يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى تەكىتلەپ، ھاكىممۇتلەق، مۇستەبىت تۈزۈمنى كۈچەيتىشى، كوللېكتىپ رەھبەرلىك دەپ ئاتىۋالغان سىياسىي بيۇرونىڭ ھوقۇقىنىمۇ بىرلا ئادەمگە، يەنى شى جىنپىڭغا مەركەزلەشتۈرۈپ «شەخسكە چوقۇنۇش» شامىلىنى پەيدا قىلىشى، دۆلەتنى كۈچەيتىپ، پۇقرانى ئاجىزلاشتۇرۇشى، دۆلەت كارخانىلىرىنى يۆلەپ، شەخسىي كارخانىلارنى چەكلەپ قويۇشى، دۆلەت تاراتقۇلىرىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىشى، خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى، خوڭكوڭدىكى نامايىشنى باستۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى يوق قىلىشى، موڭغۇللارنىڭ تىلىنى چەكلىشى قاتارلىق سىياسىي بوھرانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان سىياسىي ئېقىم ياكى ئىدىيىۋى ئاساس نېمە؟ ئامېرىكادا چىقىدىغان «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىدا 1-دېكابىر ئېلان قىلىنغان «ناتسىستلار خىتاي كومپارتىيەسىگە ئىلھام بەردى» ناملىق ماقالە دەل مۇشۇ مەسىلىگە جاۋاب بەرگەن بولۇپ، چاڭ چې ئىسىملىك ئانالىزچى بۇ ماقالىسىدە «ھىتلېر ئون نەچچە يىل يۈرگۈزگەن قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى» دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى يورۇتۇپ بەرگەن.
بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نېگىزلىك ئاڭنى ئۆزگەرتتى. خىتاينىڭ ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە يول قويۇشى تامامەن ئاخىرلاشتى. جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ۋە مەدەنىيەت پەرقىگە قاراپ شەكلەن ئاپتونومىيە بېرىلگەن شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، خوڭكوڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئەركىنلىكىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ ۋەزىيەتكە ئەگىشىپ بىر قىسىم ‹ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلار› ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇلار ‹ھوقۇق مەركەزچىلىرى› دەپ ئاتالغۇچىلار بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، بىر دۆلەت قاتتىق تەدبىر قوللانغاندىلا ئەركىنلىك ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇقىملىقنى قوغدىيالايدۇ. 2012-يىل خىتايدىكى ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش تور مۇھاكىمە مۇنبىرى ‹ئۇتوپىيە› (غايىۋى دۆلەت) دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدىمۇ ‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ› دېگەن كۆز قاراش تەكىتلەنگەن. كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۆلەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان بۇنداق ئىدىيە شۇملۇق ۋە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى بۇ ئىدىيە غەرب دۇنياسى تارىخىدا كۆرۈلگەن. ئەمەلىيەتتە، خىتايدا يېڭىدىن شەكىللەنگەن بۇ ھوقۇق مەركەزچىلىرى بىلەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى گېرمانىيەدە پەيدا بولغان بىر سىياسىي ئېقىم ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىق بار.»
بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا گېرمانىيەلىك قانۇنشۇناس كارل شىمىت (Carl Schmitt) نىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان قىزىقىش كۈچىيىپ كەتكەن. ھىتلېر «قانۇنشۇناسلارنىڭ تاجى» دەپ ماختىغان شىمېت 1933-يىل گېرمانىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىگە قېتىلغان. ئۇ ناتسىستلار پارتىيەسىگە 3 يىل ئەزا بولغان بولسىمۇ، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ ئەركىنلىككە قارشى قانۇنچىلىق ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولغان. بۇ ئىدىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ھېتلىر كېيىنكى ۋاقىتلاردا قانۇننى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، يەھۇدىيلارنى ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى خالىغانچە ئۆلتۈرگەن. ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار زىددىيەت-توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا قانۇن-تۈزۈم ئەڭ ئالىي نوپۇزغا ئىگە دەپ قارىسا، كارل شىمېت دۆلەت رەھبىرى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمنى چىقارغۇچى دەپ قارىغان. ئۇنىڭ كۆز قارىشى بويىچە بولغاندا، «قانۇننىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىش مەلۇم دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، قارار قىلىش ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ؛ ئۇ ھالدا دۆلەت ۋە سىياسەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتى كۆپ قالمايدۇ. بۇنداق ئىقتىدارسىز دۆلەت ئۆز خەلقىنى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالالمايدۇ.»
ئامېرىكادىكى خىتاي تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەقىقەتەن ناتسىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستلىرى ناتسىزم نەزەرىيىچىسى كارل شىمېتنىڭ تەلىماتىدىن ئىدېئولوگىيەلىك ئىلھام ئىزدەۋاتىدۇ، بۇ بىزگە دۇنياغا تەھدىت سالىدىغان رەزىل ھاكىمىيەتلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىدۇ. بۈگۈنكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ماھىيىتى ناتسىستلارغا ئوخشايدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئالدىنقى ئەسىردىكى مۇستەبىتلەرگە ئوخشاش مۇتلەق ھوقۇققا چوقۇنىدۇ. ناتسىستلارنىڭ ۋەھشىيلىكى بۈگۈن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا مىراس قالدى.»
ماقالىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، كارىل شىمېتنىڭ خىل ھوقۇق مەركەزچىلىكى ئىدىيەسى خىتايدا گومىنداڭ ۋاقتىدىلا باشلانغان، ئۆز ۋاقتىدا جياڭ جېشى ھىتلېر گېرمانىيەسىگە ھەۋەسلەنگەن، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ خىتاينى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھىتلېردەك ھاكىممۇتلەق، قاتتىق قول رەھبەر بولۇشى كېرەك دېگەن؛ كېيىن بۇ ئىدىيەگە ماۋ زېدۇڭ، ئاندىن شى جىنپىڭ ۋارىسلىق قىلغان، ئۇلار بۇ ئىدىيەنى بازار تاپقۇزۇش ئۈچۈن ھەر دائىم خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشنى باھانە قىلغان.
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ گومىنداڭ ۋاقتىدىن باشلاپلا ناتسىستلار گېرمانىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى راست، ئەمما ناتسىستلار گېرمانىيەسى پەقەت كارىل شىمېتنىڭلار ئەمەس، گېرمانىيە پەيلاسوپى نېتزىنىڭ ئىدىيەسىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولۇپ، نېتزى شەخسنىڭ ئىرادىسى ۋە ھوقۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدىكەن.
خىتايدىكى «كارل شىمېت قىزغىنلىقى» 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن مەيلى پارتىيە نەزەرىيىسى ياكى ئىلمىي تەتقىقات سەھەسىدە بولسۇن يۈكسەك ئېتىبارغا ئېرىشكەن، كارىل شىمېتنىڭ ئەسەرلىرى خىتايچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنغان. خىتاينىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى پروفېسسورلار كارل شىمېتنى «ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نەزەرىيەچى» دەپ ئاتىغان. چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدا كارل شىمېت نەزەرىيىسىنىڭ بازار تېپىشىدىكى سەۋەب، بۇ نەزەرىيە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماركسىزم ئىشقا ئاشۇرالمىغان نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن بولۇپ، سىنىپىي كۈرەشتىن ھالقىغان خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە سىرتقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ بەرگەن ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتايدىكى مۇستەبىتلىك، ھاكىممۇتلەقلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ تارىخىي يىلتىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پەقەت ناتسىستلاردىن بەزى ئۆرنەكلەرنى ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ناتسىست نەزەرىيەچى كارل شىمېتنىڭ تەسىرى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە خوڭكوڭغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. خىتاينىڭ خوڭكوڭنى كونترول قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» كارل شىمېتنىڭ نەزەرىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، كارل شىمېتنىڭ قارىشىچە، دۆلەت خەتەرلىك ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقاندا دۆلەت رەھبىرى كونا قانۇنلارنى بىكار قىلالايدۇ، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ئىدىيە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتىگە تولىمۇ ماس كەلگەن.
گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ناتسىزىم ئىدىيەسىگە چوقۇنۇشىنىڭ بۈگۈنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنسىت رەھبەرلىرى ھازىر نېمىلا قىلساق بولىدىغان تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتۇق دەپ ئويلاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر، قازاق مۇسۇلمانلىرىنى سولاپ، ئۆلتۈرۈپ، قىيناپ، قۇل قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. خىتاينىڭ سىياسىتى قەبىھتۇر، خىتاينىڭ تۈزۈمى قەبىھتۇر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىلا قەبىھتۇر، بۇنداق قەبىھلىكنى بىز كۆرگەن، ھازىر ئۇ قايتىپ كەلدى.»