خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇۋاتقان شىركەتلەر ھەققىدە ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇرلارمەسىلىسى مۇھىم نۇقتا بولدى

0:00 / 0:00

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولۇۋاتقان شىركەتلەر ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىننىڭ كۆرسەتمىسىدە، خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدىن ئېرىشكەن غايەت زور پايدىسى، ئەمما ئىقتىسادى كۈچلەنگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىشى، ھەممە جايدا كەڭ-كۆلەملىك تەقىپ-نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، ئىنتېرنېت تورى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىشى، ھالبۇكى مۇشۇنداق قەبىھ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ بۇ جىنايەتكە داۋاملىق شېرىك بولۇشى ۋە بۇ ھەقتە نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ پىكىر-بايانلىرىنى ئاڭلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىكى (DHS) نىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس (Robert P. Silvers)، ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، «ئامېرىكا ئىككىنچى: ئامېرىكا سەر خىللىرى قانداق قىلىپ خىتاينى كۈچلۈك قىلىپ قويدى؟» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئىساق ستون فىش (Isaac Stone Fish) قاتارلىقلار دۇنيادىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكى، يەنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان شېرىكچىلىكى، بۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ ئۇلار يەنە خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇش مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھۆكۈمەتكە بەزى تەكلىپلەرنى بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى كرىس سىمىس (Chris Smith) يىغىننىڭ كىرىش قىسمىدا سۆز قىلىپ، 1990-يىللاردىن باشلاپ كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا زۇلۇم سېلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، دىنىي ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى ئەشەددىي ئۇسۇلدا قىينىغانلىقى، خورلىغانلىقى ۋە ئىچكى ئورگانلىرىنى سۇغۇرىۋالغانلىقىنى، تۈرمە-لاگېرغا سولىغانلارنى قۇل ئەمگىكىگە سالغانلىقى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە ساتقانلىقىنى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىختىيارىي يىغىلىشلارنى چەكلىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا بۇ خىل زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى جېف مېركىلى (Jeff Merkley) يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى ئېزىش قىلمىشىنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقى، جىنايەتلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ بەكمۇ كېڭىىيپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىدىن پايدا يەۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى پاختىدىن تارتىپ ماشىنا زاپچاسلىرىغىچە تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا ئېسكپورت قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بىز ئامېرىكادا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ئالما، ھىلتون، ئامازون، ئەيربىن(Airbnb)، NBA قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرگە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتتۇق. كومىتېتىمىز ئامېرىكادىكى كارخانىلارنىڭ خىتايغا شېرىك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈچۈن ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى ئىمزالىغانىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى مەك گاۋرېن، سېناتور ماركو روبىيو، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سىمىس قاتارلىقلار باش بولۇپ تۈزگەن بۇ قانۇن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سودىسىنى قىلغان شىركەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى قوغداپ كەلمەكتە».

ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىكى (DHS) نىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش سۈرئىتىمىز تېز، كۈچلۈك ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش شەكلىدە بولۇۋاتىدۇ. تېز دېگىنىمىزدە، بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى ۋاقىت جەدۋىلىمىز ناھايىتى زىچ؛ كۈچلۈك دېگىنىمىزدە، بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتىمىز. ئوپېراتسىيە قىلىش شەكلىدە دېگىنىمىزدە، مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تەركىۋىنى تەكشۈرۈپ باھالايمىز، سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلىمىز. بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنغان 2022-يىل 6-ئايدىن بۇيان شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىمىز قىممىتى 1 مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مالنى چېگرادا تۇتۇپ قالدى ۋە مال ئېكسپورت قىلغۇچىلارغا بىزنىڭ بۇ ئىشقا ئىنتايىن جىددىي قارايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويدى».

ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ئىساك ستون فىش بۇ يىغىندا بەرگەن مەلۇماتىدا، ئامېرىكانىڭ كۆپلىگەن داڭلىق شىركەتلىرىنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرپ: «10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا كارخانىلىرى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ كەتتى. ئامېرىكادا مەسىلىلەرنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار خىتايدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا بىر تەرەپلىمە قارايدىغان بولدى. ھېلىمۇ ياخشى بىزدە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› دەك ياخشى بىر قانۇن بار.» دېدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىلىپ-بىلمەستىن خىتاينى كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ: «مەن ھازىر ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرۈيمەن. خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئەزەلدىن بىر، خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ سودا-سانائەت بانكىسىغا يۆلىنىدۇ، خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتى ئەنە شۇ دۆلەت كارخانىلىرىغا تايىنىدۇ، ئۇلار كۈچلەنگەن ھامان ئامېرىكالىقلارغا قەست قىلىشقا باشلايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى (NBA) نىڭ سابىق ۋاسكېتبول ماھىرى، ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى ئەنەس كانتەر بۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ بىر تەنھەرىكەتچىدىن قانداق بولۇپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەمگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن NBA دىن ئايرىلسىمۇ، ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىغا ماڭغانلىقىدىن تېخىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭ دەۋايىم مەندىنمۇ، ۋاسكېتبولدىنمۇ، NBA دىنمۇ مۇھىم. مەن ئاشۇ بەختسىز كىشىلەرنىڭ ئاۋازى بولۇشقا داۋاملىق تىرىشىمەن» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى يىللاردىن بېرى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئورگان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارىدا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.