خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان

0:00 / 0:00

22-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار بۇ يىغىندا «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» ھەققىدە 10مىنۇتلۇق تەشىۋىقات ۋىدىيوسى كۆرسەتكەن ھەمدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نى سۆزلىتىپ خەلقئارا سەھنىدە ئوچۇقتىن ئوچۇق كۆز بويامچىلىق قىلغان.

كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دېرىكتورى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا بۇنچە چوڭ تەييارلىق قىلىشىنى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتتىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە باغلاپ چۈشەندۈردى.

خىتاينىڭ بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن نەچچە كۈن ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيبلىگەن، شۇنداقلا ب د ت ئېلان قىلغان نوپۇزلۇق ۋە مۇستەقىل دوكلاتنى دەلىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ھەقىقەتەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاينىڭ تۈرمە-لاگېرلارنى ئىشقا سېلىشتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش شەكلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاينى چەكلەيدىغان كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىش، بىرەر تەكلىپ ياكى قانۇن لايىھەسى سۇنۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى ۋە ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن خىتاينىڭ بۇ ئاخبارات يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بىرەر قارار چىقىرىشى ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات-ئۇچۇر مەركىزىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى تەكلىپ قىلغاندىن سىرت، خىتاينىڭ جىنايىتىگە قارشى پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىرىنىمۇ ئېلىپ كىرگەن. خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىندا شاۋكەت ئىمىن، ئايگۇل مەمەت، زۇلھايات ئىسمائىل، مۆھتەرەم شېرىپ، يالقۇن ياقۇپ قاتارلىق بەش «ئۇيغۇر ۋەكىل» نى ئېلىپ كېلىپ سۆزلەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ قاتارلىقلار خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «تەربىيەلەش مەركىزى» قۇرغانلىقىنى، شۇندىن بۇيان تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەنلىكىنى سۆزلىگەن بولسا، «تەربىيەلەش مەركىزىدىن چىققان شاھىت» ئايگۇل مەمەت ئۆزىنىڭ «بۇ مەركەزدە ئېسىل تاماق يەپ، ياخشى ئوقۇپ كەسپىي تەربىيە ئالغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلۇقى» نى سۆزلىگەن؛ ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل قاتارلىقلارمۇ ئۆز ساھەسى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ماختاپ سۆزلىگەن. زۇلھايات ئىسمائىل ئىلگىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمى ۋە بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ «ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇغۇش ماشىنىسى» دېگەن ھاقارىتىنى ئىنكار قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولغانىدى.

مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ يالغان شاھىتلارنى سۆزلەتكەن بىلەن ئۆزىنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى ئاغدۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا باشتىن ئاخىر ئۆزىنىڭ دېپىنى چالغان، يالغان بايانلىرىغا قارشى سوئال سورايدىغان مۇخبىرلارغا پۇرسەت بەرمەي، ئالدىراپ-سالدىراپ يىغىننى تۈگەتكەن. زۇمرەتئاي ئەركىن ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇنداق تەشۋىقاتىغا ئىشەنمىگەنلىكىنى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر قارار چىقىشىدا بۇنىڭ پايدىلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇچۇر-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاينىڭ شۇنچە خىزمەت ئىشلەشلىرى ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىغا قارىماي، خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئازىيىپ 28 گە چۈشۈپ قالغان. خىتايغا قارشى ئاۋاز بېرىدىغان دۆلەتلەر كۆپىيىپ 60 دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنداق بولۇشىدا، ب د ت نىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى مۇھىم رول ئوينىغان؛ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ دوكلاتنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا كىشىلك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن.