تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 2019-يىلى 12-ئايدا چاقىرىلغان 11-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ «يېڭىدىن ئاسىياغا يۈزلىنىش سىياسىتى» نىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ يىغىنغا رۇسيە، ئىران ۋە پەلەستىننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يىغىندا تۈركىيەنىڭ بۇنداق بىر سىياسەتنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تىجارىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. تۈركىيە مەزكۇر تاشقىي سىياسەتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ خىتاي ۋە رۇسيە فېدېراتسىيەسىگە يېقىنلىشىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشىنىڭمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى.
بۇ راستىنلا شۇنداقمۇ؟ يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى «يېڭىدىن ئاسىياغا يۈزلىنىش» ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دىپلومات كەزبان نىلۋانا داراما خانىم تۈركىيەنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتىنىڭ پەقەتلا خىتاينى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر سىياسەت ئەمەسلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يولغا قويغان بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇناسىۋەت ئورناتمايمىز. لېكىن شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇھىم. ئەمما بىز شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.»
باش ئەلچى نىرۋانا خانىم تۈركىيەنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە نۇرغۇن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ رايوندا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۇلار مۈرەككەپ مەسىلىلەر. بۇ مەسىلىلەر ئۆز ئارا توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئېھتىمالىمۇ بار. تۈركىيە بۇ مەسىلىلەردە ئېغىر-بېسىق ھالدا بۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەرنى خەلقئارا قانۇن بويىچە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز.»
ئىستانبۇلدىكى ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ پروفېسسورى قۇتاي قاراجا ئەپەندى يىغىندا قىلغان دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە 2009-يىلى تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىكتە قۇرغان «تۈرك كېڭىشى» نىڭ كۆڭۈل بولۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ‹تۈرك كېڭىشى› ھەل قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بىر مەسىلە. ‹تۈرك كېڭىشى› خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ‹تۈرك كېڭىشى› گە ئىشىكىنى ئېچىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ‹تۈرك كېڭىشى› ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
ئىستانبۇلدىكى بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئالتاي ئاتلى ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن تېخنىكا ۋە مەبلەغ ئەكىرىشىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتايدىن تېخى تۈزۈك مەبلەغ كەلمىگەنلىكىنى، تۈركىيەگە چەت ئەلدىن ئەكىرگەن مەبلەغنىڭ 74 پىرسەنتىنى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەر سالغان مەبلەغ ئىكەنلىكىنى، 4 پىرسەنتىنى ياپونىيە سالغان مەبلەغ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي سالغان مەبلەغنىڭ پەقەتلا 1 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېچىلىش سىياسىتى 1999-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا پەقەتلا خىتايغا قارىتىلغان ئىكەن. لېكىن 2019-يىلى بارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى جاكارلىغان. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايىتى ئېنىق ئۇيغۇر سىياسىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
26-مايدىن 27-مايغىچە تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭىدىن ئاسىياغا يۈزلىنىش سىياسىتىدە پۇرسەتلەر ۋە قېيىنچىلىقلار» ماۋزۇلۇق يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكادىكى شىمالىي ئىللىيونېس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ ماگىستېر ئوقۇچىسى سەدا يازغان ھاجىبۇلىج خانىم مۇنداق دېدى: «يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مۇساپىرلىرىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇماتلار ئاڭلاندى. مەنچە، ياخشى بىر يىغىن بولدى.»
مەزكۇر يىغىننى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەمەت ۋەخپىسى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مالايسىيا تەتقىقات مەركىزى ئورتاق ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا تۈركىيەنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلىرىمۇ سۆز قىلدى.