كېللىي كۇررىي: «خىتاي دۆلىتى پەقەتلا خىتايلارنىڭ» (1)

0:00 / 0:00

بۇ يىل 5-ئايدا كانادادا 1800-يىللاردا سېلىنغان ۋە كانادادىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ بالىلىرى يىغىۋېلىنىپ «تەربىيەلەنگەن» ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئورنىدا 215 بالىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. 6-ئاينىڭ بېشىدا يەنە شۇنداق بىر مەكتەپ ئورنىدا 715 جەسەت بايقالغانىدى. ئەينى چاغدا ياتاقلىق مەكتەپلەردە «مەدەنىيەت ئۆگىتىش» نامىدا ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېلىنغان بۇ يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ پەرۋاسىزلىق، خورلاش ۋە سەل قاراشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. مەزكۇر ۋەقە كانادا ھۆكۈمىتى، خەلقى ۋە كانادادىكى يەرلىك خەلقلەرنى ۋە شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى زور زىلزىلىگە سالغان ۋە قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغان شۇنداقلا تارىختىكى سەۋەنلىكلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ يەنە بىر قېتىم ئاچچىق ساۋاق ئېلىشىغا تۈرتكە بولغانىدى.

ھالبۇكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە قايتۇرغان غەلىتە ئىنكاسى بولدى. چۈنكى خىتايدىكى مەتبۇئاتلار كانادادىكى بۇ ۋەقەگە ئىنتايىن كەڭ ئورۇن بېرىش بىلەنلا قالماي، ئۇنى كانادانىڭ ۋە جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىغا ھۇجۇم قىلىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرغان.

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق مۇئاۋىن ئەلچىسى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا مەيدانىنى ئىزھار قىلىپ كېلىۋاتقان كېللىي كۇررىي خانىم «خىتاي دۆلىتى پەقەتلا خىتايلارنىڭ» ناملىق ماقالىسىنى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا بۇ پوزىتسىيەسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يازغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كانادادىكى بۇ ۋەقە خىتاي دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پەۋقۇلئاددە دەرىجىدە خەۋەر قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىمۇ يەر ئالغان. «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» دە جاڭ جوۋشياڭ خۇددى بىر غەلىبە تەنتەنىسى قىلغاندەك «كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى باشقا دۆلەتلەرگە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار باشقىلارنى ئىشارەت قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى تەكشۈرۈپ، خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشى كېرەك»، دەپ يازغان. خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسلۇبتا ئىپادە بىلدۈرگەن.

كېللىي كۇررىي خانىم بولسا «دۆلەتلىك كۆزىتىش ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: «بىر دۆلەت تارىختا يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا قىلىنغان خاتا مۇئامىلىگە ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىسا ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولۇش ئورنىغا خۇشال بولۇش ھېلىغۇ بىر دۆلەت ئىكەن، ھەرقانداق بىر كىشىگە ياراشمايدىغان بىر ھەرىكەت. يەنە كېلىپ ئۆز ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقتىن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ تارىختىكى خاتالىقلىرىنى سەمىمىي ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئېتىراپ قىلىۋاتقان دۆلەتكە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشى كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ. بىراق خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا قىلىۋاتقان رەھىمسىز مۇئامىلىسى دەل خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن كانادانىڭ يەرلىك مىللەت پاجىئەسىگە بۇنچە كۈچەپ ئېسىلىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

كېللىي كۇررىي خانىم ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى غەربنى مۇناپىقلىق بىلەن ئەيىبلەشكە ھېرىسمەن. ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى ئېغىر ئىرقچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى كانادانىڭ يەرلىك خەلقلەرگە تارىختا يۈرگۈزگەن ۋە ئاللىقاچان ئۆكۈنۈپ تەرك قىلغان ئىرقچىلىق سىياسىتىگە سېلىشتۇرۇپ كەلدى. ئەمما كانادانىڭ يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ئۆيىدىن ئايرىپ ئەپ كەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بۇ خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى ئەكسىچە نۆۋەتتە شىنجاڭ ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئوخشاش قىلمىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىدۇر. ئەجەبا، 1800-يىللاردا كانادانىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە قاراتقان بۇ سىياسىتى‹چۆچۈتىدىغان ۋە قورقۇنچلۇق› بولسا، بۇ سىياسەتلەر خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن 21-ئەسىردە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلسە ‹قورقۇنچلۇق› بولمامدىكەن؟»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاش ئۇسلۇبنى 2020-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكادا ساقچىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللىنىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان جورج فلويد ۋەقەسىدىمۇ قىلغان. ئەينى چاغدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرى، باياناتچىلىرى خىتايدا چەكلەنگەن تىۋىتتېر قاتارلىق مۇنبەرلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ «ئامېرىكا باشقىلارغا دەرس بېرىشتىن ئاۋۋال قارا تەنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەك» دەپ قاتتىق جار سالغان. ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ئاندىرس كور بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي داۋاملىق قوللىنىپ كەلگەن بىر غەلىتە ئىستراتېگىيەلىكنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە ئەيىبلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارشى تۇرۇشتا داۋاملىق ھالدا ئەيىبنى قارشى تەرەپكە ئارتىپ قويۇشتەك بىر غەلىتە ئىستراتېگىيە قوللىنىپ كەلدى. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە فالۇنگۇڭ قاتارلىقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى بىلەن ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك مىللەتلىرىگە يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ زور پەرق بولسا ئامېرىكا ۋە كانادا بۇنداق سىياسەتلەرنى ئەسىرلەر بۇرۇن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن كالىفورنىيە قاتارلىق غەربىي رايونلارغا كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقاندا يۈرگۈزگەن».

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈلگەن ۋاقىت بىلەن ھازىرقى ئەسىرنى سېلىشـتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېللىي كۇررىي خانىم ماقالىسىدە، كانادا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر مەسىلىسى بولغان دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى پەرقنى تىلغا ئېلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەكسىچە ئۆزى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى خاتا دەپ قارىمايدۇ، مانا بۇ كىشىگە ئەندىشە بېرىدىغان مۇھىم نۇقتا» دەپ بايان قىلغان.

ئاندىرس كور ئەپەندىمۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۆز خاتالىقلىرى بىلەن يۈزلىشىشى ئارىسىدىكى پەرققە دىققەت تارتىپ «بىز خاتالىقىمىزنى ئىنكار قىلمايمىز، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتنى دېگەنلەرنى تۈرمىگە تاشلايدۇ» دېدى.

ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «بىز ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قىلىنغانلارنى زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە دەپ تونۇيمىز. ئۇنى ئىنكار قىلمايمىز، ئەكسىچە بىز 100 يىلدىن بېرى بۇ توغرۇلۇق ئەركىن مۇنازىرىلىشىۋاتىمىز. بىزدە پىكىر ئەركىنلىكى بار، خىتايدا يوق. ئامېرىكا ۋە كانادادا يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان پائالىيەتچىلەر بار، نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك پروفېسسورلار بار، زىيالىيلار بار ۋە ئۇلار ئارىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ۋەزىپىلەردىكى شەخسلەر بار، مانا ئۇلار مەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەيلى كانادا ھۆكۈمىتىنى توغرا ئىشنى قىلىشقا قىستايدۇ، ھۆكۈمەتلەرنى بۇ مەسىلىدە تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشقا چاقىرىدۇ. يەرلىك خەلقلەر ئۇچرىغان زىيانلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن خىزمەتلەر قىلىندى. ئەمما خىتايدىچۇ؟ ئۇلار جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. كىمكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالسا تۈرمىگە قامىلىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ پەرقىمىز».

كېللىي كۇررىي خانىم ماقالىسىدە گەرچە ئامېرىكا 18-19-ئەسىرلەردە غەربكە كېڭىيىشتە قوللانغان كۆچمەنلەر-مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ ئوخشاش قوللانغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇنى ھېچقاچان ئېتىراپ قىلىپ باقمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ كاللىسىغا ھەدەپ خىتاينى «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ قۇربانى» دەپ چوڭقۇر سىڭدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى دەسلەپتە بىر مەزگىل سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئاپتونومىيە سالاھىيىتى بەرگەن بولسىمۇ، بىراق يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ۋە «خەن شوۋىنزىملىقى»، يەنى چوڭ خىتايچىلىق بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز گەپنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كانادادىكى يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىدىن خۇشال بولۇپ تاماشا كۆرۈپ كېتىشىگە قايتۇرۇپ كېلەيلى. تىلغا ئېلىنغاندەك، بىز كانادادىكى بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى بىلىمىز، چۈنكى دۆلەت ئۇلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيەدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر بار. . . بىز بۇ مەسىلىلەرنى مەكتەپ ئارقىلىق، ئاممىباب مەدەنىيەت ئارقىلىق ۋە سىياسەت بەلگىلەش جەريانلىرىمىزدا داۋاملىق ئۆگىنىمىز. بىزنىڭ دېموكراتىك ئورگانلىرىمىز يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەم ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بەزى تەدبىرلەرنى بەلگىلىدى. دۆلىتىمىزنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىدىن ئىبارەت خاتالىقىنى بىر تەرەپ قىلىش تىرىشچانلىقىغا ئوخشاش، يەرلىك ئامېرىكالىقلارغا قارىتىلغان خاتالىقلارنى تۈزىتىش، ھېسابلاش، ئېتىراپ قىلىش ۋە يارىشىشنىڭ قىيىن جەريانى دۆلىتىمىز مەۋجۇت بولغانچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئەمما بىز داۋاملىق ھالدا يەنىمۇ مۇكەممەل بىر ئىتتىپاق قۇرۇش تىرىشچانلىقىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۇ خاتالىقلىرىمىز بىلەن دائىم ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا يۈزلىشىپ كەلدۇق».

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى كۇررىي خانىمنىڭ دېگەنلىرىنى قوللاپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تارىختىكى خاتالىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى جىنايەتلىرىگە باھانە قىلماقچى بولۇشى نومۇسسىزلىق، دەپ تەكىتلىدى.

كېللىي كۇررىي خانىم ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەرگە قارىتىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ئېتىراپ قىلمايلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئەيىبلەۋاتقان دۆلەتلەر، ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەردىن ئۆچ ئېلىش ۋاسىتىسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بەزى چاقىرىقلارنى قىلغان. بىز بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا ئاڭلىتىمىز.