«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ خەيكاڭ ۋېيشى (HIKvision) شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تارمىقىنى قارا تىزىملىككە ئالغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بۇنى جەزملەشتۈرۈپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا پايدىلىق سىياسەت يۈرگۈزۈش» نى شىركەت باھالاشنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ بېشىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ خەيكاڭ ۋېيشى شىركىتىگە 4 ئاي ئىچىدە جازا يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى مەككاۋۇل (McCaul) قاتارلىقلار پرېزىدېنت جوۋ بايدېنغا يازغان خېتىدە: «بىز پرېزىدېتنىڭ ‹ماگنىتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا ئاساسەن خەيكاڭ ۋېيشى شىركىتىنىڭ قىلمىشلىرىغا ھۆكۈم بېرىشى ۋە جازا چەكلىمىسى قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئارقا تىرەك قىلغان بۇ تەقىپ-نازارەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خاتىرىسى بار» دەپ يازغانىدى.
خەيكاڭ ۋېيشى شىركىتى 2017-يىلدىن تارتىپ لاگېرلارغا كەڭ-كۆلەمدە سولانغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتا ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا 2019-يىلى ئۇنىڭغا ئېمبارگو قويغانىدى. 2021-يىل ئەنگلىيە ئۇنى ھۆكۈمەت بىنالىرىدا ئىشلىتىشتىن چەكلىگەنىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۇنى پارلامېنت بىناسىدىن چىقىرىپ تاشلىغانىدى.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تەقىپ-نازارەت تېخنىكىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي تەقىپ-نازارەت تېخنىكىسىدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، يۈز تونۇش تېخنىكىسى بۇ تېخنىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بۇ تېخنىكىدا نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك لازىم. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكى پەقەت يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۆزەككە باغلىق ئەمەس، خىتاينىڭ تەقىپ-نازارەت سىستېمىسى خېلىلا مۇرەككەپ بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدا يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تۆۋەن تېخنىكا ۋە ئادەم كۈچىنى تەڭلا ئىشقا سالىدۇ».
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خىتاي ئىستراتېگىيەسى ئانالىزچىسى دوكتور تىمەسى ھىت(Timothy R. Heath) رادىيومىزغا يوللىغان جاۋابىدا بۇ پىكىرنى قوللاپ مۇنداق دەيدۇ: «يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ باستۇرۇش ئېلىپ باردى. بۇنىڭدا قىلچە شەك-شۈبھە يوق».
3-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكادىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بايدىن ھۆكۈمىتى خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك چەكلىمىسىنى كېڭەيتىشكە موھتاج» ناملىق ماقالىدە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاينى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكا ساھەسىدە يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئۆتىۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى توسماقچى بولغانلىقى تەھلىل قىلىنغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك (چىپ) تېخنىكىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا ئىقتىسادى رىقابىتىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تونۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سىياسىتىدە مۇھىم تارىخىي قەدەملەرنى باسقان؛ 2022-يىل 10-ئايدا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش بەلگىلىمىسى چىقارغان.
بۇ بەلگىلىمىدە، ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتايغا ياردەم بېرىپ، 16 نانومېتىر ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ۋە باشقا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى چەكلەنگەن. گېرمانىيە، ياپونىيەمۇ قوشۇمچە بەلگىلىمىلەر چىقىرىپ، ئالىي دەرىجىلىك ئۆزەك ياسايدىغان نۇرباسقۇ (lithography Machine) لارنى سېتىشنى چەكلىگەن. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىنى چەكلەپ، ئۆزەكلەرنى ھەربىي ۋە سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىشىدىن توسقان.
شۇغىنىسى، ئامېرىكا 16 نانومېتىر ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى ياساشتا خىتايدىن ئېشىپ كېتىشنى كۆزلەپ، 16 نانومېتىردىن چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيە قىممىتىگە سەل قارىغان. ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك چەكلەش بەلگىلىمىلىرى 16 نانومېتىردىن كىچىك ئۆزەكلەرگە قارىتىلغان بولغاچقا، خىتاي ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا يەنىلا يېتەكچى ئورنىنى ساقلىغان. خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا باشلامچى كارخانىلىرىدىن بولغان SMIC شىركىتى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا 28 نانومېتىرلىق ئۆزەكلەرنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقارغان.
ئەمما، دوكتور رايموند كو خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك تېخنىكىسىنى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاجىز كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە خىتاي ئۆزىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ يىل ھەپىلەشتى. ئەمما بۇ كەسىپتە ھاياتى كۈچكە تولغان تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى. ئامېرىكا بۇ ساھەدە خىتايغا تېخىمۇ كۆپ چەكلىمە قويامدۇ يوق، بىلمەيمەن. ئەمما خىتاي ئۆزىنىڭ ئۆزەك ياساش سانائىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەۋاتىدۇ، ئامېرىكا ھازىر يولغا قويۇۋاتقان چەكلىمە تەدبىرى بۇنىڭغا تۈرتكە بولدى».
مەلۇم بولۇشىچە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلار سۈنئىي ئەقىل ۋە ئالىي دەرىجىلىك كومپيۇتېرلارغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، 16 نانومېتىردىن 40 نانومېتىرغىچە بولغان ئۆزەكلەر ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا، لەپتوپ، ئەقلىي ئويۇنچۇق، ئۈستەل كومپيۇتېرى قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ ھالقىلىق قىسمى ھېسابلىنىدىكەن. ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدە ساقلاپ قالغان بۇ تېخنىكىلىرى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە سىياسىي غەرىزىنى چەكلەيدىغان سىياسەت قوللانمىسا، سودا ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتتە ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىكەن.
دوكتور تىمەسى ھىت ئىلغار تېخنىكىنىڭ قوش بىسلىق رولى ئالدىدا ئامېرىكانىڭمۇ بەزىدە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى زامان تېخنىكىسىنىڭ قوش بىسلىق ئالاھىدىلىكى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى چەكلەشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا. چۈنكى خىتاي ئارمىيەسى 16 نانومېتىرلىق ئۆزەكلەرنى ئۇرۇش قوراللىرىغا ئىشلىتەلەيدۇ. شۇڭا ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىلغار ئۆزەكلەرنى ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە ھەربىي قوراللارغا تەڭ ئىشلىتىشىدىن چەكلىمەكچى، بۇنىڭدىن باشقا تاللىشى يوق».
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك قانۇن-لايىھەسى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تولۇقلىما ياردىمى ئاتا قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقان 16 نانومېتىردىن يۇقىرى ئۆزەك ياساش ئىقتىدارى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى توسۇپ قالالمىغان. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئەرزان ۋە مول ئۆزەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن خەلقئارا بازارنى ئىگىلىگەن. مانا بۇ بۈگۈن خىتاينىڭ قانداق قىلىپ كۈنتاختا ۋە توك ماشىنا باتارېيەسى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرالىشىدىكى سەۋەب ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات بازىرىنى پات ئارىدا مونوپول قىلىۋېلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ ساھەدە ئامېرىكا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، خىتاي ئەگەر ئۈستەل كومپيۇتېرى، ماشىنا زاپچاسلىرى ياكى ئەقلىفونلارغا ئىشلىتىلىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلەرنى تەمىنلەشنى قىسىپ قويسا، ئامېرىكا ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىكەن. مانا بۇمۇ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ خىتايغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان.
دوكتور تىمەسى ھىت ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «تېخنىكا جەھەتتە خىتايدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت ‹ئېكولوگىيە سىستېمىسى›دا غايەت زور بۆلۈنۈش مەيدانغا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئادا-جۇدا بولۇشى بەك تەس، چۈنكى ئۇلار بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن. رىقابەت تەلەپ قىلمايدىغان نۇرغۇن ساھەلەردە ئىككى دۆلەتلەرنىڭ سودىسى يەنە داۋاملىشىدۇ».
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادا تېخنىكا بىلەن ئىقتىساد زىچ باغلىنىپ كەتكەن.
ئەگەر بايدىن ھۆكۈمىتى پايدا-زىياننى ياخشى دەڭسەپ، خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلات چەكلىمىسىنى كېڭەيتسە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قايىل قىلالىسا، ئۇلارمۇ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ساھەسىدە باشلامچى ئورۇنغا ئۆتىۋېلىشىنى غەلىبىلىك توسۇپ قالايدىكەن. ياپونىيە بىلەن گوللاندىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشكە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.