تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ 2021-يىلى تارىختىكى ئەڭ ناچار دەرىجىگە چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى تېخى خەلقئارادا بۈگۈنكىدەك جىددىي تېما ھالىغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا، ۋۇخەندىن تارالغان كورونا ۋاباسىنىڭ زىيانكەشلىكلىرى، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارىتا پوزىتسىيەسى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشكە باشلىغان. 2021-يىلى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن ۋە خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ ھالاك بولۇشى، تەيۋەننىڭ كۈنسېرى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىگە يولۇقۇشى، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاينىڭ بارغانسېرى تېز مۇستەبىتلىك يولىغا قاراپ مېڭىشى خەلقئارادا خىتايغا بولغان گۇماننى ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن. خىتاينىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش خىيالىنى بەربات قىلغان.
ئەگەر بىر دۆلەت خەلقئارادا ئېتىراپ قىلغۇدەك ئىشەنچىگە ئېرىشەلمىسە، ئۇنىڭ دۇنياغا ھاكىم بولۇشنى تەلەپ قىلىش سالاھىيىتى بولمايدىكەن. خەلقئارالىق ئىشەنچنى زورلۇق بىلەن، زوراۋانلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى، پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىكەن. ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنى تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىغا قاماش بىلەن، خەلقىنى ئەركىنلىك ھەم دېموكراتىيەدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا خورلاش بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى تېخىمۇ بولمايدىكەن. خەلقئارادا ئىشەنچ قازىنىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، كىشىلەرنى ئۆز ئىرادىسىگە قايىل قىلالايدىغان بىر «يۇمشاق كۈچ» بولۇشى لازىمكەن. ھالبۇكى، خىتايدا بۇ يوقكەن. خىتاي 2021-يىلى بۇلاردىن ئايرىلىپ قالغان.
بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى، مۇخبىر رودىيون ئېببىگخاۋزېننىڭ 22-دېكابىر «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىدا ئېلان قىلغان «خىتايدا ئىشەنچ مەسىلىسى مەۋجۇت» ناملىق ماقالىسى مۇشۇ تېمىغا بېغىشلانغان. ماقالە: «خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنىچ تىز سۈرئەتتە زەئىپلەشمەكتە، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بېيجىڭ قانداقسىگە پۈتۈن دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىشنى تەلەپ قىلالايدۇ؟» دېگەن كىرىش سۆز بىلەن باشلانغان.
رودىيون ئېببىگخاۋزېننىڭ بىلدۈرىشىچە، مەركىزى ۋاشىنڭتوندىكى «پەن-تەتقىقات مەركىزى» نىڭ 2021-يىللىق راي سىناش دوكلاتى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىنىڭ بۇ يىل تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. دوكلاتتا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان 17 سانائەت دۆلىتى ئىچىدە خىتايغا قارىتا كۆز قاراشنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى ھەم خىتايغا بولغان ئىشەنچنىڭ يوقالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاپتور «خىتايدا ئىشەنچ مەسىلىسى مەۋجۇت» ناملىق ماقالىسىدا بۇنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بىر قانچە نۇقتىدىن بايان قىلىپ ئۆتكەن.
رودىيون ئېببىگخاۋزېن ماقالىسىدا مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاخباراتنى قاتتىق نازارەت تۈزۈلمىسى ئارقىلىق ئىدارە قىلىدۇ. يازمىلار، باھالار، تەشۋىقاتلار پۈتۈنلەي كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنغان ھالەتتە تارقىلىدۇ، ھەتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارمۇ پۈتۈنلەي قاتتىق باشقۇرۇش ئاستىدا تۇتۇلىدۇ. ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە يەنە ئىقتىسادنى، ئەدلىيەنى، ئىلىم-پەن ۋە مائارىپنى ئىدارە قىلىدۇ، نەتىجىدە ھاياتلىق زېمىنىنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىمۇ نازارەتتىن خالى قالمايدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆز خەلقىگىمۇ قاتتىق تاقابىل تۇرماقتا. يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھازىر جازا لاگېرلىرىدا ‹قايتا تەربىيە› ئېلىشقا مەجبۇرلانماقتا. خوڭكوڭدا دېموكراتىك ھەرىكەت ساقچى زوراۋانلىقى ۋە قانۇنىي ۋاستىلار بىلەن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرى ساختا سايلام ئۆتكۈزدى.»
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى، د ئۇ ق ئۇچۇر تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينى خەلقئارادا ئىشەنچتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان ئامىللار كۆپ بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ يەنىلا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
رودىيون ئېببىگخاۋزېن ماقالىسىنىڭ «پارتىيە نازارەت قىلىنمايدۇ» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا نازارەت قىلىنمايدىغان ھېچيەر قالمىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر بۇ رېئاللىققا ئاسانلا سەل قارايدۇ، ئاقىۋەتتە نازارەت ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەستەك ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. چۈنكى ھېچكىم نازارەت قىلغۇچىلارنى ئىدارە قىلالمايدۇ، كوممۇنىستىك پارتىيە، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ شۈبھىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھوقۇق تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزئارا بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىغان ھەم سايلام ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان دېموكراتىك تۈزۈلمىلەر بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، خىتايدا پەقەت بىرلا ئەڭ ئالىي ھوقۇق قۇرۇلمىسى بار، ئۇ بولسىمۇ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىدۇر. ئۇنىڭ ھازىر 25 ئەزاسى بار. 1 مىليارد 400 مىليون خىتاينىڭ تەقدىرىنى مانا مۇشۇلار بەلگىلەيدۇ. بىر پارتىيەنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ بولماسلىقى، خىتاي دۆلىتىنى ئىشەنچتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.»
رودىيون ئېببىگخاۋزېن ماقالىسىدە يەنە شۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «بۇ دۇنيادا رەھبەرلىك رولىنى ئويناشنى خىيال قىلغانلارنىڭ، ئامېرىكالىق سىياسىيون يوسېف نيې ئېيىتقاندەك، بىرخىل ‹يۇمشاق كۈچ› كە ئىگە بولۇشى زۆرۈر بولىدۇ. باشقىچە ئېيىتقاندا، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسقا تايانغان جەلپ قىلىش قۇدرىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ئىرادىسىگە ئىشىنىشكە قايىل قىلالايدىغان بىر ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى مۇھىمدۇر. ھەممىدىنمۇ مۇھىمى باشقىلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. بىراق ئىشەنچكە مەجبۇرلاس ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە كونتىرولغا تايىنىپ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلىمۇ بولمايدۇ.»