مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي كومپارتىيەسى «چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بېكىتىلىشى كېرەك

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «سىياسىي خەۋپلەر ژۇرنىلى» دا ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق قانۇن فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور تېررى مارش ۋە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور تېڭ بياۋ بىرلىشىپ يازغان «خىتاي كومپارتىيەسى ‹چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى› دەك ھەرىكەت قىلىدۇ» ماۋزۇلۇق بىر كەڭ كۆلەملىك دوكلات ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلغان ھەرىكەتلەر، قوللانغان ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىققان ئاقىۋەت مۇلاھىزە قىلىنىش ئاساسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ قانۇنلىرىدىكى «چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى» غا بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا پۈتۈنلەي باب كېلىدىغان بىر «تېررورلۇق تەشكىلاتى» ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن. ماقالىنىڭ بېشىدا مۇنداق دېيىلگەن:

«خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1921-يىلى ‹زوراۋان ئىنقىلاب› ئارقىلىق مىللەتچى پارتىيەنى يەنى ‹گومىنداڭ» › مەغلۇپ قىلىپ، مۇستەبىت كوممۇنىست دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن. ئۇ 1949-يىلى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن بېرى، زوراۋانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، داڭلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ھەم شۇنداقلا دۆلەت تېررورلۇقىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاش، چەتئەل دىپلوماتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى ۋە ئۇنىڭغا ‹يۇمشاق كۈچ› دىپلوماتىيەسى بىلەن بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ‹قۇدرەتلىك ۋە مۇستەبىت› تىن ئىبارەت مۇستەبىتلىك ئىدىيەسىنى ئېكسپورت قىلدى. ئەگەر كومپارتىيە ئاساسىي قانۇندىن پايدىلانماي تۇرۇپ، ئۆز ۋاسىتىلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ئۇ خەلقئارالىق قائىدىلەرنى داۋاملىق يېڭىدىن يېزىشقا جۈملىدىن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت، دېموكراتىيە ۋە ئادالەتنى رەت قىلىدىغان يېڭى خەلقئارالىق تەرتىپنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ».

ئامېرىكادىكى تونۇلغان سىياسىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، غەرب ئەللىرىنىڭ سودىنى دەپ خىتاي كومپارتىيەسىنى ئەينى ۋاقىتتا قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دەپ قوبۇل قىلىشى بىر خاتالىق ئىكەن. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى 1921-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ئىچىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى ۋە تېررورلۇق تاكتىكىسىنى قوللانغان. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە بۇرۇندىن تارتىپ ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. چۈنكى، 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى بېيجىڭنى ئىگىلەپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى سودا مەنپەئەتىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولدى. جۈملىدىن غەربنىڭ خىتايدىكى سودا مەنپەئەتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىۋېلىشى ئاقىۋەتتە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم خىتايدىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلدى».

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتاي كومپارتىيەسى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا باندىت تەشكىلات دەپ ئاتالغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە خۇسۇسىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىقلار بويىچە كومپارتىيەگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا چېتىشلىق تۆت كومپارتىيە ئەمەلدارىنى ئاشكارا جازالىشى، شۇنداقلا يەنە «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى» نىڭمۇ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى بۇنىڭ يارقىن ئىپادىلىرى ئىكەن. ماقالە ئاپتورلىرى يۇقىرىدىكى چارىلەردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل خىتاي كومپارتىيەسىنى «چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بېكىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكىنىڭ ئۆزى ۋە شېرىكلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەنگەن يەنە بىر كۈچلۈك قورالى بار. ئۇ بولسىمۇ شۇنداق خەۋپ پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان چەتئەل تەشكىلاتى ياكى پارتىيەسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتاشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىنىڭ ‹كۆچمەنلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى› نىڭ 219-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ھەرقانداق بىر تېررورلۇق پائالىيىتى ياكى تېررورلۇققا قاتناشقان ياكى قاتنىشىش ئىقتىدارى ۋە مۇددىئاسىنى ساقلاپ قالغان چەتئەل تەشكىلاتىنى ياكى پارتىيەسىنى ‹چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى› دەپ بېكىتىش ھەم بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلگەن»

ئۇلار ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيەسى شۇغۇللانغان جىنايەتلەرنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، بۇ پارتىيەنى «تېررورچى تەشكىلات» دەپ بېكىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ دائىم ھەرخىل تازىلاش ھەرىكەتلىرىنى قىلغانلىقى، پارتىيە بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان «قارا تۈرمىلەر»، «ئەمگەك ئارقىلىق قايتا تەربىيەلەش»، روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسى، ساقچىخانا تۈرمىلىرى ۋە قاماقخانىلار ئارقىلىق قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، تەن جازاسى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنداق ۋاسىتىلەرنى ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى (1950-1953)، يەر ئىسلاھاتى (1947-1952)، ئۈچكە قارشى ۋە بەشكە قارشى ھەرىكەت (1951-1952)، ئوڭچىللارغا قارشى ھەرىكەت (1957-1959)، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش (1958-1960)، مەدەنىيەت ئىنقىلابى (1966-1976)، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى (1983)، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى (1989)، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش (1999-يىلدىن ھازىرغىچە) ۋە بىر پەرزەنت سىياسىتى (1979-2015) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك قوللىنىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتورلار يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرىدىكىلەردىن سىرت يەنە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىستىبدات تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قايتا تەربىيەلەش نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىيناشقا، مەجبۇرىي غايىب بولۇشقا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغانلىقىنى، لاگېرغا قامالمىغانلارنىڭ بولسا بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلىرى يىغىلىپ مۇتلەق نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە ھەتتا بوۋاقلىرى ئۆلتۈرۈلۈشتەك قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالە ئاپتورلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى، ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق ۋە سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ھەرىكىتى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى دېموكراتىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدەك مىساللارنىمۇ كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بەلگىلىشىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنى شۇنداق دەپ ئاتىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلغىلى، باشقا دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشى، ياردەم بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق، ھەربىي ۋە باشقا مەخپىيەتلىكلەرنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئەيىبلىشى ئۈچۈن قوشۇمچە ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندىمۇ يۇقىرىدىكى قاراشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى، ئۇ: «دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى خەلقلەر ھۆكۈمەتلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىشنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئامېرىكىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىش بەدىلى ئېغىر بولغان ناھايىتى زور قارار بولسىمۇ بىراق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە قارشى قىلغان ھەرىكەتلىرى مۇشۇنداق دادىل ئىنكاسقا لايىق» دېدى.

«سىياسىي خەۋپلەر ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى بولغان دوكتور تېررى مارش ۋە دوكتور تېڭ بىياۋ ماقالىسىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلىگەن:

«بىز خىتاي كومپارتىيەسىنى ‹چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى› دەپ بەلگىلەشنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. بىراق بىز ھەقىقەتەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيانى ئۆزىنىڭ ۋاسىتىلىرى بويىچە قايتا شەكىللەندۈرۈشىگە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇشىغا قارشى تۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا بىز چوقۇم ئۇنى ‹چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى› دەپ بېكىتىشىمىز كېرەك».