فرانك مايار: «خىتاي غەربنى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.09.04
lager-atush-yepiq-terbiyelsh.jpg تېز سۈرەتتە كۆپىيىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» يەنى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن بىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 3-دېكابىر، ئاتۇش.
AP

فرانك مايار: «غەرب ھەرگىز مەغلۇپ بولمايدۇ، چۈنكى خىتاي بىر نۇقتىدا غەربكە ئەسلا يېتىشەلمەيدۇ».

شىۋېتسارىيەلىك كەسپىي يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست فرانك ئاندرې مايار ئىلگىرى ئېلان قىلغان «نېمە ئۈچۈن ھېچكىم خىتايغا قارشى نامايىش قىلمايدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى «Digital Stalinizim» دەپ ئاتاپ، «ئۇيغۇرلار قامالغان خىتايچە ‹گۇلاگ› نىڭ ئىسمى ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› دېيىلمەكتە! قولغا ئېلىنىۋاتقان، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان، قامىلىۋاتقان، غايىب قىلىنىۋاتقان، پىراكتىكا بۇيۇمىغا ئايلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زادى قانچىلىك ئادەم ئىچ ئاغرىتىپ باقتى؟» دېگەندەك بايانلارغا ئورۇن بەرگەن ئىدى.

3-سېنتەبىر كۈنى ئۇ گېرمانىيەدىكى «فوكۇس» ئاخبارات تورىدا «غەرب ھەرگىز مەغلۇپ بولمايدۇ، چۈنكى خىتاي بىر نۇقتىدا غەربكە ئەسلا يېتىشەلمەيدۇ» ناملىق يەنە بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بەزى خىتاي زىيالىيلىرى ۋە خىتايپەرەستلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە قۇۋۋىتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ھەتتا خىتاينىڭ غەربكە بولغان تەسىرىنى، نوپۇز كۈچىنى مۇبالىغە قىلىپ: «غەرب مەغلۇبىيەتنىڭ تەھدىتىگە يولۇقتىلا ئەمەس، بەلكى مەغلۇپ بولۇپ بولدى» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

«غەرب مەغلۇپ بولدىمۇ؟ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ سوئال بەزىدە ئەندىشىگە تولغان تۆۋەن ئاۋازدا، بەزىدە كۆرەڭلىككە تولغان يۇقىرى سادادا سورىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ جاۋابى ئاخىرقى ھېسابتا گويا ‹ھە-ئە› بولىدىغاندەك قىلاتتى،» دەپ سۆز باشلىغان فرانك مايەر ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر غەرب مەغلۇپ بولغان بولسا، بۇ نىمېدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ئەركىنلىكنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. غەربتىن باشقا جايدا ئەركىنلىك بارمۇ؟ يوق! غەرب قىممەت قارىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر جەمئىيەت پەقەت دېموكراتىيە ۋە قانۇن دۆلىتىنىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى سىياسىي ئەركىنلىك بولغان جايدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.»

خىتاي تەھدىتىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى ئىزچىل سۆكۈپ كەلگەن فرانك مايار ماقالىسىنىڭ «خىتاينىڭ دىگىتال دىكتاتورىلىقى غەربنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تايىنىدۇ» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق يازىدۇ: «خىتاينىڭ سوتسىيالىزم بىلەن كاپىتالىزمنىڭ قېنى ئارىلاشقان زامانىۋى فاشىسىزىملىق مودېلى غەربنى مەغلۇپ قىلالامدۇ؟ شۇنداق قىلالىسا ئىدى، ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان بولاتتى. چۈنكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ تۇنجى دىگىتال دىكتاتور دۆلەت غەربنىڭ ئىككى مەھسۇلاتىغا تايانىدۇ: بۇنىڭ بىرى، ماركسىزم، يەنە بىرى كوممۇنىزمنىڭ ھۇلىنى كولايدىغان كاپىتالىزىم.»

ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بۇندىن 60 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شۇنداق چۆچۈپ كەتتى. 1957-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربېتاغا چىقاردى. 1961-يىلى تۇنجى قېتىم ئىنساننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كوممۇنىستىك دۆلەت ئىدى. ساراسىمە غەيەت زور بولدى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن دۆلەت بولغان ئامېرىكانىڭ پرېزىدېنتى جون كېننېدى ئاگاھلاندۇرۇپ: ‹ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم بوشلۇقىنى كونترول قىلىۋالسا، ئۇ پۈتۈن يەر شارىنى كونترول قىلالايدۇ،» دېدى. تارىخنىڭ مەسخىرىسى! 1989-يىلىغا كەلگەندە موسكۋانىڭ دىكتاتورلىرى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتتى. ھەممە تەرەپتىن ۋەيران بولدى. بۇنى خىتايغا تەتبىقلاشقا بولامدۇ؟ تامامەن ۋە تولۇق تەتبىقلاشقا بولىدۇ. خىتاينىڭ تارىختىن ئالىدىغان خېلى كۆپ دەرسى بار.»

فرانك مايار ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي 0 دىن 1.2 مېتىرغا سەكرىسە بۇ ھەيران قالارلىق ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما غەرب 2، 40 تىن 2، 50 مېتىرغا سەكرىسە بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. بۇنى بېيجىڭنىڭ مۇستەبىتلىرى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار كوممۇنىزم، كاپىتالىزم، تېخنىكا ئوغرىلاش، كوپىيە قىلىپ ياساش، سېتىۋېلىشقا تايىنىپ يۈكسىلىپ كەلدى. غەرب بولسا ئەركىن سودا بازارلىرىنى ئۇلارغا كەڭ ئېچىۋەتتى. ئەمما شۇنىسى مۇھىمكى، خىتاي مەڭگۈ ئەركىن پۇقرالار جەمئىيىتىنى يارىتالمايدۇ. خىتاي تۈزۈلمىسىدىكى ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشتە كەمچىل بولغان ئاساسلىق ھەم ھالقىلىق ئامىل: پۇقرالار ئەركىنلىكىدۇر. دەرۋەقە، نۇرغۇنلىغان خىتايلار غەربنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ كاللىسىنى ئاچتى، دەۋەقە، ئۇلار خىتاينىڭ ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلىرى ۋە شىركەتلىرىدە ئەقلىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. خۇاۋېي دۇنيادىكى ئىلغار دىگىتال شىركەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، خۇاۋېيمۇ غەربنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بېقىنىدۇ.»

فرانك مايار ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىم ئۆز پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بۇ قەدەر ئېچىنىشلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، كىم 600 مىليوندىن ئارتۇق كامېرا ئورنىتىپ ئۆز خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىۋاتقان بولسا، كىم خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىدىن قورقۇۋاتقان بولسا، كىم پۇقرالىرىنىڭ ئەقلىي يانفونلىرىنى قەدەمدە بىر تەكشۈرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزۈۋاتقان، ئۇلارنى جازالۋاتقان بولسا، دەل شۇ مەڭگۈ ئەركىن بىر پۇقرالار جەمئىيىتىنى ھەرگىز بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ.»

«ئەركىنلىك» تىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلمىگەن، ئەكسىچە ئۇنى خالىغانچە ئاياق ئاستى قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ غەرب ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى، غەربنى مەغلۇپ قىلىش مەقسىتىگە ئەسلا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن فرانك مايار ماقالىسىدە خۇاۋېينىڭ شى جىنپىڭنىڭ بىر قورالى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، سۆزىنى گېرمان پەيلاسوپى گېورگې ۋىلھېلم فرېدرىك ھېگېلنىڭ «دۇنيا تارىخى ئەركىن تەپەككۇر ئارقىلىقلا تەرەققىي قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

3-سېنتەبىر فرانك مايار يەنە «فوكۇس» قانىلىنىڭ «يەر شارىلىشىش نېمە ئۈچۈن زىددىيەتكە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدىكى نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «دېموكراتىيىنى يەر شارىلاشتۇرۇش» پىكىر ئېقىمىنىڭ خاتالىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرگە دېموكراتىيەنىڭ ياراشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دېموكراتىيە مىللەتنىڭ ئەمرىدە بولىدۇ. ئۇنى ياشىتالمايدىغان مىللەتتە دېموكراتىيە بولمايدۇ. دېموكراتىيە ئەركىنلىكنىڭ رامكىسى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەركىنلىك بولمىغان يەردە دېموكراتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.