30-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپىرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمغا سابىق مىنىستىر ئوقتاي ۋۇرال ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بەكىن ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كېسەر ئەپەندى، شۇنداقلا ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ، 60 دەك كىشى قاتناشتى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپىرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي تەھدىتى› دېگەن بۇ تېمىنى بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. بىز ئۆتكەن يىلى مەزكۇر تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان ئىدۇق، چۈنكى ئۆتكەن يىلى 1-ئىيۇل كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان كۈن ئىدى. بىز بۇ يىغىنىمىزدا خىتاينىڭ قانداق قىلىپ دۇنياغا تەھدىت بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، بۇنى توسۇشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن ئىسپانيە پايتەختى مادرېدتا ئېچىلغان «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) نىڭ يىغىندا، خىتاينىڭ دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ. بىز دەل مۇشۇ كۈندە بۇ يىغىننى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. يىغىنىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.»

مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنقەرەدىكى ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدوڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا قارشى سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ماۋ زېدوڭنىڭ ياشلىق چاغلىرىدا يازغان ماقالىلىرىدا خىتايدىكى 27 ئۆلكىنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى، 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قاراپ ماڭغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆپلىگەن مىساللار ئارقىلىق شەرھىيلەپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «يېڭى خىتاي ئىمپىرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەر ئارقىلىق دۇنيانى ئالداپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن ئىستانبۇلدىكى يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنت دوكتور ئالى چاقسۇ ئەپەندى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ‹قىرغىنچىلىق› سۆزىدىن قاتتىق چۆچۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› نى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىك كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.