رىك سىكوت: «خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلايدىغان سەھنە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەكلىكى ھەققىدە بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلغان.

ئوبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، رىك سىكوت خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخقا ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خەت يازغان ئىكەن. ئۇ خېتىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلقئارالىق ژۇرنالىستلارنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق پىكىر ئەركىنلىكنى بوغقانلىقى، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. توماس باخ ئۇنىڭ خېتىگە جاۋاب بېرىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ چوقۇم «بىتەرەپلىك» نى ساقلايدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن.

رىك سىكوت خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبى ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش، 2022-يىلدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارارىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەشكە چاقىرغان.

9-سېنتەبىر كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كىرسىتوفى دۇبى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتىگە جاۋاب قايتۇرغان.

جاۋاب خەتتە كىرسىتوفى دۇبى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قىممەت قارىشىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە ئارىلىشىش ۋە ياكى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى يوق،» دەپ يازغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت 11-سېنتەبىر «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بۇنىڭدىن 56 يىل ئىلگىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ 1964-يىلدىكى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ بىتەرەپ ئورگان ئىكەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئۇلار خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەندە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. لېكىن بۇ بىز كۈتكەن جاۋاب ئەمەس، بۇ بىر سۆز ئويۇنى، خالاس.»

ئوبزوردا يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۈنسېرى ئىغىرلىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، 7 مىليوندىن ئارتۇق پۇقرانىڭ سۆز ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت نېگىزلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بارغان مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشقا دائىر ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسىدە مۇنداق مەزمۇنلار يەر ئالغان: «ئولىمپىكنىڭ مەقسىتى تەنتەربىيەنى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان تىنچ جەمئىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتۇر.» خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2017-يىلى ماقۇللىغان «ساھىبخانا شەھەر توختامى» دا ساھىبخانا دۆلەتنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن ئىكەن.

رىك سىكوت ئوبزورىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ توختام 2022-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلسە، ئۆز كۈچىنى يوقىتىدۇ.»

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 1936-يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت بەرگەن. 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. چۈنكى بېلگىنىمىزدەك، بۇنداق ئىش تارىختا بىر قېتىم يۈز بەرگەن.»

گوردون چاڭ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق، كەڭ كۆلەملىك قۇللۇق تۈزۈم ۋە باسقۇنچىلىق قاتارلىق ئېغىر جىنايەتلەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022-يىلدىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىشىگە يېتەرلىك دەپ ئويلايمىز. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندەك تۇرىدۇ.»

رىك سىكوت ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مىليونلىغان ئىنسانلار سولانغان لاگېرلارنى بەرپا قىلغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاينىڭ خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلايدىغان سەھنە قىلىۋېلىشىنى كەسكىن رەت قىلىشىمىز كېرەك ئىدى.»