يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100-يىللىق يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «سىياسىي پارتىيىلەر يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كوممۇنىست پارتىيەلەر ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. پاكىستان رەھبىرى ئىمران خان «خىتاي لېدىرلىرىنىڭ ئادالىتى ۋە مەرھەمىتى» نى ماختىغان بولسا، پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس «خىتاينىڭ پەلەستىنگە قىلغان ياردىمى» گە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، مەزكۇر يىغىنغا 120 دۆلەتتىن 500 سىياسىي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر يىغىندا «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقانلىقى» غا ۋە «كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنى سىياسىيلاشتۇرىۋاتقانلىقى» غا قارشى چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.
يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىلىرىنىڭ بىرى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغان ھەرقاييسىي ئەللەردىن كەلگەن سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشكەن. يىغىندا رۇسىيىنىڭ سابىق پىرزدىنتى مېدۋىدېۋ ۋە قازاقىستاننىڭ سابىق دۆلەت رەھبىرى نەزەربايېف سۆز قىلىپ، «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسى» نى ئىپادىلىگەن.
مەزكۇر يىغىن ھەققىدە «سەربەستىيەن گېزىتى» دا تەپسىلىي بىر خەۋەر پروگراممىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر خەۋەرنى تەييارلىغان ژۇرنالىست ئونۇر ئەركان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى شەرھىيلەپ ئۆتتى: «مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كوممۇنىست سىياسىي پارتىيەلەر ۋە خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى خىتاي تەرىپىدىن سىياسىي كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە خەلقئارادا سىياسىي نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى تەكىتلىشى بۇ قۇرۇلۇشتىن پايدىلىنىۋاتقان، بولۇپمۇ ئۆز دۆلىتىدىكى ئىقتىسادىي سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسىي مەسىلىلەرنى خىتايدىن كېلىدىغان مەبلەغ بىلەن يېڭىشنى ئويلىغان سىياسىيونلار ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىقىندا ئېچىلغان G7 دۆلەتلىرى يىغىنىدا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا قارشى ‹دۇنيا تەرتىپىنى يېڭىدىن قۇرۇش» نامىدا بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بايدېن ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ۋە نەتىجىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىغا قارشى ئىپادە بىلدۈرەلمەيۋاتقان دۆلەتلەرگە قارشى ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ۋە غەربتىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر تۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بايدېننىڭ پوزىتسىيەسى سەۋەبىك خىتاي ئەندىشەلەنگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.»
بۇ يىغىنغا تۈركىيىدىن دوغۇ پېرىنچەكنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «ۋەتەن پارتىيە» سىدىن 1200 كىشى قاتناشقان، ئۇنىڭدىن باشقا ئاق پارتىيە ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىنمۇ ۋەكىللەر قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مەكتۇپ يوللىغان بولۇپ، مەزكۇر مەكتۇپ تۈرك ئاخباراتىدا ۋە جۇمھۇر رەئىس ئىشخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنمىغان. بىراق خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رەجەپ تايىپ ئەردوغان مەكتۇپتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلقىگە جۇمھۇرىيەت قۇرۇشتا يول كۆرسەتكەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا يىڭى بىر سەھىپە ئاچقانلىقىنى، ئىككى دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ دىيالوگ سىستېمىسىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيەدەك بىر دۆلەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە ئوخشاش پۈتۈن دۇنيادا لەنەتلىنىۋاتقان بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ 100-يىللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ تولىمۇ نۇمۇس قىلارلىق بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق تۈركىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاۋام-خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكىمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە بۇ قۇرۇلۇش ئەتراپىدا شەكىللەنگەن ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن جىددىي قارىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سىياسەتنى چەكلەش ئۈچۈن ئەتراپلىق تەدبىر تۈزىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتماقتا.