خىتاي تاراتقۇلىرى 25-سېنتەبىر خەۋەر بېرىپ، 2019-يىلى 3-ئايدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ياۋ چياڭنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا باش مۇدىرى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان رايوندىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۇنجى قېتىم بىر خىتاينى باش مۇدىر قىلىپ تەيىنلىشى ئىكەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، نوپۇزى ئەڭ يۇقىرى بولغان، شۇنداقلا رايوندىكى سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر. مەزكۇر بىلىم يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى 1920-يىللاردىكى «رۇسچە قانۇن مەكتىپى» دىن باشلىنىدىغان بولۇپ، 1935-يىلىغا كەلگەندە «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئايلانغان. 1949-يىلىدىن كېيىن بۇرھان شەھىدى، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلەر مەزكۇر ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن كېيىن ئەنۋەر خانبابا، قېييۇم باۋۇدۇن، ھاكىم جاپپار، ئىبرايىم خالىق، ئەنۋەر ھامۇت، تاشپولات تېيىپ، ۋەلى بارات قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.
چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 2017-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەلى بارات شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2017-يىلى رايوندا باشلانغان زور تۇتقۇندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنبىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، ئاتاقلىق پروفېسسورلاردىن ئابدۇكېرىم راھمان، ئازاد سۇلتان، ئارسلان ئابدۇللا، راھىلە داۋۇت، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا ياكى تۈرمىگە قامالغان. 2019-يىلى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسمىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. 2019-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپقا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. تاشپولات تېيىپتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگىنىگە تېخى بىر يىلمۇ بولمىغان ۋەلى باراتنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.
2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2020-يىلى 22-سېنتەبىرگىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش مۇدىرلىق ئورنى ئۈزلۈكسىز بوش قالدۇرۇلغان. 2019-يىلى 3-ئايدا ياۋ چياڭ ئىسىملىك خىتاي پروفېسسور چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ياۋچاڭ 2020-يىلى 22-سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭ. ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولغان خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنىمۇ قوشۇمچە ئۆتەپ تۇرغانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋ چياڭ 1978-يىلى بېيجىڭدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى، ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، فاكۇلتېت مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 2019-يىلى 3-ئايدا ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قىلىپ يۆتكەپ كېلىنگەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىدا 2020-يىلى 25-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ياۋ چياڭنى مۇدىرلىققا ئۆستۈرۈش قارارىنىڭ «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قايتا-قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ھەم كېڭىشىشنىڭ نەتىجىسى» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ جەرياندا مەكتەپنىڭ يېڭى مۇدىرى ياۋ چياڭنىڭ ئىشخانىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىغا ئېرىشتۇق. ئەمما مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىدىن تېلېفوننى ئالغان خىتاي ئەر تېلېفوننىڭ ئامېرىكادىن ئۇرۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىشخانىدا يېڭى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇنى باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى تۇتقۇن قىلىندى. ئارىدىن 3 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىتايدىن مەكتەپ مۇدىرى تەيىنلىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ ئۆزگىرىش دەپ قارىماقتا.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى 1978-يىلدىن 1982-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئەركىن سىدىق ئەپەندى 29-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىتايدىن باش مۇدىر تەيىنلىنىشى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك زور ۋەقە،» دېدى.
ئەركىن سىدىقنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىتايدىن باش مۇدىر قويۇلۇشى، خىتاي دائىرىلىرى داۋراڭ سېلىۋاتقان ئاتالمىش «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ يالغان نىقابىنىڭ رەسمىي يىرتىلىشى ئىكەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق رايوندىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئۇيغۇرلارنى باش مۇدىر قىلىپ تەيىنلەش ئارقىلىق ئاتالمىش «ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسىتىپ كەلگەن ئىكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرلاغا قامىغان، قۇل ئىشچى قىلىپ پۈتكۈل خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر قاتار مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى نەتىجىسىدە قەغەز يۈزىدىكى بۇ ساختا «ئاپتونومىيە» نىڭمۇ ئىچ يۈزى ئاشكارا بولغان.
نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ياشاۋاتقان خىتاي ئادۋوكات تېڭ بياۋ بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاشكارا پىكىر قىلغان ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى يېقىندىن قوللىغان خىتاي ئادۋۇكاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ 2013-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن 9-ئىيۇلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە خوڭكۇڭ ئارقىلىق ئامېرىكاغا كېلىپ، پاناھلىق تىلىگەن.
29-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاۋوكات تېڭ بياۋ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى-شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىتاي مۇدىر تەيىنلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئاشكارا ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، ھەتتا تېخىمۇ رادىكال ۋاستىلار ئارقىلىق ئىجرا قىلىشىنىڭ باشلىنىشى ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغان 70 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدا «ئاپتونومىيە» نامىدا مۇستەملىكە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. ئەمما 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇنغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۆتەپ كەلگەن ئىدى. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى دائىرىلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىتايدىن باش مۇدىر تەيىنلىشى، بېسىۋېلىنغان زىمىن-شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئىلشات ھەسەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدەك سىمۋول خاراكتېرى كۈچلۈك ئالىي مەكتەپكە خىتايدىن باش مۇدىر تەيىنلىنىشى، خىتاينىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارنى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىيىتىنىڭ رەسمىي ئوچۇقچىلىققا چىققانلىقىدىن سىگنال بېرىدىكەن.
0:00 / 0:00