شى جىنپىڭنىڭ يۈز يىللىق تەبرىك نۇتقى: بېشارەتلەر ۋە تەھدىتلەر

0:00 / 0:00

1-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىدە زور كۆلەملىك ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيىتى تەشكىللىنىپ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك خەۋەر قىلىنغان دۇنياۋى تېمىلاردىن بولۇپ قالدى. ھالبۇكى بۇ خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىل مەۋجۇت بولغانلىقىغا بولغان ھەيرانلىق ئەمەس، بەلكى بۇ بىر ئەسىرلىك جەرياندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەچچە ئون مىليون خىتاي پۇقراسىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغانلىقى، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ پارتىيەنىڭ يەنە شۇنچە ئۇزۇن مەۋجۇت بولغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللار كۆپرەك ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇزۇن نۇتقىدىكى «بىز ھېچكىمنى بوزەك قىلمىدۇق ياكى قۇل قىلمىدۇق. شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ بىزنى بوزەك قىلىشى ياكى قۇل قىلىشىغا قاراپ تۇرمايمىز. كىم شۇنداق قىلماقچى بولىدىكەن ئۇنىڭ بېشى يېرىلىپ، قېنى ئاقىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەڭ كۆپ نەقىل ئالغان جۈملىلەر بولدى.

بولۇپمۇ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان بىر شەخسنىڭ نەچچە يۈز مىڭ ئادەم توپلانغان چوڭ مەيداندا بۇ خىل سۆزلەرنى قىلىشى غەرب دۇنياسىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى بەكمۇ ھەيرەتتە قالدۇردى. بولۇپمۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەرقاچان دىپلوماتىك تىل ئۇسلۇبىدىكى سۆزلەرنى قىلىشىغا ئۆگىنىپ قالغان غەرب دۇنياسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل سۆزلىرىنى «لۈكچەكلەرچە ئۇسلۇبتىكى تەھدىت» دەپ قارىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرىدىن ئەنجا مانۇل CNBC ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە «خىتاي رەئىسىنىڭ بۇ خىل مىللەتچىلىك تۈسىنى ئالغان قاتتىق ئاھاڭدىكى سۆزلىرى شى جىنپىڭ ئۈچۈن بەكمۇ نورمال بىر ھادىسە. ئۇ مۇشۇ ئارقىلىق خىتاي ياشلىرىنىڭ قېنىنى قىزىتىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇنىڭغا راۋۇرۇس ئىنكاس قايتۇرمىسا بولمايدۇ. روشەنكى بۇ ھال ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ يامانلىشىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى» دېدى.

گەرچە شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى سۆزىدە بىرەر كونكرېت دۆلەتنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب دۇنياسىدىكى ئانالىزچىلار بۇ سۆزلەرنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا «دۈشمەن كۈچ» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغانلىقىنى تېزلا ئوتتۇرىغا قويدى. BBC ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە شى جىنپىڭنىڭ «بېشىنى يەنجىپ قېنىنى ئاققۇزۇش» ھەققىدىكى سۆزلىرى كەسكىن تەنقىدلىنىپ «روشەنكى بۇ بايدېن ھۆكۈمىتىگە يوللانغان ئۇچۇر. شى جىنپىڭ بۇ ئارقىلىق ‹بىز ھازىر قۇدرەتلىك. بىز بىلەن ئويناشما› دېگەن مەزمۇندىكى تەھدىتلىك ئۇچۇرلارنى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يادىغا سالماقچى» دېيىلدى. .

شۇ قاتاردا «نيو-يورك ۋاقتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «دەۋر» قاتارلىق كۆپلىگەن چوڭ گېزىت-ژۇرناللارمۇ بەس-بەستە ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىق خاتىرىدە كۈنىدە «ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش»، «يەرلىك مىللەتچىلەرنى يوقىتىش»، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»، «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» قاتارلىق زور ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا نەچچە ئون مىليونلاپ خىتاي پۇقرالىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ناتىسستلارچە لاگېر قۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. شۇلار قاتارىدا ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرى بولغان «دۇنيا بىر» خەۋەرلىرى بۇ جۈملىلەر ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بىز ھېچكىمنى قۇل قىلمىدۇق ھەم قىلمايمىز› دەيدۇ. ئۇنداق بولسا لاگېرلارغا قامىلىپ قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نېمە دەيدۇ؟» دەپ سوئال قويدى. .

بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تېلېۋىزىيە مۇھاكىمىسىدە خىتاي دۆلىتىگە خىتاي كومپارتىيەسى رەسمىي ھالدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان 72 يىلدىن بۇيان ھازىرغىچە خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارا بازارغا يۈزلەنگەن بىرەر ئاپتوموبىلنىمۇ ياساپ چىقالمىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستىرتىن ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ھېسابىغا باي بولغانلىقى، نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان سىياسىي ھەرىكەتلەردە نەچچە ئون مىليونلاپ خەلقنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئەمدىلىكتە ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ ئۆلۈم گىرداۋىدا تۇرۇۋاتقانلىقى دېگەنلەر ئەسكەرتىلىپ؛ «خىتاي ھەرگىزمۇ ئۆزلىرى ئېيتقاندەك قۇدرەتلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ماۋ زېدوڭنى دوراپ شۇ يوسۇندا كىيىنگەن بۇ رەئىسى ئۆزىنى ماۋ زېدوڭغا ئوخشىتىش، شۇنىڭدەك ئاشۇنداق تەھدىتلىك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېڭىدىن تىكلىنىۋاتقان مۇستەبىتلىك ئورنىنى قوغدىماقچى» دېدى. .

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئېلشات ھەسەن بۇ مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ رەئىسى بولغان شى جىنپىڭنىڭ بۇ قەدەر قوپال ئىبارىدە سۆز قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىدە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ نۇتقىدا «باشقىلارنى قۇل قىلىش، باشقىلارنى بوزەك ئېتىش» دېگەندەك ئىبارىلەرنى كۆپ قېتىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلار ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئ‍ېغىزمۇ سۆز قىلمىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مەنمەنچىلىكىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئىپادىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. .

شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «خىتاي ئۆزىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى پەش قىلىۋاتىدۇ» دەپ شەرھىلەۋاتقاندا ئىلشات ھەسەن بۇنىڭ خىتاينىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنىڭ ئەمەس، بەلكى تارىختىكى «كۈچلۈكلەرگە شىلتىڭ ئېتىپ ھالاك بولغان» دۆلەتلەرنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھالاكەتكە مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

1-ئىيۇل كۈنى سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى ئەمەلىيەتتە بىر ئەسىر داۋام قىلغان قىرغىنچىلىق بولدى. ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە خىتاي كومپارتىيەسىچىلىك كۆپ ئادەم ئۆلتۈرمىگەن» دەپ كۆرسەتتى.