بۈگۈنكى خىتاي ۋە «خىتاي تەھدىتى» گە قارشى ئۆسۈۋاتقان دۇنىياۋىي تونۇش

0:00 / 0:00

ئامېرىكا سىياسىي ساھەسى 2000-يىللاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تېپىشىغا ھەمدەمدە بولغاندا ئۇنىڭ دېموكراتىيەگە ئۆتۈشىگە يول ئېچىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندە بۇنىڭ بىر تۈرلۈك «سىياسىي فانتازىيە» بولۇپ قالغانلىقىنى تەدرىجىي ھېس قىلىشقا باشلىدى. ھالبۇكى خىتاينىڭ دېموكراتىيەگە ئۆتۈشى ئەمەلگە ئاشمايدىغان بىر خام خىيال ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ دۇنيانى ئۆزلىرىنىڭ ئەندىزىسىگە چۈشۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرى ئېرىشكەن ئىقتىسادىي قۇۋۋەتنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ دۇنيانىڭ يېڭى زومىگىرى بولۇشقا ئاتلانغانلىقى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.

ئەنگلىيەنىڭ سابىق باشمىنىسترى تونىي بىلايىر (Tony Blair) 16-ئىيۇل كۈنى «كانادا خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «غەرب دۆلەتلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ خىتايغا قارشى بىر ئورتاق ئىستراتېگىيەنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم» دېگەن بولۇپ، بۇ ھال دەل ئەنە شۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ ھازىر بارغانسېرى مۇنتىزىم شەكىل ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. تونىي بىلايىرنىڭ قارىشىچە غەرب دۇنياسى ئۆزلىرىنىڭ مۇداپىئە ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتمىسە خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچ» ۋە «قاتتىق كۈچ» ئارىلىشىپ كەتكەن خىرىسلىرى ئالدىدا غەربنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئاخىرلىشىش قىسمىتىگە دۇچ كېلىدىكەن. خىتاي نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش بىلەن بىللە تەيۋەننى قوشۇۋېلىشنى ئاشكارا بولغان «مەخپىيەت» شەكلىدە تىلغا ئالماقتىكەن. شۇڭا ئۇ بۇ ھالنى خۇلاسىلەپ «بىز ھازىر تۇنجى قېتىم شەرق دۇنياسى ماھىيەتتە غەرب دۇنياسى بىلەن باراۋەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر باسقۇچقا كېلىپ قالدۇق. بۇ ئەسىردىكى ئەڭ زور سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئۆزگىرىش روسىيەدىن ئەمەس، بەلكى خىتايدىن كېلىدۇ» دەيدۇ.

بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نامىدىكى «قەرز ئىستېلاسى» ھەققىدە بارغانسېرى سەلبىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلمىشىنىڭ يالغۇز غەرب دۇنياسى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ھىندىستان، فىلىپپىن قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان قوشنىلىرى ئۈچۈنمۇ ئېغىر خىرىسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ بىلىنىشكە باشلىغان. ياپونىيەلىك سىياسىي ئانالىزچى خىرويۇكى ئاكىتا (Hiroyuki Akita) 16-ئىيۇل كۈنى «يەكشەنبىلىك مۇھاپىزەتچى» گېزىتىگە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاينىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى ئۇلارنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق نىشانى بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ قوشنىلىرىنى ئامېرىكا بىلەن شېرىكلەشمەسلىككە قىستاۋاتىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرىنى ئاسىيا رايونىدا يالغۇز قالغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقچى» دەيدۇ. خىتاينىڭ ھازىرقىدەك ئاشكارا ھالدا ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى ھەمدە دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئاتلىنىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon Chang) بۇنىڭ ئاللىقاچان رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغان پاكىت ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىشقىدۇر بۇ مەسىلىدە تېخىچە كەسكىن بىر مەيدانغا كەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. .

«بىز خىتاي ھەربىي كۈچلىرىنىڭ تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا بېسىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆردۇق. ئەمما بۇ يالغۇز تەيۋەننىڭلا مەسىلىسى ئەمەس. ھازىر خىتاي ياپونىيە، فىلىپپىن، ھىندىستان دېگەندەك قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرىگە قاراپ بولالماس قىلىپ قويۇشنىمۇ ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن يېرىم ئەسىرىدە كۆپ تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئىشلار. دۇنيا ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن تېپىچەكلەپ قالغاندا ئۇلار تىبەتنى، شىنجاڭنى ئىشغال قىلىۋالمىدىمۇ؟ ھىندىستان ئۇرۇشىمۇ ئەنە شۇ خىلدىكى ئەھۋالدا يۈز بەردى. ھازىر دۇنيا يەنە بىر قېتىم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ كېتىۋاتقاندا خىتاي بۇ كونا دەستۇرنى قايتىدىن ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. چۈنكى شى جىنپىڭ ھەربىي مەسىلىلەرگە دائىر نۇرغۇن ئىدىيەلەرنى ماۋ زېدوڭدىن قوبۇل قىلغان. ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ بۈگۈننىڭ تەييارلىقىغا چۈشكەن ئىدى. مانا ئەمدى دۇنيا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن بولۇپ كېتىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتچىلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان ئامېرىكىغا قارشى خەلق ئۇرۇشى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى ئاشكارا ھالدا دۈشمەن، دەپ جاكارلاۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرىمىز خىتاينى زادىلا ‹دۈشمەن› دېيىشنى خالىمايۋاتىدۇ.»

خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى دۇنيا زومىگىرىگە ئايلىنىش خاھىشى غەرب سىياسىي ساھەسىنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئاۋسترالىيە لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن پىتېر دۇتتون (Peter Dutton) 17-ئىيۇلدا «ئاسمان خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ماھىيەتتە نۆۋەتتىكى كىلىمات مەسىلىسىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر بۆھران بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان ئاۋسترالىيە پادىشاھلىق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن پىتېر دۇتتون «ئاۋسترالىيە يالغۇز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى سۈرۈشتە قىلىپ قالماستىن يەنە ئۇنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ بىز ئۈچۈن نېمىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشى لازىم» دېگەن. دەرۋەقە بۇ ھال ئاۋسترالىيە سىياسىي ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس (Anthony Albanese) ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ (Penny Wong) نىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايغا قارشى كەسكىن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بۇنىڭ بىر دەلىلى ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى نۆۋەتتە غەرب دۇنياسى ئۈچۈن «قوش دۈشمەن» مۇھىتى يارىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال كۆپ قىرلىق تەسىر پەيدا قىلماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا گوردون چاڭ بۇنىڭدىكى رۇسىيە ئامىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. .

«ھازىر خىتاينىڭ قوشنىلارغا بولغان خىرىسلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ خىتاي ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ ھەمدە تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە خوجايىنلارچە بۇيرۇق چۈشۈرۈۋاتىدۇ. بۇنى ئامېرىكا قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەمما ھازىر خىتاينىڭ يۈرىكىنى يوغىنىتىۋەتكەن ئىشلارنىڭ بىرى غەرب دۇنياسىنىڭ رۇسىيە باشلىغان ئۇرۇشقا كۈچلۈك ئىنكاس ۋە ھۇجۇم قايتۇرالمىغانلىقى بولۇۋاتىدۇ. رۇسىيەدىن شۇنچە قۇدرەتلىك بولغان ئامېرىكا ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىچە غاچ-غۇچ قىلىپ بىرەر چارىنى ئىشقا سېلىپ رۇسىيەنىڭ تانابىنى تارتالماسلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي ھازىر ‹بۇلارمۇ تايىنلىقكەنغۇ› دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تەيۋەندىن باشلانغان بۇ ئىغۋاگەرلىكى ھازىر بارغانسېرى كۆپ دائىرىگە يېيىلىۋاتىدۇ.»

مۇلاھىزىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇددى تونىي بىلايىر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك نۆۋەتتىكى غەرب دۇنياسىدا خىتاينىڭ بۇ خىل «دۇنياغا خوجا بولۇش» نىيىتىنى بارغانسېرى تونۇپ يېتىشنىڭ سالمىقى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ غەرب دۇنياسىدىكى كۈچلەرنى تېزدىن بىر نۇقتىغا جەم قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. يەنە كېلىپ غەربىي يېرىم شارنىڭ مايىللىقى خىتايغا ئەمەس، ئەكسىچە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان كۈچلەرگە بەكرەك تەلپۈنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر غەرب دۇنياسىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى قىزىقىدىغان تېمىلاردىن بىرى بولۇپ قالماقتىكەن.