خىتاينىڭ لوندوندىكى «قەلئە» قۇرۇش چۈشى كۈچلۈك توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلىدىن باشلاپ لوندوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنى لوندون شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى توۋېر ھامېلتس رايونىغا كۆچۈرۈش ئۈچۈن 750 مىليون فوندستېرلىڭ مەبلەغ سالغان. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆز ۋاقتىدا بۇ كۆچۈش پىلانىنى «ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئالتۇن سەھىپىسىنى ئاچىدۇ» دەپ ماختانغان. ئەمما ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ سىياسەتلىرى سەۋەبلىك بۇ ئەنگلىيەدە «ئالتۇن سەھىپە ئېچىش» پىلانى بۇزۇلۇشقا باشلىغان.

City A. M تورىنىڭ 10-يانۋار تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇرۇش ئىلتىماسىغا قارشى، رايوندىكى يەرلىك كېڭەش ئەزالىرى بىلەت تاشلاپ، خىتاي يېڭى ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشقان جاي ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ نامىنى «تيەنئەنمېن مەيدانى»، «ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى»، «خوڭكوڭ يولى»، «تىبەت سارىيى» (پوتالا سارىيى) دېگەندەك ناملارغا ئۆزگەرتىش تەكلىپىگە ئاۋاز بەرگەن. ۋە ئۇلار بۇ يول ناملىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئويلاشماقتىكەن.

City A. M بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك كېڭەش ئەزالىرى خىتاي ئەلچىخانىسىى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ بىنانىڭ ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش، «رايونىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كۆپ خىللىقىنى قوللايدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنى كۆچۈرمەكچى بولغان جايدىكى يول ناملىرىنى يۇقىرىقىدەك ئۆزگەرتىش پىلانى خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئايلارچە قىلغان نۇتۇق پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، City A. M بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇنىڭدا لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەخمۇتنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

رەھىمە مەخمۇت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرلىشىپ، توۋېر ھاملېتس رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار شەھەر كېڭىشىدىن ئۈچ ئوخشىمىغان يول ۋە بىنالارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان-تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا بېغىشلاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار بۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ دەپ قارايدىكەن.

رەھىمە خانىم يەنە 20 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئۆيىگە ئايلانغان لوندوندا خىتاي ئەلچىخانىسىنى كۆچۈرمەكچى بولغان بىنانىڭ ئورنىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ۋە لوندوننىڭ سىمۋولى بولغان مۇنار كۆۋرۈكىگە قارايدىغانلىقىنى، بۇنى خۇددى خىتاينىڭ بۇ جايغا ئۆز ئوردىسىنى سالغانغا باراۋەر دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھىمەنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، 2018-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن توۋېر ھامېلتس كېڭەش ئەزاسى رابىنا خان، خىتاي ئەلچىخانىسىنى كۆچۈرمەكچى بولغان جاي ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ نامىنى «تيەنئەنمېن مەيدانى»، «ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى»، خوڭكوڭ يولى»، «تىبەت سارىيى» (پوتالا سارىيى) دېگەندەك ناملارغا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنىڭ قوزغاشتا باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقانىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى رابىنا خان 2022-يىلى مايدىكى توۋېر ھامېلتس شەھەر باشلىقى سايلىمىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇ خاس بلوگىدا شەھەر كومىتېتىدا ئاتقۇرماقچى بولغان خىزمەت ئىرادىسىنى: «ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ يېشىل شەھەر قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. مەن جەمئىيەتنىڭ بىر بۆلىكىلا ئەمەس، بارلىق كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغۇچى بولىمەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلغان.

رابىنا خان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، توۋېر ھامېلتس رايونىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى كۆچۈپ كېلىدىغان بىنانىڭ ئەتراپىدىكى يول ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا قىسقىچە جاۋاب بەردى: «بۇ ئىش قانداق باشلاندى دېسىڭىز، 2020-يىلى نويابىردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭگدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى بىر تەكلىپ پارلامېنت ئەزاسى پېتېر گولد تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلدى. گەرچە بۇ تەكلىپ ئاۋازدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ. بۇ شۇ چاغدا بىزگە بۇ مەسىلىگە ئادالەت تەلەپ قىلىش سىگنالى بولدى. ئارقىدىن مەن ئىككىنچى بولۇپ بۇ تەكلىپنى تەكرار پارلامېنتقا سۇندۇم. ئارقا-ئارقىدىن رەت قىلىندى. ئاخىرقى قېتىم مارتتا، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا پائالىيەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي ئەلچىخانىسى كۈچۈرۈلمەكچى بولغان يول ۋە بىنانىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش تەلىپىنى تەكلىپكە قوشۇپ سۇندۇم. بىز بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە، بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىز، ئۇيغۇر، خوڭكوڭلۇق ۋە تىبەتلەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىمىز ھەققىدە سىگنال بەرمەكچى. بىز ھەرىكەتنى مۇشۇ يەرگە قەدەر ئېلىپ كېلەلىگەن ئىكەنمىز، بېسىم ئىشلىتىشنى داۋام قىلىشىمىز زۆرۈر».

Rehime-Mahmut-Rabina-Khan.png
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەخمۇت خانىم لوندون توۋېر ھامېلتس كېڭەش ئەزاسى رابىنا خانىم بىلەن بىرگە.

كېڭەش ئەزاسى رابىنا خانىم يەنە بىزنىڭ، «ھەرىكىتىڭلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدە توسالغۇ ياكى قارشىلىققا ئۇچۇراۋاتامدۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا ئىشەنچ بىلەن «ياق!» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممە ئادەم تەكلىپنىڭ قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىگە ھەيران قالدى، يالغۇز خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى ياقتۇرمىدى، ئۇلار بۇ رايونغا كېلىپ ئۆزى بىلگەنچە ئىش ئېلىپ بارالايمىز، بۇ كىچىك رايون كېڭىشى چوڭ توسالغۇ بولالمايدۇ دەپ ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇننى تاللىشى بىلگىنىڭىزدەك ئۇلار شۇنداق بۈيۈك نەرسىلەرگە ئىتتىپاق قىلىدۇ، ئۇلارغا ئېرىشىشتىن پەخىرلىنىدۇ، ئەمما ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن بۇ يوللار ئۇلارغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، نۇرغۇن زور كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىز خىتاي پۇقرالىرىنى كۆزدە تۇتمىدۇق، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت».

ئۇ بىزنىڭ يەنە: «سىزنىڭچە ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلچىخانىسىنى كۆچۈرۈش پىلانىدىن ۋاز كېچەمدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا:

«ياق، ئۇنداق قىلالمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئۈچۈن بۇنىڭ ئىنتايىن قىيىن بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ خىتاي دۆلىتى ئەمەس، بۇ دېگەن لوندون، ئەنگلىيە. بۇ جەمئىيەتتە ھەق كاپالەتكە ئىگە، خىتايدىكى كوممۇنىستىك جەمئىيەتكە ئوخشىمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

خىتاي ئەلچىخانىسى، كۆچۈرۈشنى پىلانلىغان لوندون مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىدىكى 700مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ بىنانى يېڭى ۋىزا ئىلتىماس قىلىش مەركىزى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قىلماقچى بولۇپ، مەزكۇر بىنانىڭ چوڭلۇقى لوندوننىڭ جەنۇبىدىكى Vauxhall دىكى ئامېرىكانىڭ يېڭى ئەلچىخانىسىدىن قالسا ئۈچىنچىسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر خىتاي ئەلچىخانىسىنى بۇ جايغا كۆچۈرسە دۇنيادىكى 3-چوڭ ئەلچىخانا يەنى دىپلوماتىك بازىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن. ئەمما رابىنا خانىم ئېيتقاندەك خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايغا سالغان مەبلەغ ۋە پىلانىدىن يانالمايدىغان ئامالسىز بىر ۋەزىيەتتە بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ داڭلىق رايونغا كۆچۈپ كەلگەن تەقدىردە ھەر تۈرلۈك نامايىش ۋە باشقا بېسىملارغا يۈزلىنىدىكەن.

«دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 10-يانۋار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نىشانغا ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن «پاراكەندىچىلىك» تىن قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

City A. M بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك كېڭەش ئەزالىرى خىتاي ئەلچىخانىسىىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ بىنانىڭ ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش، «رايونىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كۆپ خىللىقىنى قوللايدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.

رابىنا خان خانىم لوندوندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى پارلامېنت ئەزالىرى، كېڭەش ئەزالىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت، خوڭكوڭلۇقلار بىلەن ئوخشاشلا خىتاي ئەلچىخانىسى كۆچۈپ كېلىدىغان بۇ يوللارنىڭ ناملىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى زور ئۈمىد ۋە تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىكەن.