رۇسىيەنىڭ «ئىنتېرفاكس» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدىن تارتىپ خىتايدا باشلانغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ يېڭى تۈرىنىڭ دۇنياغا تارىلىشى سەۋەبىدىن بارلىق مەملىكەتلەر ئېغىر ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرمەكتىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ ئەرزانلاپ كېتىشى مەملىكەتلەر ئارا بولغان سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ خېلىلا سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇنداق ئەھۋال خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەر، جۈملىدىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ بايقالماقتا.
«قاز تاغ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان «قازاقىستان-خىتاي چېگراسىدا ئۈچ كىرىپ-چىقىش پونكىتىنىڭ ئىشى توختىتىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە كارانتىن تەرتىپىنىڭ چىڭىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان «باختى»، «مايقاپچاغايە» ۋە «غالجات» كىرىپ-چىقىش پونكىتلىرىنىڭ ئىشى توختىتىلىپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستاننىڭ «نۇر جولى» كىرىپ-چىقىش پونكىتىدا يۈك ماشىنىلىرىنىڭ توپلىنىپ كېتىشىگە ئېلىپ كەلگەنىكەن.
قازاقىستان سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كارانتىن دەۋرىدە قازاقىستاننىڭ پەقەت بەزى ترانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بەرگەن ھەم ئۇلارنىڭ كىرىپ-چىقىش تەرتىپىنى كۆرسەتكەن. بۇ يۈك توشۇش جەريانلىرىنىڭ قىيىنلىشىشىغا ھەم قازاقىستاننىڭ «نۇر جولى» كىرىپ-چىقىش پونكىتىدا يۈك ماشىنىلىرىنىڭ توپلىشىشىغا ئېلىپ كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەمدە خىتاينىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن تېگىشلىك كۆرۈشۈشلەرنى ئېلىپ بارغان.
«قازاق ئاخبارات بيۇروسى» ئېلان قىلغان «تىقما-تىقمىچىلىق سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن بولغان چېگرادا ئۇزاق مۇساپىگە يۈك توشىغۇچىلار ئارىسىدا مۇشتلىشىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، يەنى ياركەنت ناھىيەسىدە ئورۇنلاشقان «نۇر جولى» كىرىپ-چىقىش پونكىتىدا يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى توپلىشىپ كېتىشىدىن يۈرگۈزگۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇشلار ئورۇن ئالغانىكەن. ئۇلار ئىككى ھەپتىدىن ئوشۇق ۋاقىت تاموژنادىن ئۆتەلمەي ئاۋارە بولغان. ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي تەرتىپ ئورناتقان. ناھىيە ھاكىمى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن تېز ھەرىكەت قىلىش شتابى تەركىپىگە تاموژنا خادىملىرى، ساقچىلار، شۇنداقلا يۈرگۈزگۈچىلەر كىرگەن بولۇپ، بۇ شتاب مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلماقتىكەن. ھازىر ۋەزىيەت تۇراقلاشقان.
مۇنداق ئەھۋاللار بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن ئايدا قازاقىستان ۋە خىتاينىڭ سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە ئىدارىلىرى ئىنتېرنېت مەجلىسى ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلغان ھەم تېگىشلىك چارىلەر كۆرگەن. بۇ ھەقتە «لىتېر» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «خىتاينىڭ تىجارەت مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى شەخسەن ئۆزى قازاقىستان بىلەن بولغان چېگرادىكى تىقما-تىقمىچىلىقنى تەكشۈرىدۇ» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلغان.
ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور، جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى شېرىپجان نادىروفنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭ بارلىقىغا ھازىرقى دۇنيادىكى ئىقتىساد كرىزىسى سەۋەب بولۇۋاتقان ئىكەن.
شېرىپجان نادىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىستاتىستىكا مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادى 35-40 پىرسەنتكە تۆۋەنلەپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن مەملىكەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىشىش، ھەر تۈرلۈك سودا ئىشلىرى ئاجىزلىشىپ كەتتى. خىتاي خەلق رېسپۇبلىكىسىنى، شۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئالساق، ئالاشانكۆل، قورغاس ۋە غالجات تاموژنالىرى ئارقىلىق پۈتكۈل خىتاي بىلەن سودا يۈرۈۋاتىدۇ. بىراق كارخانىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئىشىنى توختىتىپ قويدى، بەزىلىرىنىڭ ئىشى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتتى. شۇڭلاشقا مال ئالماشتۇرۇشما تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ يەردە سىياسەت ياكى باشقا ئىشلار يوق. ئۇنىڭ سەۋەبى مۇشۇ كورونا ۋىرۇسى.»
يۇقىرىدا ئاتالغان ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، 2020-يىلى بەش ئاي ئىچىدە ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا سودا كۆلەمى 5.8 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغان. بۇ جەھەتتە قازاقىستاندىن خىتايغا كىرىدىغان توۋارلار كۆلەمىنىڭ ئۆسۈشى 15.7 پىرسەنتنى، يەنى 3.9 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلسا، خىتايدىن كىرىدىغان توۋارلار 20.2 پىرسەنتكە، يەنى 1.9 مىليارد دوللارغا كېمەيگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، كوۋىد-19، يەنى كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى يەنە بىر شېرىكى قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئۆزئارا سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىغىمۇ سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزمەكتىكەن.
يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ «ئاكى پرەس» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «تاشقى قەرز، قىرغىز-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە كورونا ۋىرۇسى بىلەن كۈرەش» دەپ ئاتالغان ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى قارايىم باختىغۇلوۋا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ تاشقى توۋار ئوبوروتىدا ھەم مەبلەغ سېلىشتا خىتاي بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. 2019-يىلى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توۋار ئوبوروتىنىڭ كۆلەمى 1 مىليارد 816 مىليون دوللارنى، شۇ جۈملىدىن ئېكسپورت 81.5، ئىمپورت 1 مىليارد 735 ملن دوللارنى تەشكىل قىلغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيى ئىچىدە ئۇنىڭ كۆلەمى خېلى قىسقىراپ، ئومۇمىي توۋار ئوبوروتى بارى-يوقى 271.6 مىليون دوللارنى، شۇ جۈملىدىن ئېكسپورت 16.1 مىليون، ئىمپورت 255.5 مىليون دوللارنى تەشكىل قىلغان.
قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «1990-يىللىرى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە خىتاينىڭ بىر قانچە سودا مەركەزلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى. خىتاي تەرەپتىن ئاساسەن كىيىم-كېچەك، گەزمال، ئويۇنچۇق، چىنە-قاچا ۋاھاكازىلار سېتىلىدۇ. قىرغىزىستان خىتاي بىلەن ئاساسەن تېرە، يۇڭ، گۆش ۋە بىر قىسىم يەرلىك سانائەت توۋارلىرى ئارقىلىق سودا قىلىدۇ. خىتاي قازاقىستاننىڭ قورغاس ۋە ئەركەشتام ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن سودا ئالاقىلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن يېرىم يىلدىن بۇيان قىرغىزىستان-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى تۆۋەنلىمەكتە.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى ھەر ساھەلەردە راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەنىكەن. بۇ جەھەتتە مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ھەر خىل ئىقتىسادىي لايىھەلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر ئىككى مەمەلىكەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىدى.
0:00 / 0:00