يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە. ئۇلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان ۋىدىيولاردا، 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ، رايوندا تۈرلۈك ئىمتىياز ۋە ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا.
2017-يىلدىن 2022-يىلغىچە ئېلان قىلىنغان بۇ تەشۋىقات ۋىدىيولىرىدا، رايوندا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەلۇم مىقداردا تېرىلغۇ يەر، مېۋىلىك باغ، ھەقسىز تۇرالغۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققى قاتارلىق ئىمتىياز ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى 2023-يىلدىن كېيىن تارقىتىلغان ۋىدىيولاردا، خىتايدا 3 يىل داۋام قىلغان «كورونا ۋىرۇسى» قامالى سەۋەبلىك، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادى ناچارلىشىپ، ۋەيران بولغان خىتاي تىجارەتچىلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ پۇرسەت ئىزدەپ ئۇيغۇر رايونىغا يەرلىشىۋاتقانلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان.
2023-يىلىدىن باشلاپ ئاقسۇدىكى تارىم نېفىتلىكىدە نېفىت بۇرغىلاش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر خىتاينىڭ چىقارغان ۋىدىيوسىغا قارىغاندا، ئۇ 3 يىللىق يۇقۇم قامالىدىن كېيىن، ئىچكى ئۆلكىلەردە ئىقتىساد ناچارلىغانلىقى ئۈچۈن، ئىش ئىزدەپ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەنىكەن. ئۇنىڭغا ئوخشاش خىتايلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن.
ئۇ سۆزىدە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاپاۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوخشاش نېفىتلىكتە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئايدا 6000 يۈەندىن 9000 يۈەنگىچە تاپىدىغانلىقىنى، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ 10 مىڭدىن يۇقىرى مائاش ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۈەنگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن داۋاملىق ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ۋە ئېلانلار بېرىلمەكتە.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا ۋە بىڭتۈەنگە يەرلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى گەنسۇ، سىچۈەن، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن كەلگەنىكەن. گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تورىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2018-يىلدىن بۇيان گەنسۇدىكى نامرات دېھقانلارنى كۆچۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدا، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارى ۋە بىڭتۈەنگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. گەنسۇ ھۆكۈمەت تورىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئېلان قىلغان 2024-يىللىق دېھقانلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسلىق نىشان ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىقتىسادىي تەتقىقاتچىسى جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەشۋىقاتلارنىڭ مەقسىتى، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» نى، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» نى نىشان قىلغان ئىكەن.
جېڭ شىگۇاڭ مۇنداق دېدى: «تەشۋىقات نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بۇ شى جىنپىڭنىڭ ‹جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش نىشان قىلىنغان. شۇڭا بۇنى ‹خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى› دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. »
جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى بۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭ كۈچىيىشىگە يەنە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي ئىقتىسادىدىكى زور چېكىنىشنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە، ماتېرىيال ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان سودا يولىنى ئېچىشتا، شىنجاڭنى مەركەز قىلىش ئارقىلىق غەربنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچماقچى. يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، ئىران-رۇسىيەنى لىنىيە قىلغان ئىقتىساد چەمبىرىنى قۇرۇپ چىقماقچى. ئىران ۋە رۇسىيە ئامېرىكا ئېمبارگو قويغان دۆلەتلەر بولغاچقا، بۇ لىنىيە خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا شىنجاڭ ئۇنىڭ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغان نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدا خىتاي كۆچمەنلىرى داۋاملىق كۆپەيسە، بۇ جايدا قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. شۇڭا بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى جەلپ قىلىش تەشۋىقاتى كۈچىيىۋاتىدۇ» .
جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 يىللىق يۇقۇم قامالىدا خىتاينىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىدىكى ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىشىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ جان باقىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى جەلپ قىلىشىدىكى ئاخىرقى مەقسىتى، بۇ رايوننى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي كۆچمەنلىرى يوللىغان تەشۋىقات ۋىدىيولىرى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ كۆچمەنلەر مەيلى قانداق باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا ماكانلاشسۇن، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇش رولىنى ئوينايدۇ» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.