خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكسىلىشىنىڭ تەتۈر رول ئويناپ نۆۋەتتە دۇنيا ئۈچۈن بىر زور بالايىئاپەتتىن دېرەك بېرىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە غەرب دۇنياسىدىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ساھەگە مەلۇم بولۇۋاتقان بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ ھالنىڭ نۆۋەتتە دۇنياۋى ئاپەتكە ئايلىنىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ زور دىققەت قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور ئاندېرس كور يېقىندا بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ: «خىتاينىڭ مۇشۇ خىل ماھىيىتى مۇشۇ قېتىملىق تاجسىمان ۋىرۇسىنى غەرەزلىك ھالدا دۇنياۋى ۋاباغا ئايلاندۇرۇۋەتتى،» دەپ كۆرسەتتى.
دوكتور ئاندېرسنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە غەرب دۇنياسى ئۈچۈن زۆرۈر ئىشلارنىڭ بىرى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا غايەت زور خەتەر ۋە بالايىئاپەتنىڭ سايىسىنى تاشلاۋاتقان خىتاي دۆلىتىنى مەغلۇپ قىلىش ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھىلىگەندە نۆۋەتتىكى تەبىئىي پەن دۇنياسىدا ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ ھەمكارلىققا جەلپ قىلىش، شۇنداقلا ئۇلاردىن بەزىلىرىنى ھازىر بەكمۇ ئاچقۇچلۇق بولغان يادرولۇق قوراللارغا ئىگە قىلىش لازىم ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەر، جۈملىدىن خىتاي، رۇسىيە، ئىران دېگەنلەر بۇنىڭدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈۋالسا بۇنىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىيە قەدەملىرى ئۈچۈن زور خەتەرگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭدا تەبىئىي پەن جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«بىز ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى جەزمەن ئۆز قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇشىمىز لازىم. بۇ دېگەنلىك پەن-تېخنىكا ئامىللىرىنىڭ يۆتكەپ كېتىلىشىگە قارشى تۇرۇشىمىز، بولۇپمۇ خىتايدىن كەلگەن ھەمدە سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەبىئىي پەن ساھەلىرىدە، ماتېماتىكا كەسىپلىرىدە، شۇنىڭدەك ئىنژېنېرلىق ساھەلىرىدە ئوقۇشىغا چەك قويۇشىمىز لازىم، دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. خىتايدىكى شىركەتلەرنىڭ مەبلىغى بىلەن ماڭىدىغان ‹بىرلەشمە تەتقىقات› دېگەنلەرنىمۇ توختىتىش لازىم. بىز خىتاينىڭ ئافرىقا، ئافغانىستان، پاكىستان، سرىلانكا، گرېتسىيە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى قاتارلىق جايلاردىكى ھەربىي پورتلىرى ۋە بازىلىرىنى كەلگەن جايىغا قايتىشقا مەجبۇرلىشىمىز، بىزگە تەۋە ‹چەكلەنگەن دائىرە سىزىقى› نى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا چەكلىك دائىرىدىكى ھەربىي تالاش-تارتىشقا ئارىلىشىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز لازىم. بىز ھازىر خىتاينىڭ بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان زېمىن دەۋاسى زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇۋاتىمىز. بۇ تالاش-تارتىش تېخىمۇ چىڭىغا چىقسا بىزنىڭ يېڭىشىمىز ئېنىق ئىدى. ئەمما ھازىر بۇ پايدىلىق ئامىل تېز سۈرئەتتە قولدىن كېتىۋاتىدۇ. قولىمىزدىكى بىزگە تەئەللۇق پايدىلىق ئامىللار مۇشۇ سۈرئەتتە كۆزدىن يۈتۈشتىن ئىلگىرى خىتاينى قاپساشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى ھازىرقى خەۋپنى، جۈملىدىن ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كۆپ قىرلىق خېيىم-خەتەرلەرنى ئېتىراپ قىلىشتۇر.»
دوكتور ئاندېرسنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ دۇنيا ئىدېيولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىش ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ مەۋقەسىگە بۇراپ كېتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر ئۇنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ ھازىرقى رېئاللىقىنى نەزەرگە ئالغاندا بۇ جەھەتتىكى توسقۇنلۇقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىدىن بىرى خىتاينى پارچىلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن. بۇ جەھەتتە بولسا ئەسلىدىنلا خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ئىستىگۈچى كۈچلەرنى قوللاش بەكمۇ ئاقىلانە ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بىر تاللاش ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «خوڭكوڭ، تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى خىتايدىن ئايرىلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ئارقىلىق خىتاينى پارچىلىشىمىز بەكمۇ مۇھىم. بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى بۇنىڭغا ئەگىشىشكە چاقىرىشىمىز لازىم. چۈنكى تەيۋەن خىتايدىكى بىردىن-بىر قانۇنىي ھۆكۈمەت ھېسابلىنىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بولسا زورلۇق بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەنلا مەۋجۇت بولۇۋاتقان قانۇنسىز ھۆكۈمەت. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىن چىقىرىۋېتىش لازىم. ئەگەر ب د ت باش شتابى بۇنداق قىلالمىسا ئۇ ھالدا بىز خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشىنى چەكلىشىمىز، ئۇلارنى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت باش شتابىغا يېقىن كەلتۈرمەسلىكىمىز لازىم. خىتاي زېمىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تاجاۋۇزكار تەبىئىتىنى ئاشكارىلىغان بولسا بىزمۇ ئۇلارغا زېمىن جەھەتتە چەك قويۇشىمىز زۆرۈر بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ھەقلەر ب د ت نىڭ دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىش تەكلىپىگە باشقا دۆلەتلەر قارشى چىقسا بۇ ئۇلارنىڭ ب د ت نىڭ غول پرىنسىپلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھالدا بىز بۇ خىلدىكى ھاكىممۇتلەق خىتايغا ھەمدەم بولغان دۆلەتلەرنىمۇ قوشۇپلا ب د ت دىن چىقىرىۋېتىشىمىز، شۇنداقلا ئۇلارغا قارشى ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشىمىز لازىم.»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى خەلقئارا سەھنىدە بىر قىسىم دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ھەمدە غوللۇق شەخسلەر خىتايغا قارىتا بۇ خىل قاتتىق چارىلارنى قوللىنىشقا قارشى بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇئامىلە ئىشلىرى بار ئىكەن. يەنە كېلىپ ئىدېيولوگىيە جەھەتتە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلار بولسا كۆپىنچە ھاكىممۇتلەق ۋە دىكتاتورا دۆلەتلىرى ئىكەن. شۇڭا نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇشۇ بەش خىل ئىستراتېگىيە خىتاي كومپارتىيەسىنى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە مەغلۇپ قىلىشقا يېتەرلىك ئىكەن. بولۇپمۇ مۇشۇ قېتىملىق ۋابا كېسىلىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر قاتار مەسىلىلەر ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەييارلىقسىز ھالىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بەدەلگە توختىغانلىقىنى ئەڭ ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن ئامىل ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىن كەلگەن ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنى قوللاش ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكاغا كەلگەنلەرگە قۇچاق ئېچىش ئارقىلىق خىتاينى دېموكراتىيەگە يېتەكلىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇ ئوقۇغۇچىلار تارىخ ۋە سىياسەت پەنلىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن دېموكراتىيە ھەققىدىكى ئىجابىي پىكىرلەر بىلەن دۆلىتىگە قايتسا شۇ جايدىكى دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا مۇھىم كۈچلەردىن بولۇپ قالىدۇ. خىتاينى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ۋە پارچىلاش دەرۋەقە ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. ئەگەر خىتاينى پارچىلاش ۋە دېموكراتىيەگە يېتەكلەشكە قادىر بولالمىساق ھېچ بولمىغاندا دېموكراتىيەلىشىش ھەركىتىنى، شۇنىڭدەك تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى دېگەنلەرنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەرلىك سەۋىيىدە قوللىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا خىتاي ھېچبولمىغاندا ئىچكى بىخەتەرلىك خىراجىتىنى ئاشۇرۇپ، تاشقى جەھەتتىكى ھەربىي خىراجەتكە ئاجرىتىدىغان خام چوتىنى مەلۇم دەرىجىدە كېمەيتىدۇ. دېموكراتىيەلىشىش دەرۋەقە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدېيولوگىيە جەڭگاھى بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇنياۋى مىقياستا كۆپلىگەن پايدىلىق ئامىللارغا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز لازىم.»
نۆۋەتتە خىتاينىڭ خەلقئارادا بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كېلىشى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋىرۇس بالاسىنى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» ياكى «مەرۋايىت پورتى (پېئارىل-خاربور) ھۇجۇمى» غا ئوخشىتىشى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنىڭ تولىمۇ رېئال قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00