خىتاي ئىككى مۇھىم خەلقئارالىق مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشنى قارار قىلغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىنى پارچىلاپ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە ئائىت ئىككى مۇھىم خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى قارار قىلغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى كېلەر ھەپتە 1930-يىلى ماقۇللانغان خەلقئارا مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى بىلەن 1957-يىلى ماقۇللانغان خەلقئارا مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشنى كۈنتەرتىپىگە قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ ياكى جايىدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ چۈشەندۈرۈۋاتقان بىرۋاقىتتا بۇ ئىككى ئەھدىنامىگە ئىمزا قويۇشنى قارار قىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1-ئاپرېل كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى- خىتاي باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى قايتا مۇزاكىرە قىلىشنىڭ ئارقىسىدىن، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىدىغان بىر ۋاقىتتا بۇ ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى كۈنتەرتىپكە قويۇشى خىتاينىڭ مەقسىتىگە بولغان دىققەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

بەزى غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىدىكى تەنقىدلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا بۇ قەدەمنى باسماقتىكەن. گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 13-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك تەنقىد ۋە قازاغا ئۇچراپ كەلدى. ئامېرىكا شىنجاڭغا قارىتا ئەتراپلىق ئېمبارگو يۈرگۈزدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەمىنات زەنجىرى قانۇنى چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاش ئۇنىڭ خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىندى. ياۋروپا بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئېمبارگوسى تۈپەيلى توختاپ قالدى. خىتاي ياۋروپانىڭ شىنجاڭ ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگونى بىرىنچى بولۇپ بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپانىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى».

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى پروگراممىسىنى بىكار قىلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تاشلانغان «ئىستراتېگىيەلىك بىر قەدەم» ئىكەن. ئادرىيان زېنز: « مېنىڭچە بۇ ئىستراتېگىيەلىك بىر قەدەم بولۇپ، خىتاي <قاراڭلار، بىز بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىدۇق> دېمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ياكى باستۇرۇشنى توختىتىش نىيىتى يوق. بىراق خىتاي ھېچ بولمىغاندا قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ، <مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىدۇق> دېمەكچى بولدى. خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسى شۇ، <ئەلۋەتتە بىز بۇنى تەستىقلايمىز، چۈنكى بىزدە مەجبۇرىي ئەمگەك يوق> دېگەندىن ئىبارەت. لېكىن خىتاينىڭ بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىشى ئۇنىڭ رېئاللىقتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىللىق قاتتىق تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېتنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈشتە ئەمەس، زىيارەتتە بولۇشىنى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدىكى ئاساسلىق توسالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. گەرچە ئىككى تەرەپ 2020-يىلنىڭ ئاخىرلىرى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدە پرىنسىپ جەھەتتىن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، خىتاي يۇقىرىقى ئىككى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى جازالىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئۆچ ئېلىشى سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلغانىدى.

يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلىشى «ئىجابىي» ھەرىكەتتەك قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ نىيىتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا پەقەتلا بىر «كۆز بوياش» ھەرىكىتى ئىكەن. كانادالىق ئادۋوكات، كانادا «رائۇل ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يۇناھ دىيامۇند ئەپەندى 13-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «قارىغاندا، بۇ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسى، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئۇيغۇر ۋە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسى سۈپىتىدە ئاشكارىلانغان قىلمىشىنى پەردازلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر خىل ئۇسۇلدەك قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى چۈشىنىدۇ. بەلكىم خەلقئارا قانۇنلارغا تايانغاندا ئۇنىڭ سودا ئىستىقبالى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ ئويلايدۇ».

لېكىن يۇناھ دىيامۇندنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى سەمىمىيىتىنى سىناشتا ئۇنىڭ كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنى بىكار قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارىشى كېرەك ئىكەن. يۇناھ دىيامۇند: «دۇنيا شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەگەر خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەكنى، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى ۋە زاۋۇتلىرىنى بىكار قىلمىسا ۋە بۇ ئورۇنلاردىكى تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان يۈزمىڭلارچە، ھەتتا مىليونلارچە ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرمىسە، بۇ پەقەت بىر تەكلىپتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. شۇڭا خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى جىنايىتىنى بۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ» دېدى.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە خىتاي يۇقىرىقى ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كومپارتىيە كونتروللۇقىدىكى ئىچكى سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى، شۇنداقلا ئەركىن ئاخبارات، مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى نازارەت قىلىدىغان تەرەپسىز ئورگانلىرىنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقىدەك نۇرغۇن ئامىللارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خەلقئارا ئەمگەك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ خىتاي كارخانىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈشىنى چەكلەپ، خەلقئارا مال تەمىنات زەنجىرىنىڭ ساغلاملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قاراش خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى «پۈتۈنلەي خاتا چۈشەنگەنلىك» ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭچە بۇنداق، دەپ باھالاش خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشەنگەنلىك. ھەتتا شى جىنپىڭ، لى كېچىياڭ ۋە يۈ جېڭشىڭلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ 2014-يىلىدىكى شىنجاڭ ھۆججەتلىرىدە بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى ئېنىق قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تەھدىت، دەپ ئېيىتقان. بىز بۇنى باشقا ھۆججەتلەردىمۇ كۆرەلەيمىز. خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى نوقۇل ئىقتىساد ئەمەس. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سىياسەت. كىشىلەرنى تولۇق ئىسمىنىلىق ئىشتا تۇتۇپ تۇرۇش ئۇنىڭ سىياسىي مەقسىتىدۇر».

خىتاي خەلقئارا مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىلىرىنى تەستىقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن بىر قانچە ئاي ئاۋۋال خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئەمگەك سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ «كەمسىتىش خاراكتېرلىك» ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن «چوڭقۇر ئەندىشە» قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا: «بۇ كومىتېت مەملىكەت ۋە رايون خاراكتېرلىك سىياسىتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەردە ئىپادىلەنگەن سىياسەت يۆنىلىشىگە بولغان چوڭقۇر ئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئايرىش، چەتكە قېقىش ياكى پەرقلەرنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مەملىكەت ۋە رايون خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىنى قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.