خىتاي مۇستەبىتلىكىنىڭ كېڭىيىشى - دۆلەت ھالقىغان ساقچى پونكىتلىرى
2022.10.21
خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت سىرتىدا، چەتئەلدىكى «جىنايەت گۇماندارلىرى» نى يۇرتىغا قايتىپ سوتلىنىشقا «قايىل قىلىدىغان» ساقچى سىستېمىسى تورى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى(Safeguard Defenders) بۇ ساقچى سىستېسىمىغا ئائىت 30 دۆلەتتىكى 54 پونكىتنى ئېنىقلاپ چىققان.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «خىتاي گېزىتى» («China Daily») نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا جىنايەت سادىر قىلغان دەپ گۇمان قىلىنغان 230 مىڭ كىشى خىتايغا قايتىش ئۈچۈن «قايىل قىلىنغان».
مەزكۇر ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىسى چەتئەلدىكى خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بولۇپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى بۇ قانۇنسىز ساقچى سىستېمىسىغا ھەتتا بەزى خىتايچە تور گېزىتلىرى ۋە خىتايلار تەرىپىدىن ئېچىلغان ئاسىيا ئاشخانىلىرىمۇ چېتىلىپ قالغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى لاۋرا ھارىف خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، كونسۇلخانا مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەش نامىدا قۇرۇلغان مەزكۇر مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى «گۇماندارلار» نى بايقاش، قورقۇتۇش ۋە ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن ھەر خىل قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى پىلانلاش ئىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان «مەجبۇرىي قايتۇرۇش» ناملىق دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۆكتىچىلەرنى ئاساسلىق نىشان قىلغان بولۇپ، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جىنايى ئىشلار ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ ھەرىكەت قىلغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى لاۋرا خانىم زىيارىتىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ياكى خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرىنى نىشانلىغانلىقىغا ئائىت كونكرېت ئىسپاتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، بىراق خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ بۇ ساقچى پۇنكىتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، ئېلخېتىدە مۇنداق دېدى: «بىز بارلىق دېموكراتىك ئورگانلارنى خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغاندا، ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دوكلات قىلىش ۋە قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىشقا چاقىرىق قىلىمىز».
يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارادا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى پولات سايىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ سەۋەبى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي مەقسەت توغرىسىدا توختالدى.
ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاسىتىسى «پوچتا گېزىتى» (EL correo) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىسپانىيەگە توققۇز قانۇنسىز ساقچى پونكىتى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، دوكلاتتا يەر ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ خىتاي ساقچى پونكىتى قۇرۇلغان دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
ئىرېلاندىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ (The Irish Times) خەۋەر قىلىشىچە، دۇبلىن شەھىرىدىكى خىتاينىڭ قانۇنسىز ساقچى پونكىتى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى پارلامېنتتا بۇ ھەقتە تۈرلۈك سوئاللارغا دۇچ كەلگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىمون كوۋېنېي(Simon Coveney) بۇ ھەقتە خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بولغان «سۆھبىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى» ئېيتقان.
ئەدلىيە مىنىستىرى ھەلىن مەكەنتى Helen) McEntee) ئىپادە بىلدۈرۈپ: «دۆلەت ئىچىدە چەتئەل ساقچىخانىلىرىنىڭ ئامانلىق پائالىيەتلىرىنى يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى» ئېيتقان.
«مەجبۇرىي قايتۇرۇش» ناملىق دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەۋە بەزى مەنبەلەر بۇ ساقچى سىستېمىسىنىڭ ئون يىل بۇرۇن قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاسىتىسى «پوچتا گېزىتى» (EL correo) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى پېتېر داھلىننىڭ ئېيتىشىچە، ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ھەقىقىي سانى ئېنىقلانغان رەقەمنىڭ بەش ھەسسىسىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ «مەجبۇرىي قايتۇرۇش» ناملىق دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك ساقچى ۋە ئەدلىيە ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىغا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.
لاۋرا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە ئامانلىق تاكتىكىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەلدىكى ساقچى پائالىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇس بۇ ئەھۋال ھازىرغىچە نۇرغۇن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى قوزغىمىغان. لاۋرا خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز خىتاي ۋە خوڭكوڭ بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى، باشقا ئەدلىيە ۋە ساقچى ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنىڭ جىددىي تەكشۈرۈلۈشىنى ۋە بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئورگانلىرى ۋە شەخسلەرگە قارىتا جازانى يۈرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى بۇ دوكلات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىت سېلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چەتئەلدىكى «جىنايەت گۇماندارلىرى» غا بىۋاسىتە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىنى تۈرمىلەرگە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كەڭ كۆلەمدە قامىغان، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەن ۋە بۇ ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت جەلەپچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا سالغان تەھدىتلىرى ۋە قايتىشقا زورلاش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.