خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم سىياسىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان خەلق قۇرۇلتىيىغا دائىر خىزمەتلەرنى تېخىمۇ «مۇكەممەللەشتۈرۈش» بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ھال 14-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت يىغىنى» دا شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىدىمۇ تولۇق ئەكس ئەتكەنىدى. دەرۋەقە بۇنىڭدىن ئىلگىرى غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ھاكىممۇتلەقلىقىنى خىتايدىكى قانۇنلاردىن ھەمدە دېموكراتىيە سىستېمىسىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بۇ ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە قانۇن-تۈزۈم مەسىلىسىگە دائىر بىر قاتار يوليورۇقلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو بىر قوللۇق ئۇيۇشتۇرغان «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت يىغىنى» دا ئەينەن تەكرارلاندى. 22-دېكابىر كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىندا چېن چۇەنگو نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنى سەككىز تۈرلۈك نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ بايان قىلدى. بۇ بايانلاردا ئاساسلىق قىلىپ «خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ھەمدە ئۇنىڭ تۈزۈلمىسىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەندە دېموكراتىيە تېخىمۇ ياخشى جارى بولىدۇ؛ شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېگەن قاراش ئالغا سۈرۈلىدۇ.
چېن چۇەنگو سۆزىدە شى جىنپىڭغا تەقلىد قىلىپ «بارلىق خىزمەتلەردە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى «شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بولغان بىردەكلىك» ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سۆزىدە بۇ خىل بىردەكلىكنىڭ ئىدىيەدە، سىياسىي قاراشتا ھەمدە كونكرېت ھەركەتتە تولۇق ئەكس ئېتىشىنى شەرھلەپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ خىل «بىردەكلىك» دەل «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كاپالىتى» دېيىلىدۇ. ئەمما ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە بۇ خىل «بىردەكلىك» نى ماھىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ۋاسىتىلىك ئىنكاسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
چېن چۇەنگونىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى نۆۋەتتىكى سىياسىي خىزمەتنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك» نامىدىكى «باش نىشان» خىزمىتى بولغان. مەزكۇر «باش نىشان» نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى قانۇنچىلىق خىزمىتى بىلەن زور دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك قانۇنچىلىق خىزمىتى «باش نىشان» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق خىزمەتنىڭ مۇشۇ «باش نىشان» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزلىگەن ھالدا داۋام قىلىشى لازىملىقىنىمۇ چېن چۇەنگو ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «باش نىشانى» نى بىر قىسىم غەرب ئالىملىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» دەپ ئاتىغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ خىل «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» شەكلىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ كۆپلىگەن ئىسپاتلىرى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ئومۇمىي خىزمەت نىشانى» ھەققىدە سۆز بولغاندا جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دەيدۇ. .
«ئەمما ھازىرقى مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ھەرقانداق نارازىلىق، قارشىلىق ۋە نامايىش ياكى بولمىسا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ‹زور ۋەقە› دەپ خەۋەر قىلىنىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا ‹تېررورلۇق› دېيىلىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاي بويىچە ھەمدە پۈتكۈل كومپارتىيە ئىچىدە ئەنە شۇ خىل يوسۇندا بايان قىلىنىدۇ. مېنىڭچە خېلى زور كىشىلەر بۇ خىل تەشۋىقاتقا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭدەك ‹شىنجاڭ ھازىر بەكلا قالايمىقان ۋە تولىمۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىپتۇ› دەپ ئويلايدۇ. ئئەمەلىيەتتە بولسا شىنجاڭدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغان ھادىسىلەر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا كۆپلەپ يۈز بەرسىمۇ بۇنىڭ خاراكتېرى ھەمدە بۇنىڭغا قارىتىلغان سىياسەت ھەرقاچان شىنجاڭدىكىدىن باشقىچە بولىدۇ. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن تارتىپ، بولۇپمۇ 2015-يىلىدىن بۇيانقى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق بۇ خىلدىكى سىياسەتتە كۆپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، شى جىنپىڭ مىللىي ئىشلار كومىتېتىنى ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىن پارتىيە سىستېمىسىغا يۆتكىدى، كېيىنچە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىمۇ شۇنداق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇنلار پارتىيەنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە بولىدىغان بولدى. ئەمما بۇ جەرياندا ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› شوئارى داۋاملىق توۋلىنىپ تۇردى. شى جىنپىڭمۇ ‹شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى›دا ئېنىق قىلىپ ‹ماددىي ياردەم ئارقىلىق شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمىدى. ئەمدى بۇنى ئىدىيەۋى خىزمەت شەكلىدە تاماملاش كېرەك› دېدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ‹قايتا تەربىيەلەش› خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتاي كومپارتىيەسى مۇشۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى».
ئۈرۈمچىدىكى «خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت يىغىنى» دا تەكىتلەنگەن ھەمدە كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر مۇھىم نۇقتا «بۇندىن كېيىنكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە كومپارتىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» بولغان. بۇ بويىچە بولغاندا خىتاينىڭ قانۇن تۈزۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى قانۇن تۈزۈش خىزمىتى پۈتۈنلەي كومپارتىيەنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن بەكمۇ غەيرىي ئاڭلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا بۇنىڭ ئاللىقاچان ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. .
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بولۇپ، مۇشۇ شوئار ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان بىر قاتار سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى «ئۆزگەرتىش» داۋام قىلماقتىكەن.