مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قارشى «قارار لايىھەسى» ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ
2024.09.04
خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى، خەلق تورى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2-سېنتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نامىدا «ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە جازاغا ئۇچرىغان شىركەت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قارارى» رەسمىي ئېلان قىلىنغان. شۇ كۈنى يەنە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چاقىرىلىپ، قارارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىپ، بۇ «قارار»، نىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى تۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«خەلق تورى» نىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە جازاغا ئۇچرىغان شىركەت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ھەققىدىكى قارارى» رەسمىي ئېلان قىلىنغان.
«قارار» دا ئېيتىلىشىچە، بۇ نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ماقۇللانغان. مەزكۇر «قارار» دا، يەنە ئامېرىكادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش خىزمىتىنىڭ ئېغىر زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
«ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە جازاغا ئۇچرىغان شىركەت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قارارى» دا يەنە ئامېرىكادا 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قانۇن لايىھەسى تەنقىدلىنىپ، ئامېرىكا «كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زەربە بېرىش سۇيىقەستى ئىشلىتىپ خىتاينى ئىسكەنجىگە ئېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان» دەپ ئەيىبلەنگەن.
«قارار» دا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئىشلىتىش قىلمىشى ئاقلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باي قىلماقچى» بولۇۋاتقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قانۇنى «بۇ خىل ئىجابىي يۆنىلىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينىدى» دېگەنلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى نامىدا ئېلان قىلىنغان قاراردا يەنە، نۆۋەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش قىلمىشى ئاقلانغان. قاراردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت بولغان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ئۇلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى، بۇنىڭدا ھېچقانداق «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن. ئەمما ئاتالمىش «قارار» دا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «ياردەم» نامىدا ئۈزلۈكسىز يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان غايەت زور ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە بۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلىنمىغان.
«قارار» دا يەنە «شىنجاڭدىكى ئىشلار دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى» دېگەنلەر ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلەنگەن.
خىتاي خەۋىرىدە يەنە مەزكۇر «قارار» نىڭ چىقىرىلىش سەۋەبى ھەققىدە:
«بۇ قانۇنلار كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىغا، تىجارەت ھوقۇقىغا، تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ھەمدە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ، قەلبىنى يارا قىلدى. بۇ ۋەجىدىن شىنجاڭ خەلقى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولغان ‹ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇنلار› نىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتەك رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلىش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى جازاغا ئۇچرىغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىزمەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ قارار ئېلىندى» دېيىلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى نامىدا ئېلان قىلىنغان بۇ قارارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چىقىرىلغان يەكۈن ئەمەس بولۇپ، مەزكۇر قارار ئامېرىكانىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ھەقىقەتەن خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇددى خىتاينىڭ خەۋىرىدە دېيىلگەندەك ئامېرىكادا 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش قانۇنلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىش يولىنى توسۇپ، خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خىتاي خەۋىرىدىمۇ بۇ نۇقتا تەكىتلىنىپ، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا بىر يۈرۈش قانۇنلىرىنىڭ، خىتاينىڭ پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كىيىم-كېچەك، كۈنتاختا، پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق «ئىلغار» كارخانىلىرىغا ئېغىر زىيان سالغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
خىتاي خەۋىرىدە يەنە، «بۇ ساھەلەر يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكى، شىركەت زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ناھايىتى ياخشى قوغدىلىپ، ھېچقانداق دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
ھالبۇكى 2018-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان ئاتالمىش «كەسپى تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «قارار» دا ئاقلىنىۋاتقان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ زاۋۇت-شىركەتلىرىنى «قۇل ئەمگەكلىرى» بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇ ئىشلىگەن «كەسپىي تەربىيەلەش» مەكتىپىدىن چىققان ئۇيغۇرلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ دەل ئاشۇنداق خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى قىلىپ يوللانغانىكەن.
زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش مەسىلىسى ئاللىقاچان خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە بۇ، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەن ئىكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» دېگەن تەشۋىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىدەك جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن. لېكىن، ئۇ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى» ھەققىدىكى پولاتتەك ئىسپاتلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قۇتۇلۇشى ئاسان ئەمەس ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان 2017-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشقا باشلىغانىدى. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن چەت ئەلگە كەتكەن بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەرنى ئاشكارىلىغان بولسا، خەلقئارادىكى نۇرغۇن نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان كارخانىلار ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئامېرىكانىڭ ئالتانا تېخنولوگىيە شىركىتى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىنى يورۇتۇش» ناملىق دوكلاتىدا، خىتايدىكى 938 مىڭ 991 كارخانىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى؛ بۇ كارخانىلارنىڭ يەرشارىدىكى 600 دىن كۆپ كەسىپ بويىچە مىليونلىغان تارماق سودا ئالاقە مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەنلىكى؛ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرى ئارىسىدىكى 785 مىڭ 415 كارخانىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك سودا مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىكى؛ بۇ سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر سان-سېپىرلارنىڭ ئىككىنچى قاتلىمى 6 مىليون 871 مىڭ 643 سودا ئالاقىسىگە تۇتۇشىدىغانلىقى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر بىر قانچە دوكلاتىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر كۈچلۈك پاكىتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يەردە تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئامېرىكانىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان خىتاينىڭ پاختا توقۇمىچىلىق، كۈنتاختا، پەمىدۇر قاتارلىق ساھەلىرى غايەت زور ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق ساھەلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ دەل بۇ ساھەلەردە ئەڭ كۆپ قۇل ئىشچى قىلىنغان. خىتاينىڭ بۇ يەردە ئۆزىنى باسالماي قېلىشىمۇ، بۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىدىن قوغلاندى قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرگەنلىكى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» نامىدا، ئاتالمىش «ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە جازاغا ئۇچرىغان شىركەت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قارارى» نى چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.