تۈركىيەدە خىتاي مېلىغا بايقۇت ئېلان قىلىشقا ئاۋاز قوشقان شىركەت سانى 44 كە يەكەن

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ دېنىزلى ۋىلايىتىدە باشلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى سەنمۇ توختات، خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلما» ناملىق پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان شىركەتلەرنىڭ سانى تېزلا كۆپەيمەكتىكەن.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان «دەنكروم سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ماشىنا ۋە زاپچاسلىرى شىركىتى» خوجايىنى قادىر ئاقىنچى ئەپەندى خىتايغا قارشى كونكرېت ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيەدىكى بارلىق شىركەتلەرنى خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلماسلىققا چاقىرىش پائالىيىتى باشلىغان. قادىر ئاقىنچى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 44 شىركەت يازما ئارقىلىق ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى كۆپ ساندا شىركەت ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

مەزكۇر شىركەتنىڭ خوجايىنى قادىر ئاقىنچى ئەپەندى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەقسىتىدە باشلىغان بۇ ھەرىكەتكە ھازىر ئاۋاز قوشۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى دېنىزلىدىكى 3-4 شىركەت شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ تېمىسىدا يىغىن ئېچىپ بىز خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان ماللارنى ئالماسلىق يەنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى باشلىدۇق. بىزنىڭ نىشانىمىز 7 ئاي ئىچىدە 100 شىركەتنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. 4-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا 44 شىركەت بىزنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇرۇن خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان ماللارنى خىتايدىن ئالماي، باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋالدى».

ئۇ، بۇ پائالىيەتنى باشلاشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئىكەنلىكىنى بۇ مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىر ئاممىۋى دىپلوماتىيەنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. خۇددى خىتاي ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان ھېسداشلىقىنى توسقاندەك بىزنىڭ مەقستىمىزمۇ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنى توختىتىشتىن ئىبارەتتۇر».

قادىر ئاقىنچى ئەپەندى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى سەنمۇ توختات، خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلما» ناملىق پائالىيەتكە 5 ئۇيغۇر شىركىتىنىڭ ئاۋاز قوشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە 5 شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ شىركىتى باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق ئىمپورت قىلىۋاتقان خىتاي ماللىرىنى ئالمايدىغان بولدى. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قوللاۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، تورلار ئارقىلىق خەۋەرلىرىمىزنى تارقىتىۋاتىدۇ، مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن».

قادىر ئاقىنچى ئەپەندى بۇ پائالىيىتىنى ئامېرىكا، تايلاند ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭمۇ قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، 7-ئايدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ بۇ پائالىيەتنى باشلايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئامېرىكادا بەزى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇ يەردىكى دوستلىرىمىز مۇھىم شەخسلەرگە بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزنى ئاڭلىتىۋاتىدۇ. ھىندونېزىيە، تايلاند ۋە ئافرىقادىكى بەزى دۆلەتلەردە بۇنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. 7-ئايدا بىزنى قوللاۋاتقان شىركەتلەرنىڭ سانى 100گە يەتكەندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى سەنمۇ توختات، خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلما ناملىق پائالىيەتنى باشلايمىز. تاكى شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىلەردە، جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئەركىنلىككە ئېرىشكىچە پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرماقچىمىز».

قادىر ئاقىنچى ئەپەندى بۇ پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان ئۆزىگە ياخشى ئىنكاسلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىجابىي ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ. بىر قانچە شىركەت سەلبىي ئىنكاس قايتۇرغانىدى. ئۇلار بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەر بىزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. دېمەك بىز توغرا يولدا ئىكەنمىز. بىز بۇ شىركەتلەرنىڭ سانىنى يۈزگە چىقارغاندىن كېيىن تۈركىيە تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمىز، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىرىشقا چاقىرىمىز».

قازاقىستاندىن قالسا تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى تىجارەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى خىتايدىن تۈركىيەگە مال ئېلىپ كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلار ئىدى. 2017-يىلىدىن تارتىپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارىتى توختىغان. بەزى ئۇيغۇرلار قادىر ئاقىنچى ئەپەندىنىڭ پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشقان. بۇلاردىن بىرى خىتايدىن يىپەك ئەكېلىپ سېتىۋاتقان ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندىنىڭ قاراقاش رەخت شىركىتى ئىكەن. ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندى 4 يىل بۇرۇن خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىنى توختاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن خىتاي بىلەن تىجارەت قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى تۈرك كارخانىچىلار باشلىغان بۇ پائالىيەتنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭمۇ ئاۋاز قوشۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2019-يىللىق ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا تۈركىيە 2019-يىلى خىتايدىن 25 مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان، ئەمما خىتايغا 2 يېرىم مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلغان. بۇ خىل سودىدىكى تەڭسىزلىك كۈنسايىن زورايماقتا. تۈركىيە-خىتاي سودىسىدىكى مەزكۇر تەڭسىزلىكنىڭ خىتايغا كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئەمما، نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت پۈتۈنلەي توختىدى، بۇندىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.