26-مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورۇنلىرىغا قارىتا جازا يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتقا قارىغاندا خىتاي جازا يۈرگۈزگەنلەر بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز شەخس ۋە تۆت ئورۇن بولۇپ ئۇلار: توم تۇگېنخات، ئىئىن دانكان سىمىس، نىل ئوبرىئېن، داۋىد ئالتون، تىم لۇفتون، نۇسرەت غەنى، خېلېنا كېننىدى، گېففرېي نىس، جوئاننا نىكولا سىمىس فىنلېي، خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى، ئېسسېكىس ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى قاتارلىقلار ئىكەن.
خىتاي تەرەپ جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك خىتاينى تەنقىد قىلغانلار بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي «ئاچچىقىنى چىقىرىش» ئۈچۈن مۇشۇ باياناتنى ئېلان قىلغان دېيىشمەكتە.
BBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە: «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ‹ئۆچ ئېلىش› خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتا قوللىنىلغان تەدبىرلەرگە قارشى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىردۇر» دەپ يازغان.
يېقىندا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسىتىگە چېتىشلىق ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون ئىزچىل خىتاي بىلەن مۆتىدىل مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتايغا قارشى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر بورىس جونسون 26-مارت ئۆزىنىڭ تۋېتتىر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بۈگۈن خىتاي جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقا ئەنگلىيە پۇقرالىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يورۇتۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. دەپسەندىچىلىككە قارشى سۆزلەش كىشىلەرنىڭ نېگىزلىك ئەركىنلىكى. مەن ئۇلارنى قەتئىي قوللايمەن».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «نۇسرەت غەنى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ئىزچىل باش مىنىستىر بورىس جونسونغا سوئال قوياتتى. باش مىنىستىر بورىس جونسوننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال قويغان پارلامېنت ئەزالىرىنى قوللايدىغانلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈرۈشى تۇنجى قېتىم».
ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى ئۆزىنىڭ تۋېتتىر ھېسابىدا باش مىنىستىر بورىس جونسونغا رەھمەت ئېيتقان ۋە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن خىتاي بىزگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى. مەن قورقمايمەن ھەم سۈكۈت قىلمايمەن. شۇنداقلا ھۆكۈمىتىمىزمۇ قورقمايدۇ، سۈكۈت قىلمايدۇ. مەن ئەركىنلىكىمدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىمەن ۋە بۇ جازانى شەرەپ بەلگىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمەن».
BBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈلگەن باشقا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى چىققانلىقىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقى، ئەكسىچە شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئىئىن دانكان ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «بىز قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ئەركىن دۆلەتتە ياشايدىغانلار ئاۋازى بوغۇلغانلار ئۈچۈن سۆز قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇ خىتاينىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ ماڭا جازا تەدبىرى قوللانغان بولسا، مەن ئۇنى شەرەپ بەلگىسى دەپ قوبۇل قىلىمەن».
جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈلگەنلەرنىڭ بىرى تۆۋەن پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇگېن خات ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «مەن بۇنى ئەنگلىيە دېموكراتىيەسىگە قىلىنغان بىۋاسىتە ھۇجۇم ۋە مېنى ئاۋازى بوغۇلغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇشۇم ئۈچۈن سايلىغان ئەنگلىيە خەلقىنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش دەپ قارايمەن».
تەتقىقاتچى دوكتور سىمىس فىنلېي تۋېتتىردا: «مەن سۆزلىگەنلىكىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن ھەم بۇندىن كېيىنمۇ سۈكۈت قىلمايمەن»، دەپ يازغان.
رەھىمە مەھمۇت خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەنگلىيەدىكى بۇ تەرەققىياتىدىن ناھايىتى سۆيۈنگەنلىكىنى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قارارلىرىدىن تېخىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگىمۇ جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغانلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلغان جازا تەدبىرى خىزمىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. سوتىمىزغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ھەر قانداق گۇرۇپپا، رايون ۋە ياكى شەخسنىڭ سوت كوللېگىيەمىزنى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق مۇستەقىل چىقارغان ھۆكۈملىرىمىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىزنىڭ سوت كوللېگىيەمىز بىلەن ھەمكارلىشىش تەكلىپىمىزگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ۋە سوت كوللېگېيەمىزنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىدىغان ئىسپات بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگە ۋاكالىتەن جېففېرى نايىس».
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ ئۆتكەن يىلى 3-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا بىر مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى قۇرۇلغان. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دەپ ئاتالغان بۇ كوللېگىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرىدۇ ۋە توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىدۇ.