خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماسلىق» ھەققىدە تەھدىتلىك تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا
2022.04.28

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ زىيارىتى ئالدىدا، ئۇيغۇر رايونىدا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتا 10 نى قىلماسلىق» ناملىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتىكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مۇشۇ خىل نامدىكى بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋال تارقىتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ب د ت ئەۋەتمەكچى بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاھالىلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگرى سۈرمەكتە.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەركەن ناھىيەلىك پارتكوم يېقىندا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتىكى 10 نى قىلماسلىق» دېگەن نامدا بىر تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. مەزكۇر پائالىيەت سىن كۈرۈنۈشلۈك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىپ، 10 نەپەر ئايال تەشۋىقاتچى «10 نى قىلماسلىق» نىڭ كونكىرېت مەزمۇنلىرىنى بىر بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىققان. سىن كۆرۈنۈشىدىكى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشۋىقات پائالىيىتىدە پەقەت ئىلگىرى يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان «دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش» نىڭ تەدبىرلىرى تېخىمۇ كونكىرېتلاشتۇرۇپ، ئاھالىلەر رايوننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىق ھەققىدە جىددىي شەكىلدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
بىز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپىسى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا قانداق تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. كۆپىنچە خادىملار، ئۆزلىرىنىڭ نامەلۇم تېلېفونلارنى قوبۇل قىلماسلىق، سورالغان سوئاللارغا يوقۇرىنىڭ رۇخسىتىسىز جاۋاپ بەرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، دائىرىلەرنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى يوشۇرۇش» توغرىلىق مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
يەركەن ناھىيەسىنىڭ مەزكۇر سىن تەشۋىقات ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەر «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نى ئېغىزغا ئالماسلىق، سورىماسلىق، كۆرمەسلىك ۋە تالاش-تارتىش قىلماسلىق ھەققىدە خەۋەرلەندۈرۈلۈپلا قالماي، بەلكى يەنە تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئەنسىز بۇيرۇق تەلەپپۇزلىرىدا سۆزلىگەن تەھدىت خاراكتېرلىق سۆزلىرى ئارقىلىق قورقۇتۇلغان ۋە جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا تىرىشىلغان. يەركەننىڭ دۆڭباغ يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئۆزىنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، ئۇچتۇرپاندىكى بىر ئامانلىق خادىمىمۇ ئوخشاش شەكىلدىكى ئەندىشىنى تىلغا ئالدى.
لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نى سىر تۇتۇش ھېچقاچان بوش قويۇپ بېرىلگەن ئەمەس ئىكەن. بۇ قېتىم ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىدىغان بولغاچقا، مۇشۇ زىيارەت مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ ئېغىزىدىن بىرەر «مەخپىيەتلىك» نىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە ياكى جەمئىيەتكە ۋە ۋە ياكى خەلقئارغا ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئاھالىلئەر قايتىدىن بىر سەگەكلەشتۈرۈلگەن.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلدىن كېيىن رايوندا ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇنلاردا، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» مۇھىم باھانىلەردىن بىرى بولغان. ئېنىقلىشىمىزچە، بۇ ئاتالمىش «جىنايەت» نى سادىر قىلغانلار 7 يىلدىن تۆۋەن كېسىلگەن ئەمەس.
2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نى ئاشكارىلىغانلارلا ئەمەس، ھەتتە كۆرۈپ-بىلىپ قالغانلارمۇ جازالانغان. زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاھالىلەر «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نى ئاشكارىلاشنىڭ قانداق بىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىكەن ۋە بۇ جەھەتتە ھەددىدىن تاشقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە ئىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، دائىرىلەر بۇ خىل تەشۋىقاتنى داۋاملاشتۇرۇشنى يەنىلا زۆرۈر دەپ قارىغان. زۇمرەت داۋۇتنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ زۆرۈرىيەتنى خىتاي دائىرىلەرگە ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بولغۇسى زىيارىتى ھېس قىلدۇرغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملاردىن بىرىمۇ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نى ساقلاش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ چەت ئەلدىن كېلىدىغان بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر ب د ت تەكشۈرۈش ئۆمىكى رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ رايونغا تېلېفون قىلىپ ئۇچۇر ئېلىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتىكەن. شۇڭا ئاساسىي قاتالمدىكى كادىر-ساقچىلار ۋە ھەتتا ئاھالىلەر، نومۇرى نۆلدىن باشلانغان، يەنى دۆلەت سىرتىدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالماسلىق ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاساسىي قاتلاملارغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتىكى 10 نى قىلماسلىق» نامىدا بىر ئۇقتۇرۇشمۇ تارقتىلغان. ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدە بىر دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، شۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان يوقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر ياكى ئورگانلار تەرىپىدىنلا بىلىنىشى كېرەك، ئىكەن. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلەرنىمۇ ئاتالمىش «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نى ئاشكارىلىماسلىققا ئۈندەۋاتقان بولسا، بۇ يەردە يوشۇرۇلىۋاتقىنى مەخپىيەتلىك ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ بارلىق سىياسەت ۋە ئىجرائاتلىرى-يەنى «ئۇيغۇر قىرغىنچلىقى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنى قورقۇتۇش ۋە جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىش يولى بىلەن ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئالداپ يولغا سېلىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.