مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي غەرب دۇنياسىنى قايرىپ قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئوڭچە ئىگىلىيەلمەيدۇ»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر «7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» غا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى» نى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنىڭ داغدۇغىسىنى قىلغان.

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ‹7 دۆلەت باشلىقلىرى› يىغىنى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتامدۇ؟ » ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ بىر مۇھىم مەقسىتى، خىتاي ئۆزى بىلەن بىر يولدا ماڭىدىغان ھەمراھلىرىنى يېنىغا تارتىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپىگە تاقابىل تۇرماقچى؛ خىتاينىڭ مەقسىتى ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىش.

«7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن بىر كۈن كېيىن ئېچىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ باي ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىر يەرگە كېلىپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان زومىگەرلىكىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە سودا-تىجارەتتە خىتايغا تايىنىپ قېلىشنى قانداق ئازايتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ(ئوتتۇرىدا) ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرى سۆزلەش مۇنبىرىدە. 2023-يىلى 19-ماي.
شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ(ئوتتۇرىدا) ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرى سۆزلەش مۇنبىرىدە. 2023-يىلى 19-ماي. (REUTERS)

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە يېقىن دۆلەتلەرنى توپلاپ بىر-بىرىگە قارشى كۈچ ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كەسكىن جەڭ-جېدەلگە سەۋەب بولىدىغان قۇتۇپلىشىش باسقۇچىغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، «7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» دا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتىن ئاجىزلاپ كەتكەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىرىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى، بۇنى پۇرسەت بىلگەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە قالدۇرۇپ قويغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقى مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن بىرى بولغان. خىتاي ھازىر رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننى غەزەپلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن بىر ياقتىن رۇسىيەنى قوللاپ، بىر ياقتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا خالىغىنىنى قىلىش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى دۆلەت كاتتىباشلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە ناھايىتى مۈشكۈل دىپلوماتىيە ئۇسسۇلى ئوينىماقتا ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ يەردە ھەقىقەتەن پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ خىتايغا ھەقىقەتەن ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن بۇ يىل قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلارنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئىمبارگوسىغا ئۇچرىغان رۇسىيەگە ياردەم بەرمەسلىككە چاقىرغانىدى.

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى شەرىپجان نادىروف چوڭ گىئو-سىياسىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغان قازاقىستاندەك دۆلەتلەرنىڭ ھەم ئەۋزەللىككە ھەم پالاكەتكە يېقىن ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى ياقتىن تەڭ پايدىلىنىشقا، ئەڭ مۇھىمى تېخنىكا ۋە ساپادا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاتلانتىك كېڭىشى خىتاي مەسىلىلىرى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىۋا ياۋ (Niva Yau) نىڭ سۆزىگە قارىغاندا، غەرب ئەللىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قانچىكى يېقىنلاشسا، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۇلاردىن شۇنچە قىزغىنىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئاچقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش، خىتاينى ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشنىسى ۋە ياردەم بەرگۈچىسى قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

يۇقىرىقى ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىزىقىشىدىكى سەۋەب، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كەلدى. بۇ رايون ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قوشنا، شۇڭا خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى شىنجاڭنى تېخىمۇ مۇقىم قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ».

«بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ تىۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ‹خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى› دا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 26 مىليارد يۈەن مالىيە ياردىمى ۋە ھەقسىز ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

تەتقىقاتچى نىۋا ياۋ خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 17-كۈنى يوللىغان تىۋىتېدا مۇنداق دېگەن: «بۇ قېتىم قىرغىزىستان بىلەن خىتاينىڭ تۈزگەن كېلىشىمدە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر كۆپ ئەمەس، خەۋپسىزلىك مۇناسىۋىتى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. قازاقىستان بىلەن خىتاي سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ‹شىنجاڭ› نى نەزەردىن ساقىت قىلدى. ئەمەلىيەتتە قازاقىستاندا خىتايدىن كەلگەن 500 مىڭ قازاق پۇقراسى بار. قازاقىستان خىتاي بىلەن بۇنى دېيىشمىدى» .

شەرىپجان نادىروف ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى چوڭ سىياسىي كۈچ ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ دۆلەتتىكى باشلىقلارنىڭ پۇتىننىڭ ئالدىغا بارمىسا شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا بېرىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نىۋا ياۋ 5-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللىغان تىۋىتىدا، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا 82 تۈرلۈك كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت-يىغىنلار ئىچىدە تارىخىي رېكورت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆزبېكىستان گەرچە خىتاي بىلەن كېيىنرەك يېقىنلاشقان دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىم ۋە باياننامىلىرى 28 تۈرگە يەتكەن، قازاقىستاننىڭ 7 تۈرلۈك، قىرغىزىستاننىڭ 11 تۈرلۈك، تاجىكىستاننىڭ 18 تۈرلۈك بولغان.

نىۋا ياۋنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى تۈپ مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن پايدىلىنىش، ئەمما تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن خەلقئارادا خىتاينى قوللايدىغان كۈچلەرنى توپلاشنى بەكرەك مەقسەت قىلىدىكەن.

شەرىپجان نادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈرۈش قىلىشتىكى ئاخىرقى مەقسىتى بۇ رايوندىكى بايلىقتىن پايدىلىنىش، يۇمشاق كۈچتىن پايدىلىنىش، ھەربىي كۈچ جەھەتتىن بويسۇندۇرۇش ئەمەس، چۈنكى بۇنىڭ ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋېلىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، غەرب ئەللىرى ۋە رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.