربتىكى ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قارشى بىر ھەرىكەتكە ئۆتكىنى يوق. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكنىڭ بەدىلىنى تۈلەتكىنى يوق. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت يېقىن كەلگۈسىدە خىتايغا قارىتا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتەمدۇ؟» دېگەن سوئالنى سورىدۇق.

گوردون چاڭ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى خىتاي بىلەن ياخشى ئۆتۈشۈم كېرەك دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ئەھمىيەتلىك تەدبىر قوللىنىشنى خالىمايدۇ. بىلەمسىز، بايدېن ھۆكۈمىتى 1948-يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنى تىلغا ئالغاندا خەلقئارا تەرتىپنى ئاساس قىلغان قائىدىلەرنى سۆزلەيدۇ، بۇ ئەھدىنامە ئىمزا قويغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا قارشى ھېچقانداق ئەھمىيەتلىك تەدبىر قوللانمىدى. شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى كومپارتىيەگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ھەرىكەت قوللانمىغانلىقى نومۇسسىزلىق. بۇ دۆلەتلەر ئۈستىدىكى داغ. خىتاي نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇۋاتقانلار ناھايىتى قورقۇنچ. بولۇۋاتقانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت. نەتىجىدە، خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتكە ئۆتمىدى. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن بىر داغ. ئەخلاقىي جەھەتتىن خىتاينىڭ قىلغان جىنايەتلىرىنى چۈشىنىدىغان ۋە ئەيىبلەيدىغان پۇقرالار خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت جىنايەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدۇ. خىتاي، پۇقرالارنىڭ بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇ بېسىم تۆۋەندىن كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا بېسىم تەلەپ قىلىدۇ. بىز بۇ جىنايەتنى توسىيالايمىز. بىلەمسىز، ئارىمىزدا ۋىجدانلىق ئىنسانلار بار. ئۇلارنىڭ ھەق-ناھەق تۇيغۇسى يوقالمىدى. ئەپسۇس، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللىي رەھبەرلەر ئەخلاق تۇيغۇسىنى يۇقاتتى. ئۇلار ھەق-ناھەق ئېڭىنى يوقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئەخلاقىي جەھەتتىن خاتا، چۈنكى خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. جىنايىتى ئېنىق. بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇ ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. بۇ ھەقىقەتەن خاتا».

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى سىياسىتى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مۇھىم قارار ۋە قانۇنلارنى ماقۇللىغانىدى. لېكىن، گوردون چاڭغا ئوخشاش كۆزەتكۈچى، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ۋە بىر قىسىم سىياسەتچىلەر مەزكۇر قارار ۋە قانۇنلارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەسكىن ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايكگاللاگېر يېقىندا «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» غا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە كىشىلەر پۇل تاپتى، ئەمما گىئو-سىياسەت جەھەتتە ۋەزىيەت ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ ناچارلاشتى» دېگەن. مايك گاللاگېر ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى بېيجىڭنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىندۈرۈش تەكلىپىنى سۇنغان.

ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى سابىق ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت ئى. لىتىزېر ئامېرىكانىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە خىتاي تەھدىتى ۋە چارىسى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىسىدە ئامېرىكانى خىتايدىن ئىستراتېگىيەلىك ئايرىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرغان. روبېرت لىتىزېر «بۇ، ئايرىلىشنى دەرھال ئىجرا قىلىش كېرەك دېگەنلىك بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى پەيدىنپەي ۋە تەشكىللىك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك»، دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق رىقابەتنىڭ ئىقتىسادىي فرونتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك فرونتىدىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى بار بولۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىكەن. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:

»بىز ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ھەربىي كرىزىستىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشمىز كېرەك. خىتاينىڭ شېرىك دۆلەت ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى كۆزلەۋاتقان دۈشمەن رەقىب ئىكەنلىكى بىزگە ئايدىڭلىشىپ بولدى».

ئۇ يەنە، ئامېرىكا خىتايغا تاقابىل تۇرۇپ، خىتاينى چەكلىمىسە خىتاينىڭ دۇنيانى كونترول قىلىۋېلىشى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر خىتاي دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ بولغاندا ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇنى كونترول قىلىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

گوردون چاڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاينى بەك قىيىن ئەھۋالغا قۇيىدىغان ئىقتىسادىي كوزىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پۇلنىڭ خىتايغا ئېقىشىنى توسۇش بەك مۇھىم ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بازىرىغا ۋە خىتاي سانائەت دۇنياسىغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش، يېنىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى خىتايدىن ئوتتۇرا ئامېرىكا رايونىغا يۆتكەش كېرەك ئىكەن.