ئانالىزچىلار: خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ باغ-ۋاران تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ بېرىلىشى تالان-تاراج سىياسىتىدۇر

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.11.25
xoten-yangaq-eng-kona-derixi.jpg خوتەندىكى 1400 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ياڭاق دەرىخى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA

2017-يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئۈندىدار، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە، نوپۇسى ۋە كىملىكىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەشنى خالايدىغان خىتايلارنىڭ ھەقسىز تۇرالغۇ ئۆي، تېرىلغۇ يەر، مېۋىلىك باغ ۋە قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىقات خەۋەرلىرى كۆپەيگەن.

تەشۋىقات مەقسىتىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ خىلدىكى خەۋەر ۋە يېقىندا ئاشكارىلانغان بىرقانچە سىن فىلىملىرىدا ئۇيغۇرچە كىيىنگەن خىتايلارنىڭ يېڭىدىن ئىگە بولغان باغلارنىڭ ياڭاق، چىلان، ئالما قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى داڭلاپ سېتىۋاتقانلىقى، ياشانغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بولسا ئۇلارغا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتكەن.

مەزكۇر سىن فىلىملىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇرچە دوپپا ۋە ئۇيغۇرچە كۆڭلەك كىيگەن بىر خىتاي ئەرنىڭ ئۆزىگە قاغىلىقتىكى مەلۇم بىر ياڭاقلىقنىڭ يېقىندا تەقسىم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، قاغىلىقنىڭ ئۇيغۇرلار «قەغەز ياڭاق» دەپ ئاتايدىغان ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان نېپىز پوستلۇق ياڭاقنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى داڭلاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن سودىگەر چاقىرىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم چىلانزارلىقنى ھۆددىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي ئايال بولسا، ئۆزىنىڭ بېغىدىكى يەرلىك چىلان بىلەن خىتاينىڭ تاللا بازارلىرىدىكى چىلاننى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇق رايونلاردا ئۆسىدىغان يەرلىك چىلانلارنىڭ، تاتلىق-چۈرۈك ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ باغنى ھۆددىگە ئالغان ئىككى يىلدىن بۇيان خېرىدارلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، بېيىغانلىقىنى بايان قىلغان. (ئاۋز)

مەزكۇر سىن فىلىمىدا يەنە بۇ خىتاي ئايالنىڭ بېغىدا ئىشلەۋاتقان ياشانغان بىر جۈپ ئۇيغۇر بوۋاي-موماينىڭمۇ سېيماسى بار بولۇپ، خىتاي ئايال فىلىمدا ئۇلارنىڭ يەرلىكتىكى نامرات دېھقانلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلارنى بېغىدا ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ بېقىمسىز قالغان ياشانغان ئۇيغۇرلارغا پۇل تېپىش ئىمكانىيىتى بەرگەنلىكىدىن ماختانغان.

بۇ خىلدىكى سىن فىلىملىرىدا يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالمىلىق باغلار، نەشپۈتزارلىقلار، كېۋەزلىكلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەنە بىكارلىق ئۆي، تېرىلغۇ يەر، مېۋىلىك باغ بېرىش سىياسەتلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئىپادىلەنگەن.

ھالبۇكى، 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا باشلانغان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى تۇتقۇن قىلىشلاردا لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر دېھقانلىرى تەشكىل قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2019-يىلدىن كېيىن ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تۈگەتتى» دەپ خەۋەر بېرىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا لاگېر ئىچىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى، ئامېرىكادىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي باستۇرۇشىنى «قىرغىنچىلىق ۋە تالان-تاراج سىياسىتى» دەپ شەرھلەشكە بولىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت بويىچە قىرغىنچىلىق ۋە تالان-تاراج قىلىش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار، ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى تاتار، چېچەن ۋە باشقا مىللەتلەر ئۇچرىغان «گۇلاگ» نامىدىكى ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامىلىپ، تۇرالغۇ ئۆيلىرى، بايلىقلىرى تالان-تاراج قىلىنغان قىرغىنچىلىقنىڭ تەكرارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا مەخسۇس مۇشۇ خىلدىكى تالان-تاراج قىلىنغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەر-زېمىنلىرى، باغ-ۋارانلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، لاگېرلارغا قامالغان زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرنىڭ دېھقانلارنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۆي-ماكانلىرىنىڭ «كەپە ئۆيلەرنى رەتلەش» نامىدا چېقىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ كۆچۈرىۋېتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زۇبەيرە خانىم يەنە دېھقانلارنىڭ يەرلىرى «قايتا تەقسىم قىلىش» نامىدا يىغىۋېلىنىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىنىشىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلات-باياناتلىرىدا غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل رادىكال باستۇرۇش سىياسىتىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە تالان-تاراج سىياسىتى دەپ ئاتاش تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتلار

ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىل جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.