تۈركىيەدە خىتاي مېلىغا بايقۇت ئېلان قىلىشقا ئاۋاز قوشقان شىركەتلەر كۆپەيمەكتە

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ دېنىزلى ۋىلايىتىدە باشلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى سەنمۇ توختات، خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلما» ناملىق پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان شىركەتلەرنىڭ سانى 11گە يەتكەن.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان «دەنكروم سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ماشىنا ۋە زاپچاسلىرى شىركىتى» مۇدىرى قادىر ئاقىنچى ئەپەندى خىتايغا قارشى كونكرېت ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى بارلىق شىركەتلەرنى خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلماسلىققا چاقىرىش پائالىيىتى باشلىغان. قادىر ئاقىنچى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ دېنىزلى ۋىلايىتىدىكى 11 شىركەت ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەزكۇر شىركەتنىڭ خوجايىنى قادىر ئاقىنچى ئەپەندى خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىق پىكىرىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىز ئۈچۈن يېڭى مەسىلە ئەمەس. ئاز دېگەندە 15 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا بىز باش قاتۇرۇۋاتقان بىر مەسىلە. بىز ئۇزۇندىن بۇيان خىتايغا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزدۇق، مەتبۇئات باياناتى بەردۇق. لېكىن، بۇلارنىڭ دېگەندەك ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدۇق. شۇڭا خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىر پائالىيەت ئېلىپ بارايلى دەپ بۇ پائالىيەتنى باشلىدۇق».

قادىر ئاقىنچى ئەپەندى يېقىندا باشلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى سەنمۇ توختات، خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلما» ناملىق پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مىسال بىلەن مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بەزى زاپچاسلار بار. مەسىلەن بىز دەنكروم شىركىتى ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان سۈت سوۋۇتۇش ماشىنىسىنىڭ ماتورى بار. بۇ ماتورنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقارغىنىمۇ، ئىسپانىيە ئىشلەپچىقارغىنىمۇ ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئىشلەپچىقارغىنىمۇ بار. بۇلارنىڭ باھاسى ئوخشىمايدۇ. خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغىنى ئەزانراق، بىز 3 يىل ئىلگىرىگىچە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغىنىنى ئىشلىتەتتۇق. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتى پۇلدىن مۇھىم دەپ ئويلاپ خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىقنى قارار قىلدۇق.»

قادىر ئاقىنچى ھازىرغىچە 11 شىركەتنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە 11 شىركەت خىتاي مېلىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى جاكارلىدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ شىركەتلەرنىڭ سانىنى يۈزگە چىقىرىش، شۇنداقلا 7-8 ئايدىن كېيىن تۈركىيە تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىرىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت.»

تۈرك كارخانىچىلار باشلىغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر بۇنىڭغا ئاۋاز قوشىدىغان شىركەتلەرنىڭ سانى يۈزگە چىقسا خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى تۈركىيە شىركەتلىرى خىتاي ماللىرى ئەرزان بولغاچقا كۆپرەك خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ پائالىيەت پۈتۈن تۈركىيەدە ئومۇملاشسا خىتاينى قورقۇتالمىسىمۇ، بىراق ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پېشقەدەم پائالىيەتچى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈرك كارخانىچىلار باشلىغان بۇ پائالىيەتنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2018-يىللىق ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا تۈركىيە 2018-يىلى خىتايدىن 26 مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان، ئەمما خىتايغا 2 يېرىم مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلغان. بۇ خىل سودىدىكى تەڭسىزلىك تۈركىيەدىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ نارازىلىقىنى ۋە تەنقىدلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار تۈركىيە-خىتاي سودىسىدىكى مەزكۇر تەڭسىزلىكنىڭ خىتايغا كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانىدى. ئەمما، نۆۋەتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.