خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىللىق خىتاينىڭ چاغان بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاتالمىش «چاغان بايرىمىلىق خۇشال كەيپىيات» يارىتىلغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قەدىمىي شەھەر قەشقەردە يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىل پانۇسلار بىلەن بېزەلگەن كوچىلارنى تاماشا قىلىپ، «چاغان بايرىمىلىق خۇشال كەيپىيات» قا چۆمگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان. «تەڭرىتاغ تورى» دا يەنە 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە گۇاڭجۇدىكى بېيجىڭ يولىدا «گۇاڭدۇڭ بازىرى بىلەن شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈلگەن» چاغانلىق ئالاھىدە بازارنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. مەزكۇر خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، شۇنداقلا تونۇر كاۋىپى، زىقلىق كاۋاپ، سامسا قاتارلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى قاتارلىق سەنئەت نومۇرلىرىنى گۇاڭجۇغا ئېلىپ كېلىپ، «تەڭرى تېغى بىلەن جۇجياڭ دەرياسىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى» نى كۈچەيتىش تەشۋىق قىلىنغان.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق ناملاردا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز بايرىمى قاتارلىق مىللىي ۋە دىنىي بايراملىرىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ چاغان ۋە باشقا بايراملىرىنى مەجبۇرلاپ تېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ ۋە ئازابلىنىۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭچە، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۇنچە ئاسان بۇزۇۋېتىلىدىغان ياكى يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە ئەمەس. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان كۈچلۈك ئېتىقادى، قەيسەرلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر يىلتىزى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ ھەر بىر قۇم دانىسىغا ۋە ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن. مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقىدىكى ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەم كۈچىدۇر. ئۇيغۇرلار پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئېتىقاد ئەنئەنىلىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان بىر خەلقتۇر. شۇڭا مەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىمەنە سەپسەتەلىرى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك تەشۋىقاتلىرى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى چوڭقۇر ئورنى بىلەن رىقابەتلىشىشكە ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ، دەپ قارايمەن! »
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 18-يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تور تىجارەتچىلىرىنىڭ 2024-يىللىق چاغانلىق «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى توردا سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلانغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى مولچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن تۈرلۈك قۇرۇق مېۋىلەر ۋە ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرى تور ئارقىلىق سېتىلىشقا باشلىغان.
گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، لاگېرلار باشلانغاندىن بۇيان خىتاينىڭ چاغان قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىق شەكىللەردە مەجبۇرىي تېڭىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ھارام يېمەكلىكلەر ۋە چوشقا گۆشى تەركىبى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە مەجبۇرلاش، ھاراق ئىچىشكە قىستاش، خىتايلار بىلەن بىللە غىزالىنىشقا زورلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ «خىتاي دۆلىتىگە كومپارتىيەگە ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە بولغان ساداقىتىنى سىناش» قا ئۇرۇنغان ئىكەن.
ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولغان مېھرىئاي مەمتېلى خانىممۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل شەكىلدىكى «يۇمشاق» ۋە «قاتتىق» ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئەنئەنىۋى بايرام ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى يوق قىلىشقا، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى خىتايدىكى بېيجىڭ، چاڭشا ۋە شېنياڭ قاتارلىق 3 چوڭ شەھەردىن باشقا 4-نەق مەيدان نۇقتىسىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىكەن.