خىتاينىڭ ئافغانىستاندا كۈچىيىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.08.19
afghanistan-xitay-shi-jinping.jpg خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا ئابدۇللا بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا كۆرۈشتى. 2016-يىلى 17-ماي.
AP

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا تەسىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. يېقىندا ئانادولو ئاگېنتلىقىدا ژۇرنالىست ھالىل سىلاھشۆرنىڭ «خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرى كۈچى كۈندىن كۈنگە روشەنلىشىۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن كۈچ بوشلۇقىنى خىتاينىڭ تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى يورۇتۇلغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاننى تەسىرى ئاستىغا ئىلىش پائالىيىتى ئافغانىستان پادىشاھى مۇھەممەت زاھىر شاھ (1933-1974) زامانىدىن باشلانغان بولۇپ، خىتاي پۇشتۇ ۋە دارىجا تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن 1960-يىللىرى ئافغانىستانغا بىر نەچچە مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن، 2000-يىلى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى تالىبان لىدېرى موللا ئۆمەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا چوڭ سودا ۋە ئەسكىرى كېلىشىمنامە ئىمزالانغان. يېڭى تەخمىنلەرگە قارىغاندا، يۈزدىن كۆپ خىتاي شىركىتى ئافغانىستاندا نېفىت ۋە گاز قىدىرىش، مېتال كانچىلىقى، خەۋەرلىشىش، يۆتكەش ۋە ھەربىي ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.

بىز خىتاينىڭ ئافغانىستاندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھالىل سىلاھشۆر ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، خىزمەت ئورنىدىن رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئاتاۋۇللا ئەپەندىم، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تەسىرىنىڭ ئېشىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي تەڭپۇڭلۇققا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى ۋە ئافغانىستاننىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە پىكرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشى، خىتاينى رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىران ۋە پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پەۋقۇلئاددە يېقىن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تەسىرىنىڭ ئېشىشى خىتاينى رايوندا تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ‌. ئامېرىكانىڭ ھەربىي جەھەتتىن رايوندىن چېكىنىشى خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرىنىڭ ئېشىشىغا ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، مەيلى سىياسىي، مەيلى بىخەتەرلىك، مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن، ئافغانىستان خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي بۇرۇندىن تارتىپ ئافغانىستانغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.»

تالىبان بىلەن خىتاينىڭ رايون سىياسىتىدىكى يىقىنلىقى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشى ئۈچۈن مۇھىم ھەمكارلىقلاردىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى يانۋاردا، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى ياۋ جىڭ، تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى سىياسىي جەريانغا قېتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاي ئافغان تالىبانلىرىنى سىياسىي كۈچ دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ» دېگەن. بۇندىن بۇرۇن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن، خىتاينىڭ تاجىكىستاندا، ئافغانىستان چېگراسىغا ۋە ۋاخان كارىدورىغا يېقىن رايوندا ھەربىي بازا قۇرۇپ چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تالىبان بىلەن ھەربىي ساھەدە زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىگە ئوخشاش رايونلاردا خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە تېخنىك خادىملىرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، بۇ ۋەزىپىنىڭ بەدىلىگە خىتاينىڭ تالىبانغا ھەر خىل قورال-ياراغ تەمىنلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

خىتاي بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن مۇھەممەت ئاتاۋۇللا ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: «تالىبان ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا يول قويمايدۇ. خىتاي بۇنى باشتىن باشلاپ تالىباندىن تەلەپ قىلىپ كەلگەن، تالىبانمۇ ۋەدە بېرىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئارزۇلىرى يوققا چىقىدۇ. كېلەچەكتە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. تالىباننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا تالىبان ئۇيغۇرلارنى ئافغانىستاندىن كېتىشكە زورلىشى ياكى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مومكىن. مۇھىمى خىتاينىڭ تالىبان بىلەن ھەمكارلىشىشى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇيغۇرلارغا شۇ سىگنالىنى بېرىدۇ. مەزكۇر جايلاردىكى جىھادى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقىي ئىتتىپاقداش بولمايدىغانلىقى، بۇلارنىڭ دىنىي ياكى ئىنسانىي شوئارلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى جەلپ قىلىشى ئەمەلىيەتتە سىياسىي مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن دۈشمەن ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا‌ ئۆزىگە تايىنىشى ۋە خىتاي بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان، خىتايغا دۈشمەن بولالايدىغان چوڭ كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى ئىزدىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت سىگنالنى بېرىدۇ.»

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي رۇسىيەدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە چېگراسى بولغان دۆلەت بولۇپ، خىتاينىڭ رۇسىيە، ياپونىيە، ھىندىستان، كورېيە قاتارلىق كۆپىنچە قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن زېمىن تالاش-تارتىشى ۋە ئەسكىرى توقۇنۇش تارىخى مەۋجۇت ئىكەن. چېگرىداش دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن بىۋاسىتە چېگرا مەسىلىسى ۋە ئەسكىرى توقۇنۇش تارىخى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ئەسكىرى زىددىيەت تارىخى بولمىغان (تاجىكىستان-پاكىستان-ئافغانىستان) قاتارلىق غەربى چېگراسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق ئورنىتىش ئارقىلىق غەربى رايونىدىكى چېگراسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا ئىكەن. ھالىل سىلاھشۆر ماقالىسىدە ئىراننىڭ، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ۋە تالىبان بىلەن ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدىكى رولى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان. ماقالىدە خىتاينىڭ تالىبانغا قورال-ياراغ ياردىمىنى پاكىستان ئارقىلىق ئەمەس، ئىران ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ پاكىستاننى مەزكۇر ھەمكارلىقتىن ئۇزاق تۇتۇشى پاكىستانغا 2-3 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ھالىل سىلاھشۆر بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي باشقا قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دوست دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان ئىتتىپاق (پاكىستان-ئافغانىستان-تاجىكىستان) قۇرۇش ئارقىلىق غەربى ئاسىيادىكى چېگراسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئىران خىتاينىڭ مەزكۇر ئىتتىپاقنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ‌. ئىران ھەر يەرگە يامرىغان چېچەك كېسىلىگە ئوخشايدۇ.»

خىتاينىڭ ئافغانىستان، تاجىكىستان ۋە پاكىستان چېگرالىرى ئارقىلىق ئىرانغا ۋە ئىراندىن تۈركىيەگە ئۇلانغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيمەكتە ئىكەن. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە دۇچ كېلىشى ياكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر خىتاينىڭ ئافغانىستاندىن ئىران ئارقىلىق تۈركىيەگە ئۇلانغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىدىن ئەندىشىلەنمەكتە.

كۆچ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى ياقۇپ مۇھەممەت خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىگە قارىتا تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدىكى سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› تەشەببۇسىنى كۈچەيتمەكچى ۋە ئوتتۇرا شەرققە بولغان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن ياۋروپاغا تۇتاشقان رايوننى بىخەتەر رايونىغا ئايلاندۇرماقچى. بۇ خىل ئەھۋالدا خىتاينىڭ تۈركىيەگە بولغان ئېھتىياجى بار، تۈركىيەنىڭمۇ خىتايغا بولغان ئېھتىياجى بار. تۈركىيە ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان تىجارەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ياشاش ۋە ئولتۇراقلىشىش جەھەتتىكى كۆپ تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيەسىنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.»

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي زىددىيىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى نامرات ۋە ئىچكى نىزا تۈگىمىگەن دۆلەتلەردە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەت ئىلىپ بېرىشى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە قارشى سىياسىي ئىتتىپاق قۇرۇش خىيالىنى مەنبە قىلغان بۆلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.