خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى كۇۋەيتتە مۇقام ئېيتقۇزۇپ ئۇسسۇلغا سالىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارادا بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراشقا باشلىغان يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان دىنىي سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان دىپلوماتىيەسىدىكى ئاساسلىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

خىتاينىڭ تاشقى دۇنيادىكى «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» تا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان، يەر شارى تېلېۋىزىيەسى (CGTN) نىڭ 28-ماي خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى، كۇۋەيتتىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 27-ماي دۈشەنبە كۇۋەيتتە خىتاي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

CGTN نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئايالى مياۋ خەييەن، كۇۋەيتتىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى شيا جيەنفېڭ قاتارلىقلار باش بولغان بۇ پائالىيەتتە، ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەنگەن. بۇ پائالىيەتكە كۇۋەيتتىكى دىپلوماتلار، ھەر ساھەدىكى مۇھىم شەخسلەر ۋە ئامما قاتناشقان. پائالىيەتكە قاتناشقان كۇۋەيت ئىشتىراكچىلىرى يەنە يەلپۈگۈچ ياساش، خىتاي كىيىملىرى كىيىش، ھۆسنخەت يېزىش، قەغەز كېسىش قاتارلىق خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، 60 كىشىلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ كۇۋەيتتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن تېما ئاستىدا چوڭ تىپتىكى ناخشا ئۇسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشنى ۋە «شىنجاڭ ئوبرازى» فوتوگراف كۆرگەزمىسىنى باشلىغان. شۇنداقلا يەنە «شەكىلسىز مەدەنىيەت مىسرالىرى شىنجاڭ» باش تېمىسىدا مەدەنىيەت ۋە ئىجادىي سوۋغات كۆرگەزمىسى قاتارلىق باشقا پائالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۇيغۇر مۇقام ئارتىسلىرىمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن ئورۇن ئالغان.

خىتاينىڭ كۇۋەيت ئەلچىخانىسى تورىدا تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كۇۋەيتتە داۋاملىشىۋاتقان پۈتۈن پائالىيەت جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرى «ئەگەر سىز شىنجاڭنى زىيارەت قىلمىسىڭىز، خىتاينىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلمەيسىز، ئەگەر سىز شىنجاڭنى زىيارەت قىلمىسىڭىز، خىتاينىڭ گۈزەللىكىنى بىلمەيسىز» دەپ باشلانغان كەڭ كۆلەملىك «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتى جەريانىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىلگىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىدىغان دەرۋازىسى، شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە تارقىتىشتىكى مۇھىم جاي بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

بۇلاردا يەنە: «بۇ يەردىكى كىشىلەر مۇقىم ۋە ئىتتىپاق، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سانى 25 مىليوندىن ئاشىدۇ، مەيلى ئۇلارنىڭ نوپۇسى، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تەرەققىيات سەۋىيەسى ياكى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىماي، بارلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ئورنى بار، ھەر مىللەت كىشىلىرى بىللە، يېڭى دەۋردە مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.» دېگەنلەر تەشۋىقات نۇقتىسى قىلىنغان.

خىتاينىڭ خەۋەرلىرىدە، كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق بۇ ئويۇنلارنىڭ كۇۋەيت دىپلوماتلىرى ۋە ئاممىسىغا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان بومباردىمانغا ئۇچرىغان غەززەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق، خۇددى ئىنسانپەرۋەرلىك ھىمايىچىسىدەك ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

ئۇنداقتا خىتاي قانداق ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن كۇۋەيتكە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئورۇندىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى كۆرسەتتى؟ نېمە ئۈچۈن «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ؟

شۇنى ئەسكە ئېلىش مۇمكىنكى، 2019-يىلى 1-يانۋار كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇسامە شاھىن كۇۋەيت پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانىدى. ئۇسامە شاھىن پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، خوتەن قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەن ئۇيغۇر نارەسىدىنىڭ رەسىمىنى ھەمدە جازا لاگېرلىرىغا ئائىت رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر كۈلپەتلىرىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تىلغا ئالغانىدى. بۇ، مۇسۇلمان ئەللىرىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىققان تۇنجى ئاۋاز بولۇپ قالغانىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇسامە شاھىن پارلامېنتتىكى سۆزىدە، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەسمىي دوكلاتىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئارقىدىن شۇ يىلنىڭ ئاخىرى كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ 27 نەپەر ئەزاسى كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلغانىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى بىگۇناھ ھالدا سولىغانلىقىغا قارشى كۇۋەيتنىڭ ئىنكاسى، ئىسلام ئەللىرىدە بارلىققا كەلگەن تۇنجى ئىجابىي بىر ئىلگىرىلەش بولغانىدى.

ھالبۇكى شۇندىن بۇيان، خىتاي كۇۋەيت ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى بىلەن بولغان ھەر خىل مۇناسىۋەتلىرىدە، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قېلىشنى مەقسەت قىلغان تەشۋىقاتلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن كۇۋەيت كېيىنكى ۋاقىتلاردا، خۇددى باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي يوسۇندا تىلغا ئېلىپ باقمىدى.

لوندوندىكى ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور راچېل خارس (Rachel Harris) خەلقئارانىڭ دىققىتى غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش كىرىزىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشكەن شۇنداقلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاساسىي كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىۋاتقاندەك بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ھازىرقىدەك بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان كۇۋەيتتە، خىتاي مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈشى، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئۇيغۇر مۇقام ۋە ناخشا ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنى ئۆمەك قىلىپ ئاپىرىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى قوللاۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەكسىچە خىتاينىڭ بولسا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بىر مەيداندا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى بىزنى ھەيران قالدۇرمىسىمۇ، خىتاينىڭ ئۆزى ۋەيران قىلىپ يوقىتىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بۇ خىل دىپلوماتىيە تاكتىكىسى قىلىپ ئىشلىتىشى ھەقىقەتەنمۇ دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدە بۇنداق تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىشى ئېچىنارلىق ۋە ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە مۇسۇلمان ئەللىرى ئۇيغۇرلارنى، ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى.»

ئىگىلىشىمىزچە، كۇۋەيتتىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى 2023-يىلى 9-ئايدا ئېچىلغان. بۇ دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى (GCC) دۆلەتلىرى ئىچىدە خىتاي ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ، خىتاي بىلەن كۇۋەيتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغانىكەن.

كۇۋەيت تۇنجى بولۇپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنجى بولۇپ خىتاي بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان دۆلەت.

كېيىنكى 5 يىلدا، خىتاي-كۇۋەيت مۇناسىۋىتى كۈچەيتىلگەن. خىتاينىڭ كۇۋەيت بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

كۇۋەيت پارلامېنتنىڭ 27 نەپەر ئەزاسى، 2019-يىلى 12-ئايدا كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا كۇۋەيت پارلامېنت ئەزاسى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋەلىد ئەتتاب تابائىي ئەپەندى بىلەن مەجدى سالىم ئەپەندى، شۇ يىلى 1-نويابىر ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلغانىدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەھبەر ھەمدە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە، زىيارەتكە كەلگەن كۇۋەيت پارلامېنت ئەزالىرىنى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇلار بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغانىدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كۇۋەيتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. لېكىن ھازىرغىچە بىرمۇ ئىسلام دۆلىتى، جۈملىدىن ئەرەب دۆلىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇمىدى، شۇنىڭدەك ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ كەلدى. بۇ ھەمكارلىقتا ئۇلار خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى قوللىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان 2022-يىلى ئاپرېلدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ تۆت كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ھەيئىتى كۇۋەيتنى زىيارەت قىلغان. كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى شۇنداقلا كۇۋەيتتىكى مۇھىم ئۆلىما ۋە شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، خىتاينىڭ كۇۋەيتتە تەشكىللىگەن بۇ مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىگە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى قاتناشتۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»، «ئۇيغۇرلار بەختىيار ياشاۋاتىدۇ» دېگەن ئۆزىنى ئاقلاش تاكتىكىسى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ «خىتاي كۇۋەيتنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى قوللايدۇ، ھەمدە كۇۋەيت بىلەن ھەمكارلىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان «ئالتۇن قائىدە» دېگەنىدى.

كۇۋەيتنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقى مەلۇم، ھەمدە كۇۋەيتنىڭ خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، رەقەملىك ئىقتىساد، مۇھىت باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپلا قالماي، رەقەملىك ئىقتىساد، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىش ئېلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ماجۈ ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«بىلگىنىمىزدەك، كۇۋەيت پارلامېنتى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇر شەرق دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت، شۇنىڭدىن بىز كۇۋەيتنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر ئىچىدە بىر قەدەر دېموكراتىك ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. شۇنداقلا بۇ، ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلىغانىدى. ھالبۇكى يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇۋەيت بىلەن ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، خىتاينىڭ مۇنداق پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئېلىپ چىقىشىدىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاينىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىلا ئەمەس، بەلكى ‹بىزدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس› دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئېنىق. بىز شۇنداق بىر رېئاللىقنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، كۇۋەيتنىڭ يېڭى پادىشاھىنىڭ بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا ئېلىشى بىلەن مۇستەبىتلىكتە ئۇنىڭ خىتاي بىلەن شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا زالىم ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاش ئورتاقلىق كۆرۈلمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئوتتۇر شەرقتىكى مۇستەبىت مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلىرى بىلەن يەنىمۇ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى پەقەت سىياسەت ساھەسىدىكى ھادىسىدۇر. لېكىن، كۇۋەيتتىكى مۇسۇلمان خەلق ھەر قانداق ئادالەتسىزلىككە قارشى چىققاندەك، يەنىلا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.»