مائارىپ ساھەسىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.04.07
aral-shehirige-xitaydin-kelgen.kochmenlerge-teuuarlanghan-oyler.jpg خىتايلار كەڭ قوللىنىدىغان تىكتوك ئارقىلىق تارقالغان ۋىدىيولاردا كۆرسىتىلگەن، خىتاي كۆچمەنلەرگە تەييارلانغان قاتار ئۆيلەر. 2020-يىلى مارت، ئارال شەھىرى.
Social Media

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئاۋۋال خىتاي دائىرىلىرى، «تىبەتكە ۋە شىنجاڭغا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق ياردەم بېرىش پىلانى» بويىچە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رايونغا بىخەتەر، ۋاقتىدا كىرىشىگە ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.

داخې خەۋەرلىرى تورىنىڭ 3-ئاپرېل تارقاتقان سۈرەتلىك خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ ئاخىرى «شىنجاڭغا كىرىپ بولۇش پىلانى» بويىچە، خېنەن ئۆلكىلىك مائارىپ تارماقلىرى خېنەن ئۆلكىسىدىن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» كە تىزىملاتقان توققۇزىنچى تۈركۈمدىكى، جەمئىي 249 نەپەر ئوقۇتقۇچى شىنجاڭ ۋە خېنەن ئۆلكىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بىڭتۇەن 13-پولك، قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە سەپلەنگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا «تەڭرىتاغ تورى» خەۋىرىدە شاڭخەيدىن ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 170 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن، پوسكام، قاغىلىق ۋە مارالبېشى قاتارلىق تۆت ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 15 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، تۇنجى تۈركۈمدە سەپەرگە چىقىدىغان 185 ئوقۇتقۇچىنىڭ 170 نەپىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بارسا، ئاران 15 نەپىرىلا تىبەتكە بارىدىكەن. «تىبەت ۋە شىنجاڭغا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق ياردەم بېرىش پىلانى» نىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئىكەنلىكى مەلۇم.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىتىدىغان «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە خوتەن ۋىلايىتى ھۆددە ئايروپىلان، مەخسۇس پويىز ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 3-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 15 تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىش ئورنىغا قايتقان 80 ئوقۇتقۇچى ئولتۇرغان ئايروپىلان خوتەن ئايرودرومىغا قونغان. بۇ ئوقۇتقۇچىلار گۇيجۇ ئۆلكىسىدىن كەلگەن.

خەۋەردە، ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونى ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئىش ئورنىغا تولۇق قايتىپ كېلىدىكەن. بۇ ھەقتە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋاڭ جىۋېن بۇ ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 18 مىڭ 800 كىشىنىڭ، ئۆز قەرەلىدە دەرس باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش، مەخسۇس پويىزنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز قەرەلى بويىچە ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«جۇڭگو مائارىپ تورى» نىڭ «تىبەتكە ۋە شىنجاڭغا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق ياردەم بېرىش پىلانى» ھەققىدىكى ئىزاھاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا مائارىپتا ياردەم بېرىش شى جىنپىڭ بىلەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتى شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم قارارى ھەمدە مۇھىم تەدبىرى» ئىكەن. قارارغا ئاساسەن خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىق 2018-يىلى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن «ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش پىلانى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىغا تۇنجى تۈركۈمدىكى 4000 يېڭى ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىلگەن. 2019-يىل يەنە 3180دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر رايونى مائارىپ سېپىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتاۋاتقان «مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى» بويىچە جەمئىيەتتىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئېلانلىرىدا، گەرچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ بىر يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە توختام بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دائىرىلەرنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا، ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ تارماقلىرىدىن تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قىلغان تېلېفونلىرىمىز ئىچىدە ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ««شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسى» نىڭ تېلېفونى ئۇلاندى.

سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۇ مائارىپ خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاتۇشتىكى مەكتەپلەرگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاتۇش خېبېي ئۆلكىسى نۇقتىلىق نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاساسلىق خېبېيدىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ياردەمگە كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر 8 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئاتۇشقا كېلىپ ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا، 2-ئوتتۇرا ۋە بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىنغان.

بۇ خادىم يەنە، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزى مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ 8 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچى ئاتۇشتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا ئاسانلا كۆنۈپ، توختام ۋاقتى توشقاندىن كېيىنمۇ خۇشاللىق بىلەن ئاتۇشتا داۋاملىق قېلىشنى قارار قىلغان. بۇنى ئۇ مائارىپ ئىشلىرىدىكى زور نەتىجە سۈپىتىدە تەرىپلىدى.

بىڭتۇەننىڭ قۇمۇلغا جايلاشقان 13-پولكىنىڭ مائارىپ ئىدارىسى خېنەن ۋە خېبېيدىن 9-تۈركۈمدە كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل كادىرلىرىدىن بىرى تېلېفوننى ئالدى. ئۇنىڭ جاۋابلىرى، بىر يېرىم ياكى ئىككى يىللىق توختام بويىچە قىسقا مۇددەتلىك ياردەم بېرىش دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «شىنجاڭغا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق ياردەم بېرىش پىلانى» نىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا ھەر تۈرلۈك باھانىلەردە خىتاي نوپۇسى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قايتا دەلىللىدى.

ئۇ بۇ نۆۋەت «مائارىپ سېپىگە جەمئىيەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا چوقۇم خىتاي بولۇش شەرتى بىلەن قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا، ئۇ «پەقەت ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۈزلەندۇق، مىللەت ئايرىمىسىغا چەكلىمە يوق» دېدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلار ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئۇنىڭدىن جەمئىي قانچە ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ جايدا قانچە ئۇزاق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «تىزىملاش تېخى داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئادەم ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بولىدۇ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار توختامى توشقاندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق رايوندا قېلىشنى خالىسا، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە نوپۇس ۋە ئىستاژىنى يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىمىز. قېلىش-قالماسلىق پۈتۈنلەي ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەيلىگە باغلىق» دەپ جاۋاب بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇدىرى، كانادادىكى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش مائارىپقا ياردەم ۋە باشقا باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي نوپۇسىنى يەرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى بولسا تارقاقلاشتۇرۇپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنىڭ ئوخشاش بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ، «خىتاينىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك تېررىتورىيە دەپ ئېتىراپ قىلغان، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان بۇ تراگېدىيە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيەسىگە ئۇچراش مەسىلىسىدىن ھالقىپ، پۈتۈنلەي مۇنقەرزلەشتۈرۈشتەك ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.» دەيدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ يۈگۇاڭ ئىلگىرى «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نېمە؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئاخىرقى كۈچەش مەزگىلىگە كىردى. مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مائارىپ ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قارىتىلدى، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى يەسلى، مەكتەپ، تەجرىبىخانا، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تورىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ھازىر خىتايدا 16 مىليوندىن كۆپرەك كىشىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بار ئىكەن. شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا «پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى بولۇش كېرەك» دەپ تەلەپ قويغان بولۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بولسا، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ستىراتىگىيەسىدىكى مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ». مەلۇم بولۇشىچە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەمەلدىن قېلىپ، پۈتۈن مائارىپ خىتايچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەن بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلىدا دەرس بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.