«خىتاينىڭ مۇستەملىكە رايونلىرى»نىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تور يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۆزلىرىنى«خىتاينىڭ مۇستەملىكە رايونلىرى» دەپ ئاتىغان «شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە خوڭكوڭ»نىڭ چەتئەلدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى، خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان تەيۋەن ۋە چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بۇ رايونلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار بۇ يىغىندا «خىتاينىڭ مۇستەملىكە رايونلىرى پات يېقىندا ئۆز مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلىيەلەمدۇ؟» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى خەلقئارا بىرلىكسەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇستەملىكە رايونلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش ھەققىدە پىكىرلىرىنى بايان قىلغان.

بۇ تور سۆھبەت يىغىنى ھىمالايا ئاسىيا تەتقىقات ۋە تەتبىقات مەركىزى بىلەن تىبەت ياشلىرى قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى گونپو دۇندۇپ (Gonpo Dhundup)، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باشلىقى ئېنگەباتۇ توگوچوڭ (Engebatu Togochong)، خوڭكوڭلۇق كۆزەتكۈچى ئېدۋارد چىن، تەيۋەن تۇڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى يۇڭ مىڭيىن، دېموكراتىك خىتاي فېدېراتسىيەسى پرېزىدېنتى چىن جىن، ياۋروپا پارلامېنتى تىبەت مەنپەئەتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مىكۇلاس پېكسا (Mikulas Peksa) قاتارلىقلار قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

بۇ سۆھبەت يىغىنىدا، ياۋروپا پارلامېنتى تىبەت مەنپەئەتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مىكۇلاس پېكسا مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ھازىر دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مۇستەملىكىچى دۆلەت. رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتتى، دۆلەت ئىچىدە چىرىكلىك ناھايىتى ئېغىر، بەلكى ئۇ 10 يىلغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما خىتاينىڭ ئەھۋالى مۇرەككەپ، چۈنكى خىتاي دەۋرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ جاھانگىر، چۈنكى ئۇ غايەت زور سانائەت ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىغا ئىگە. گەرچە بىز خىتاي ئىمپېرىيەسى چوقۇم ھالاك بولىدۇ دېيەلمىسەكمۇ، ئەمما بىز دەل مۇشۇنداق بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز: خىتاي ئىمپېرىيەسى يالغۇز قېلىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر خىتايغا قايتۇرما زەربە بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق تاجاۋۇزچىلىقى ئۇلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى، مەنچە بۇ ھالاكەتنىڭ باشلىنىشى. دۇنيا ھازىر تىبەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا، جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە، مانجۇرىيەدە ۋە خوڭكوڭدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدى. مۇشۇنداق ئىشلار باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىز بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. مەنچە، دۇنيانى تىنچلىققا ئېرىشتۈرىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل خىتاينىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىنى مۇستەقىل قىلىش».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ مۇستەملىكە تۈزۈمى ئۇيغۇرلارغا تەسۋىرلەپ بولغۇسىز ئازاب-كۈلپەتلەرنى سالدى. باشقا نۇرغۇن مىللەت ۋە ئېتىقادچى خەلقلەرگە ئوخشاش ئۇلارمۇ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەل شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949-يىل ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ئاقىۋىتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىدا ئېزىلدى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن زۇلۇمنى دېموكراتىك دۆلەتلەردە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئەڭ ۋەھشىي بولغىنى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى جىسمانىي جەھەتتىن خورلاپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئانا بولۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالدى؛ خىتاي زوراۋانلىرى تۈرمە-لاگېرلاردا قىز-ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، قىيناپ ئازابلىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋەتتى؛ خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىش. يىراقنى ئويلىغاندا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە يوقىتىشقا قارىتىلغان».

بۇ سۆھبەتتە تەيۋەن تۇڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى يۇڭ مىڭيىن ۋە دېموكراتىك خىتاي فېدېراتسىيەسى پرېزىدېنتى چىن جىن قاتارلىقلار ئۆز قارىشىنى بايان قىلغان. يۇڭ مىڭيىننىڭ قارىشىچە، «خىتاي شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيەنى قاتتىق سىياسەتلەر بىلەن كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنى مۇستەقىل قىلىش ئاسان ئەمەس؛ يەنە كېلىپ خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋالغان، ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلاردىمۇ يۇقىرى نوپۇزغا ۋە ھوقۇققا ئىگە بولۇۋالغان». چىن جىننىڭ قارىشىچە، «خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى يوقاتمىغىچە خىتاينىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىنى مۇستەقىل قىلغىلى بولمايدۇ».

تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى گونپو دۇندۇپ بۇ يىغىندا تىبەتنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «8-ئاينىڭ 15-كۈنى ھىندىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 75 يىللىقى بولىدۇ. خىتايدىكى بارلىق مۇستەملىكە رايونلار ھىندىستاننىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىدىن ئۆگىنىشى ۋە ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەك. ھىندىستانلىقلار مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن 200 يىل كۈرەش قىلدى، ئەنگلىيە ئاخىر مەغلۇپ بولدى. ھالبۇكى، ئەنگلىيە ئۆز ۋاقتىدا خىتايدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك مۇستەملىكىچى دۆلەت ئىدى».

ئۇ بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىشى كېرەك. تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ بىرلىشىپ مۇستەھكەم بىر ئىتتىپاق قۇرۇپ، بۇ ئەللەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى پۈتۈن دۇنياغا ئەينەن ئاڭلىتىشى ھەمدە دۇنيانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك».