دۇنيادىكى يېتەكچى كۈچلەر مەسىلىسى ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان تېمىلاردىن بولۇپ، 17-ئەسىردە بىر قىسىم سىياسىي تەھلىلچىلەر «ئىسپانىيە كېيىنكى ئەسىردىن باشلاپ دۇنياۋىي يېتەكچى كۈچ بولۇپ بولۇپ قالىدۇ» دەپ قارىغان. 19-ئەسىرگە كەلگەندە يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار «بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيەسى ئاز دېگەندىمۇ كېيىنكى بىر ئەسىردە دۇنيانىڭ خوجىسى بولىدۇ» دېگەن. 1950-يىللاردا بولسا ئاز دېگەندىمۇ دۇنيا ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سوۋېت ئىتتىپاقىنى كەلگۈسىدە شۇنداق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، دەپ ئىشەنگەن. ئەمما كېيىنكى تارىخ بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىغان.
21-ئەسىرگە كەلگەندە خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى» بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلەر «پات يېقىندا خىتاي ئامېرىكادىن ھالقىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد ساھىبى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن يەكۈننى تەكىتلەشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئىقتىساد ۋە سىياسىي ساھەدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى ھۆكۈملەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ABC ئاگېنتلىقىنىڭ سودا مەسىلىلىرى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچىسى ئىيان ۋېررېندېر (Ian Verrender)نىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدا بۇ مەسىلىلەر ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەقتىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلار ۋە دوكلاتلار خىتاينى 2030-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد ساھىبىغا ئايلىنىدۇ، دەپ خۇلاسە چىقارغان. چۈنكى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا بەش پىرسەنتتىن ئېشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، 2050-يىلىغا بارغاندا، بۇ سان دۇنيادا يىگانە سەۋىيىگە يېتىدىكەن. لېكىن ئاپتور خىتاي ئېرىشىۋاتقان بۇ خىل تېز سۈرئەتلىك ئېشىشنىڭ داۋام قىلىشىغا گۇمانىي پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ زورايتىۋاتقاندا، خىتاي دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك خىرىسلار بۇ «شېرىن چۈش» نى تېزلا بەربات قىلىۋېتىدىكەن.
بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «ئاتلانتىك كېڭىشى» قارمىقىدىكى ئىستراتېگىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ماسيۇ كروينىگ (Matthew Kroenig) ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئۇنداق ئاددىي قارىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئالىقاچان بۇزۇلۇپ بولغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى دۇنياۋىي كۆلەم ئالغان ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرىكى «دوستلۇق» نى بارسا كەلمەس مەنزىلگە چۆرۈپ تاشلىغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن خىتاي بىلەن قايتىدىن يارىشىپ قېلىشى ھەمدە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۈچلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ. «مېنىڭچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك قارىمۇ-قارشىلىققا مۇپتىلا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھال مېنىڭچە ئاز دېگەندىمۇ كېيىنكى بىر-ئىككى ئەۋلات (رەھبەرلىك) ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىن كەلگۈسىدە ھەمكارلىق ساھەسىگە قايتىپ كېتىدۇ، دەپ قارىمايمەن. دەرۋەقە خىتاي ئۆزگەرسە، يەنى ئۇنىڭ ئىش-ھەركىتى ئوڭشالسا، بولۇپمۇ خەلقئارا ئىقتىساد ساھەسىنى ئالداش قىلمىشى تۈگىسە، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى توختاتسا، شۇنىڭدەك ئۆز قوشنىلىرىغا ھەربىي تەھدىت سېلىشنى تۈگەتسە شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھازىر بۇنىڭ ئېھتىماللىقى يوقنىڭ ئورنىدا. شۇڭا مەن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھازىر يېڭى ‹سوغۇق ئۇرۇش› قا كىرىپ بولدى، دەپ قارايمەن. ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتكە كەلسەك بۇنىڭ جاۋابى ئاددىي: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيە ۋە خىتاي تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرالايدىغان بىر يېڭى ئىستراتېگىيەگە مۇھتاج. ئامېرىكا ئۈچۈن بىرسىگە تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ يەنە بىرى بىلەن دوست بولۇشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى قالمىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىز ئۈچۈن تەھدىت. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى باراۋەر بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم. 2010-يىللىرىنى ئېلىپ ئېيتساق شۇ ۋاقىتتا ھېچكىم تېخى خىتاينى 2020-يىلىغا بارغاندا دۇنياۋى يېتەكچى كۈچ بولىدۇ، دەپ قارىمىغان. بۇ ھال ھازىرمۇ شۇنداق. ئامېرىكا دۇنيا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 23 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي بولسا بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ بولسا 16 پىرسەنتكە يەتتى. يەنە كېلىپ خىتاي ھازىر بۇ جەھەتتە بەكلا ئاستىلاپ قېلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى بەكلا سەت بۇزىۋەتتى. دەل مۇشۇ ئامىل خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ قويۇۋاتىدۇ. شۇڭا شەخسەن مەن خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ دۇنياۋى يېتەكچى كۈچكە ئايلىنالايدۇ، دەپ قارىمايمەن.»
پروفېسسور ماسيۇۋنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئائىلە قۇرۇلمىسى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىدا كۆرۈلگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ ئۇنىڭ نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» تەك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتايدىكى ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنىڭ كەلگۈسىنى بەربات قىلىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى ئەمگەك قوشۇنىنىڭ ياش چېكى بەكلا چېكىنىپ كەتكەن. بولۇپمۇ 2050-يىلىغا بارغاندا خىتاينىڭ ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسى 220 مىليونغا چۈشۈپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى سەۋىيەنىڭ بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. يەنە كېلىپ ئۇ ۋاقىتقا بارغاندا خىتايدا 65 ياشتىن ئاشقانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن.
«بۇمۇ خىتايدىكى يەنە بىر چوڭ مەسىلە. يەنە كېلىپ بۇ دىكتاتۇرلۇق ئاساسىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ ھەرقاچان ئەجەللىك ۋە خاتا بولغان قارارلارنى ئالىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مەجبۇرىي يوسۇندا بىر پەرزەنتلىك تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويدى. مانا ئەمدى بولسا بۇنىڭغا پۇشايمان قىلىۋاتىدۇ. بۇ نېمىدىن بىشارەت بېرىدۇ، دېسىڭىز خىتاي ھازىر باي بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتقا قارىغاندا بەكلا ‹قېرىپ كەتتى›. غايەت زور ساندىكى ياشانغان كىشىلەر پېنسىيە يېشىغا يەتكەنلىكتىن ئەمگەكنى قولغا ئېلىپ ئۇلارنى باققۇدەك ئەمگەك كۈچى كەمچىللىكى ھازىر بەكلا ئاشكارا نامايەن بولۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقالماسلىقىدا بۇمۇ بەك چوڭ رول ئوينايدۇ.»
خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ھەققىدىكى نۇتۇقلىرىدا شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم «شەرق كۆتۈرىلىۋاتىدۇ، غەرب بولسا چۆكۈۋاتىدۇ» دېگەن سۆزنى تەكرارلىغان. ئەمما ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچەيگەن. خىتاي بىلەن ئۇنىڭ «نامرات» ئىتتىپاقداشلىرى بولسا پروفېسسور ماسيۇۋنىڭ پىكرىچە بۇنىڭدا تېخىمۇ ئارقىغا دەسسەيدىكەن.
«بۇ بىر تۈرلۈك ئۈمىدكە تولغان ئارزۇ-ئارمان، خالاس. مېنىڭچە، رۇسىيە ۋە خىتاي ‹ئامېرىكا بىر ئوڭدا چۈشسە، ئۇنىڭ ئورنىنى بىز ئالساق› دېگەننى خېلى كۆپ ئارزۇ قىلغان. ئەمما رېئاللىق ئۇنداق بولمىدى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى 1960-يىلىدىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە دۇنيا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 20-25 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ھازىرمۇ بۇنىڭدا 23 پىرسەنتنى ئىگىلەۋاتىمىز. ئەگە بۇنىڭغا ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭكىنى قوشقاندا بۇ سان ئاللىقاچان 60 پىرسەنتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. خىتاي بولسا 16-17 پىرسەنتنى ئىگىلەشتىن نېرى ئۆتەلمىدى. شۇڭا خىتاينى بىزگە بۇ جەھەتتە يېقىنمۇ كېلەلمىدى، دېسەك خاتالاشمايمىز. ئەگەر بىز دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن خۇددى ھازىرقى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ھەمكارلاشقاندەك زىچ ھەمكارلىشىدىغان بولساق، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئاز دېگەندىمۇ كەلگۈسى يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدا داۋاملىق ھالدا دۇنيا تەرتىۋىنى بېكىتكۈچى ئاساسلق كۈچ بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. »
پروفېسسور ماسيۇۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى شى جىنپىڭدىن كېيىن دۇچ كېلىشى ئېنىق بولغان مەۋھۇم ۋەزىيەت ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زورىيىۋاتقان ھاڭمۇ خىتاينىڭ كەلگۈسىدە دۇنيا تەرتىپىنى بېكىتكۈچى يېتەكچى كۈچ بولالماسلىقىنى بېكىتكەن بىر مۇھىم ئامىل ھېساپلىنىدىكەن.
«بۇ يەردە بىرنەچچە خىرىسلار مەۋجۇت. بۇنىڭ ئەڭ چوڭى شى جىنپىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشىدۇر. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئۆلسە ياكى تەختتىن چۈشسە نېمە بولىدىغانلىقى مەسىلىنىڭ ئەڭ چوڭى. چۈنكى ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەر ئۈچۈن ھاكىمىيەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلات رەھبەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ھەرقاچان چاتاقنىڭ چوڭىنى پەيدا قىلىپ كەلگەن ئىشلارنىڭ بىرى. خەۋىرىڭىز بار، بىزنىڭ دېموكراتىيە ئاساسىدىكى سىستېمىمىزدا ھاكىمىيەت قانۇنىي شەكىللەر بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئەمما خىتايدا دېڭ شياۋپىڭدىن كېيىنكى رەھبەرلەرنىڭ ھوقۇقنى ئون يىل تۇتۇپ تۇرۇشى بىر سىستېمىغا ئايلانغان. ئەمما شى جىنپىڭغا كەلگەن بۇ تەرتىپ بۇزۇلۇپ كەتتى. شۇڭا ناۋادا شى جىنپىڭ بىر كېچىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئەتىسى نېمە ئىش بولۇشىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ: بەلكىم ئۇنىڭ بىرەر ھەقەمسايىسى ھوقۇقنى قولغا ئالار، بەلكىم ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئەۋج ئالار، ياكى بولمىسا خىتاي يەنە بىر قېتىم ئىچكىي ئۇرۇشقا گىرىپتار بولۇپ كومپارتىيە ھالاك بولار. قىسقىسى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىقى دۇچ كېلىدىغان خىرىسلارمۇ يېتىپ ئاشقۇدەك بار. بۇ (قىرغىنچىلىق مەسىلىسى) كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى باش نىشان قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە دېموكراتىكە ئەللەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ بىر زور تىراگېدىيە. شۇڭا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۇ مەسىلىدە دەسلەپكى قەدەم سۈپىتىدە ئاشۇ قىرغىنچىلىققا جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىش تەدبىرىنى ئالدى. شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق سودا ئىشلىرىغا بىر قاتار چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە شۇكى بۇ ماھىيەتتە ئىككى خىل ئىدىئولوگىيەنىڭ كۈرىشى، ھەرگىزمۇ ئىككى زور كۈچنىڭ بىر-بىرىگە روبرو بولۇپ جەڭ قىلىشى ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر دېموكراتىك گەۋدىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىر دۆلەتكە قارشى سۆز قىلىشى. شۇڭا مېنىڭچە بۇ خىل رىقابەتتە ئامېرىكا جەزمەن غالىپ كېلىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭغا توسقۇن بولغۇچى كۆپلىگەن ئامىللارمۇ بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى چۇۋۇلۇپ چىقماقتا ئىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە دۇنياۋىي يېتەكچى كۈچ بولۇش-بولالماسلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.