خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا ئۈستى-ئۈستىلەپ قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.08.11
خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا ئۈستى-ئۈستىلەپ قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان قامالدا قالغان بىر ئائىلە كىشىلىرى. ئۈرمچى، 2022-يىلى 5-ئاي
Social Media

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كارانتىن تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئاھالىلەر ئۇشتۇمتۇت  ئۆيلىرىگە قامالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىنلا چەكلىك بولغان تىرىكچىلىك يوللىرى پۈتۈنلەي ئېتىلىپ قالغان. كەنتتىكى ئاھالىلەر ئەگەر ئۆيىدىن  تالاغا چىقسا، ئاز دېگەندە 24 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. بۇ ۋەزىيەت ئاھالىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئاقساتقاندىن باشقا يەنە كۈندىلىك رىسقىنى كۈندىلىك تېپىپ يەۋاتقان ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ  دۇكانلىرىدىكى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلىرىنىڭ سېسىپ كېرەكتىن چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دا ئۇيغۇر رايونىنىڭ  خەتەرلىك دەرىجىسى بويىچە كاتېگورىيەلەرگە ئايرىلىپ كارانتىن تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىز بۇ تۈزۈمنىڭ كونكىرېت ئىجرائاتى ھەققىدە رايوننىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى ئىدارە-ئورگانلىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، دەرۋازىلارنىڭ پىچەتلەنگەنلىكى ۋە ئىشىكلەرگە قۇلۇپ سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا جىددىي ئېھتىياجى بولغان ئاھالىلەرگە نۆۋەت بىلەن سىرتقا چىقىش رۇخسىتى بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەمما توردىكى دېھقانچىلىققا ئائىت تېخنىكا جەھەتتىكى مەلۇماتلاردا، سۇغۇرۇش ۋە يىغىش قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك مەشغۇلاتلارنىڭ نۆۋەتلىشىش بىلەن بولمايدىغانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ كوللېكتىپ ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ خادىم، يوقۇرقى تەدبىرلەرنىڭ ئاھالىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن كۈندىلىك رىسقىنى كۈندىلىك تاپىدىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ، بۇ كارانتىننىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. توردىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىدە، بازار تاقالغانلىقتىن سېسىغان مېۋە-چېۋىلەر كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر ئىنكاستا، بازاردا كۆكتاتلارنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە كۆكتات يېتىشتۈرەلمەيۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيە سامىيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر خادىمى، ئاھالىلەرنىڭ ئېتىزلىققا نۆۋەت بىلەن نازارەت ئاستىدا ئاپىرىلىپ-ئەكىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيدىن تالاغا چىقىش ئەھۋالىنىڭ تېخنىكىۋىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئۈسكۈنىنىڭ «جىئەنجى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ۋىرۇس ۋەزىيىتىنى توردىن ھەر كۈنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى ۋە بىنا ئىشىكلىرىگە ئۆرنىتىلغان كۆزىتىش ئاپىراتىنىڭ نامى «جىئەنجى»، يەنى «ئامانلىق ساقلاش ئاپپاراتى» بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنە ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكىدىن چىقىشىنىلا ئەمەس، قورو تېمىدىن ئاتلاپ چىقىشىنىمۇ كۆزىتىش ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر بۇ تۈزۈمگە رىئايە قىلمىغانلار كۆرۈلسە، كەنت ئاھالىلەر كومېتىتى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىمىزدە ئاساسىي قاتلامدىمكى ئاھالىلەر كومېتىتلىرىنىڭ كۆپلەپ ئەمەلىي ھوقۇق بېرىلگەن ۋە غالجرلاشقان بىر يەرلىك ئورگان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. ئۇ بۈگۈنمۇ ئۆزى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، بۇ تۈزۈمنى بۇزغانلارغا 30 كۈندىن 60 كۈن ئارىسىدا تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مازار يېزىسىدىكى مەزكۇر ئامانلىق خادىمى، بۇ تۈزۈمنى بۇزغانلارغا ئاز دېگەندە 24 سائەت تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.