ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى مەررى رىمىر: «خىتاي ھۆكۈمىتى گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ ياشىشىنى گۇناھ دەپ ھېسابلىماقتا»

0:00 / 0:00

11-مارت ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيە پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن ۋېستمىنىستېر زالىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى» تېمىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان.

ئەنگىلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت خانىممۇ شۇ كۈنىدىكى يىغىنغا قاتناشقان. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

پارلامېنت ئەزاسى مارك پرىچارد ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇنازىرىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى ئېيتقان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 4000 يىلدىن بۇيان، يەنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنلا شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا ياشاپ كەلگەن خەلق ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ دۆلەتلەر سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» قالپىقى ئاستىدا ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلى يازدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دېگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ سۆزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلى دېكابىردا «ئۇيغۇر-2019» ناملىق قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىگەن. مارك سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ئەركىن، تىنچ-خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پارلامېنت ئەزاسى جىروم مېيخوۋ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا تۇرغان ۋاقتىدا ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلىپ، «ئۇ يەردە تۇرۇپ باققان ھەرقانداق كىشىگە ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتلىك ۋە ئالىيجاناب خەلقتۇر،» دېگەن.

ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قالايمىقان باستۇرۇش دۇنيا خەۋپسىزلىكىدە كرىزىس پەيدا قىلىدۇ شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى بۇزۇۋېتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پارلامېنت ئەزاسى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فىيونا بىرۇس پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي كەمسىتىشلىرىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە تۆت يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋالنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ بارغانلىقىنى، يېقىندا ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» گە ئاساسلانغاندا، كىشىلەرنىڭ «خاتا ئويلاش» قاتارلىق غەلىتە «جىنايەت» لەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

فىيونا بىرۇس ئاتا-ئانىسى تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ يېتىم-يېسىرلار مەكتىپىگە ئەكىتىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئارىسىدا ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتقان. فىيونا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يېتىم-يېسىرلار مەكتىپىدە ئىشلەيدىغان بىر خادىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بالىلار خۇددى قوتانغا ھايۋانلارنى سولىغاندەك سولاپ قويۇلىدىكەن».

2019-يىلى 17-ئاپرېل «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» «خىتايدىكى شەپقەتسىز ‹ياتاقلىق مەكتەپ› لەر» ناملىق بىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلغان. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى يىلتىزىدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، دېيىلگەن.

پارلامېنت ئەزاسى مەررى رىمىر كەسكىن قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ ياشىشىنى گۇناھ دەپ ھېسابلىماقتا،» دېگەن.

مەررى رىمىر يەنە مۇنداق دېگەن: «دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەقسىزلىقلارغا قارشى تۇرىدىغان ئەنئەنىسى بار. بىز قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان تۇنجى دۆلەت. دەل مۇشۇ پارلامېنتتا فاشىزم ئىدېيولوگىيەسىگە قارشى بېلەت تاشلىغان ئىدۇق. دەل مۇشۇ پارلامېنتتا دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ تەرىپىنى تۇتقان ئىدۇق. بىز بۈگۈنگە كەلگەندە مۇشۇ ئەنئەنىمىزدىن ۋاز كېچىمىزمۇ؟ بىز زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئارقىلىق ئەنئەنىمىزنى داۋام قىلايلى.»

مۇنازىرىگە يۇقىرىقى پارلامېنت ئەزالىرىدىن باشقا يەنە ئالىشا كىرنىس، ئاپسانا بېگۇم، ياسمىن قۇرەيشى، جىم شانون، كىرىس بىريانىت، رىچارد گىراھام، دەيۋىد لىندىن، ئافزال خان ۋە نايجىل ئەدىم قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك، ئورگان ئوغرىلىقى ۋە كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەتىرى قاتارلىق تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان.

ئاخىرىدا مارك پىرىچارد سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ پىكىر بايان قىلدى. بۇ خىتايدا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مەدەت بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.»

مۇنازىرىنىڭ ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقان بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىردەك ئەنگلىيە پارلامېنتىغا تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى سۇنغان: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشكە چاقىرىق قىلىش؛ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش؛ ‹يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى› نى يولغا قويۇپ، خىتايغا قاراتقان دىپلوماتىك بېسىمىنى ئاشۇرۇش.»

بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان مۇنازىرىدە پارلامېنت ئەزالىرى بىردەك مۇنۇ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان: «بىزنىڭ قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار. ئەگەر سۈكۈت قىلساق، ئەخلاقىمىزغا، تارىخىمىزغا، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان ۋە بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج مىليونلىغان ئاۋازسىز كىشىلەرگە خىيانەت قىلغان بولىمىز. شۇنداقلا زۇلۇمغا شېرىك بولغان بولىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا، ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز. ئەگەر خىتاي بۇ سىياسەتلىرىنى يەنە داۋام قىلسا كەلگۈسىدىكى تېررورلۇق مەسىلىسىگە يول ئاچىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس بەلكى، بەلكى بىر خەلقئارالىق مەسىلە. بىز خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئىنكاسىغا قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئۇيغۇر مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ئارقىلىق ئەنگلىيە پارلامېنتىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.