غەرپ دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار بىردەك «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان كومۇنىزىم ئىدېئولوگىيەسى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 1921-يىلى 1-ئىيۇلدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان يۈز يىل ئىچىدە تەدرىجى ھالدا خىتايدىكى ھۆكۈمران ئىدىيەگە ۋە ئورۇنغا ئىگە شەيئى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي قۇۋۋەت ساھىبى بولۇشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ، تاشقى دۇنياغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تۈرلۈك تەنقىد ۋە مۇھاكىمىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولۇشقا باشلىدى. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخ ياراتقانلىقىنى ھەمدە بۇ جەرياندا ئاجىزلىقتىن زورايغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىگە دەستەك قىلىۋاتقاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) «بىر ئەسىرلىك زۇلۇمنىڭ تەبرىكلىگۈدەك ھېچنېمىسى يوق» دېگەن تېمىدىكى تور مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى.

1-ئىيۇل كۈنى چاقىرىلغان يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىق قىلىۋتقان «يۈز يىللىق شانلىق تارىخ» ھەققىدىكى قاراشلىرىغا بېغىشلاندى. يىغىن رىياسەتچىسى، د ئۇ ق نىڭ خادىمى زۇمرەتئاي ئەركىن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ يىغىننىڭ مەقسىدى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغان ۋە زورايغان بىر ئەسىرلىك تارىخنىڭ ئەمىلىيەتتە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ زۇلمەتلىك بىر ئەسىر بولغانلىقىنى، بۇ بىر ئەسىرلىك تارىخنىڭ زۇلۇمدىن باشقىنى پەيدا قىلمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەچ بۇ ھەقتىكى تەپىسلاتلارنى ھەرقايسى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ يۈز يىللىق خاتىرىسىنى ۋاراقلاۋاتقاندا ئەملىيەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بارغانسېرى يامانلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زالىملىقى ئېشىپ مېڭىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئېزىشى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىقلارنىڭ بۇ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، تاشقى دۇنيادىكى ھەرقايسى كۈچلەر بىرلەشكەندىلا بۇ رەزىل ھاكىميەتكە قارشى تۇرۇش ھەمدە ئۇنى تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا چۆرۈپ تاشلاشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى.
تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى پارلامېنتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى پېنپا سېرېڭمۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، مېھمانلار قاتارىدا ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ دولقۇن ئەيسا ئوتتۇرىغا قويغان «يۈز يىللىق تارىخ ئەمىلىيەتتە زۇلۇم ۋە بېسىمدىن باشقا ھېچنەرسە ياراتقىنى يوق» دېگەن پىكىرنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك «ھۆكۈمران بولغۇچى بىر گۇرۇھ ئەڭ ئەقەللىسى ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان خەلقنىڭ يۈزىگە ئەڭ ئەقەللى سەۋىيىدە تەبەسسۇم يۈگۈرتۈشكە قادىر بولالىغاندا ئاندىن ‹تەبرىكلەش› دېگەندىن ئېغىز ئاچسا بولىدۇ. ئەمما زۇلۇمدىن باشقىنى يارىتالمىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ ھېچنېمىدىن خىجىل بولماستىن يۈز يىللىقنى تەبرىكلەش ھەققىدە سۆز قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ» دېدى.
بۇ قېتمقى يىغىنغا د ئۇ ق قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئىلشات ھەسەنمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئىلشات ھەسەن سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارىخنى ۋاراقلىغاندا باشقىسىنى قويۇپ «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن بۇيانقى 32 يىللىق مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتا ئۆز «خەلقى» دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىرىپ تاشلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا قاماپ 21-ئەسىردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇنىڭ خوڭكوڭ ۋە باشقا جايلارغا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. شۇنداقلا بۇنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ناتسستلار ۋە فاشىستلارنىڭ قىلمىشىنى ئاشۇرۇپ تەكرارلىغانلىق بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ يىلتىزى ۋە مەنبەسى بىر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنداق بىر پارتىيەنىڭ «يۈز يىللىق خاتىرە كۈن» پائالىيىتىنىڭ بەكمۇ مەسخىرىلىك بىر تارىخىي ھادىسە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا خىتايلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرى قاتارلىق ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان ئىدى. شۇلاردىن خىتاي ئادۋۇكات تېڭ بياۋمۇ ئايرىم سۆز قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغان يۈز يىلدىن بۇيان بارلىققا كەلگەن بايلارنى يوقىتىش، زىيالىلارنى يوقىتىش، يىغىۋېلىش لاگىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش ئىنسانىيەتكە قارشى تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ يىلسېرى ئېشىپ ماڭغانلىقىنى، دىكتاتورلۇقنىڭ كۈندىلىك نورمىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقى 3-ئىمپېرىيە دەۋرىدىن بۇيانقى ھەرقانداق ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتنى بېسىپ چۈشىدۇ، دەپ قاراشنىڭ قىلچىمۇ مۇبالىغە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى ۋەكىللەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر ئەسىرلىك زورىيىش تارىخىدىن قانداق ساۋاقلارنى ئېلىش مۈمكىنلىكى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەر، شۇنداقلا دۇنيا خەلقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان دۈشمەنلىكلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا نېمىلەرنى قىلىش مۈمكىنلىكى قاتارلىق تېمىلار بويىچە سۇئال جاۋابلار بولۇپ ئۆتتى. يىغىن ئەھلى ئاخىرىدا بىردەك «زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكنى ئاساسىي ھۆكۈمرانلىق تېمىسى قىلغان بۇنداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ بىر ئەسىرلىك خاتىرە كۈننى تەبرىكلىشى ماھىيەتتە زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكنىڭ بىر ئەسىر داۋام قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىككە باراۋەر» دېگەن ئورتاق پىكىرگە كەلدى. بۇ ھەقتىكى باشقا تېمىلار يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە مۇھاكىمە قىلىندى.
خۇددى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى نىككى خالېي ئۆزىنىڭ فېيسبوك (يۈزدىدار) بېتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگىرلارنىڭ سۈرىتىنى قوشۇپ ئۇچۇر يوللاپ «خىتاي كومپارتىيەسى مەۋجۇت بولغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ھەمدە بۇ جايلاردا ئازاپ چېكىۋاتقان بىر مىليون ئۇيغۇرنى ئۇنتۇمايمىز. چۈنكى بۇ كۈن خىتايدا قۇربانلىققا ئايلانغان ئىنسانلار ئۈچۈن ھازا ئېچىلىدىغان كۈن» دېدى.