ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى سۆز قىلىشنى توختاتمايمىز»
2021.03.30

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 27-مارت بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گايلې مانچىن ۋە مۇئاۋىن رەئىسى تونىي پېركىنسكە قارىتا جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار يەنە كانادا ئۆكتىچى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى مايكىل چوڭغىمۇ ئوخشاش جازا تەدبىرىنى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بېيجىڭنىڭ بۇ جازا تەدبىرى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە كانادانىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى» نى ئەيىبلەپ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئىزچىل «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلەپ، ئۆزىنى ئاقلاپ كەلگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى باياناتتىمۇ بۇ جازا تەدبىرلىرىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقى» ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشقا قەتئىي بەل باغلىدى ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەرنى ۋەزىيەتنى ئېنىق چۈشىنىشكە چاقىرىدۇ. ئۇلار شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە سىياسىي كونتروللۇقنى ۋە ھەر قانداق شەكىلدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك. بولمىسا قولىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ».
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 29-مارت خىتاينىڭ بۇ جازا تەدبىرىنى ئەيىبلەپ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. مەزكۇر باياناتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان جازا تەدبىرى ئاساسسىزدۇر. بۇ جازا پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا تەنقىد ۋە تەكشۈرۈشىنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت».
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گايلې مانچىن باياناتتا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بۇ خىل جىمىقتۇرۇش تاكتىكىسى كارغا كەلمەيدۇ. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى سۈكۈت قىلمايدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارشى سۆز قىلىشنى توختاتمايمىز».
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تونىي پېركىنس مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ئاساسسىز جازاسى كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى يۈزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدىكى قورقۇتۇش تاكتىكىسىدۇر. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلاپ بەردى».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن 27-مارت ئۆزىنىڭ تۋېتتىر ھېسابىدا بۇ جازا تەدبىرىگە قارىتا مۇنداق دەپ يازغانىدى: «بىز خىتاينىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئىككى خادىمىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى پەقەت شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى خەلقئارانىڭ يېقىندىن كۆزىتىشىگە تۆھپە قوشىدۇ، خالاس».
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كوتىنمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دىنى ئىشلار كومىسسارلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ھەققانىي ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنى نىشان قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئەمەلدارلارغا تېخىمۇ كۆپ جازا بېرىشتىن باشقا، ئامېرىكا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى كېرەك، ئامېرىكا شىركەتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىنى ختايدىن يۆتكىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغان دۆلەتتىن يۆتكىشى كېرەك».
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىرىنىڭ بىرى بولغان گەرى بائۇئىر بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ناھايىتى مەمنۇنىيەت بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى ناھايىتى قاتتىق ۋە كەسكىن پوزىتسىيەدە بولدى. مەن ھەتتا ئىككى جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغان رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسىمىزگە ئازراق ھەسەت قىلىپ قالدىم. مېنىڭ خىتايدىن ‹مەن نېمە قىلسام ئاشۇ تىزىملىككە كىرەلەيمەن› دەپ سوراپ باققۇم بار. مەنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى خېلى ئاكتىپ ئىدىم. كومىسسار نۇرى تۈركەل ۋە مېنى بۇ تىزىملىكتىن ‹چۈشۈرۈپ قويۇشى› مېنىڭچە كوممۇنىست بيۇروكراتلار رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسكە جازا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئېنىقراق ئوتتۇرىغا قويالايمىز، دەپ ئويلىغان».
خىتاي جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەنلەرنىڭ قاتارىدا كانادا ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى مايكېل چۇڭمۇ بار بولۇپ، مايكىل چۇڭ پارلامېنتنىڭ دائىمىي ئىشلار ۋە خەلقئارا تەرەققىيات دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇ بۇ ئايدا سۇنغان دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدىغان ۋەھشىيلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن.
كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو خىتاينىڭ بۇ جازا تەدبىرىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت» دەپ ئاتىغان. ترۇدو 27-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ تۋېتتىر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بىز خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق قوغدايمىز».
پارلامېنت ئەزاسى بولغان مايكېل چۇڭ «خەلقئارالىق پوچتا» گېزىتىگە بەرگەن تېلېفون زىيارىتىدە بۇ «جازا» نى «شەرەپ مېدالى» سۈپىتىدە تاقايدىغانلىقىنى، خىتايغا ساياھەتكە بېرىش پىلانى يوقلۇقىنى شۇڭا بۇ جازانىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى، ئېيتقان. ئۇ يەنە بۇ جازا تەدبىرىنىڭ كانادادىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دىققەت تارتىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ترۇدو ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
26-مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك خىتاينى تەنقىد قىلغان بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە تۆت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون بۇنىڭغا ناھايىتى تىز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال قويغان پارلامېنت ئەزالىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي تەتقىقاتچىسى ئاندىرس كور ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈپ خاتا قىلدى»، دېدى. ئۇ بۇ خاتالىقنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى، چۈنكى، بۇ جازا تەدبىرى ناھايىتى چوڭ ئىنكاس قوزغىدى. ئىلىم ئەھلىلىرى، مۇخبىرلار، سىياسىيونلار خىتاي جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەن كىشىلەرنىڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت تارتتى. ھەتتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كاناداغا ئوخشاش ئاشۇ جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغان كىشىلەر تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ».
دوكتور ئاندىرس كور ئەپەندى يەنە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرلىرى بىلەن خىتاينىڭ بۇ ئەللەرنىڭ ئەمەلدارلىرىغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە ئامېرىكانىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرى بەكرەك ئۈنۈملۈك، چۈنكى ئېنىقلا ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتايغا بېرىشى ناتايىن، ئەمما خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئامېرىكادا ئوقۇيدۇ، ئامېرىكادا ئۆيى، مال-مۈلكى بار. ھەتتا ئامېرىكادا سالغان مەبلەغلىرى بار. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، ئامېرىكا دېموكراتىك بىر دۆلەت شۇنداقلا قانۇننى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت. ئامېرىكانىڭ يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرلىرى خىتاينىڭ ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› يۈرگۈزۈۋاتقان ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرى. ئەكسىچە خىتايدەك خەلق سايلىمىغان، قانۇنسىز بىر ھۆكۈمەتنىڭ جازا تەدبىرى ئېلان قىلىدىغان ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ».
گەرى بائۇئىر ئەپەندى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا مۇنداق خىتاب قىلدى: «مەن خرىستىئان. بىلىشىمچە ئۇيغۇرلار ئاساسەن مۇسۇلمان خەلق. مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا دەيدىغىنىم ئامېرىكادا دىنى كومىتېتقا ئوخشاش ئورگانلارلا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قالماستىن بەلكى، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان مىليونلىغان خرىستىئانلار بار. بىز دۇئا قىلىشنى داۋام قىلىمىز ۋە شۇنداقلا بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز».