خىتاينىڭ مۇستەملىكە مائارىپىدا يوق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى
2024.09.27
يېقىندا «جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ «ئوچۇق سوئاللار» سەھىپىسىدە، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇتەخەسسىسى باررى ساتمان (Barry Sautman) بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئېلان قىلىنغان. باررى ساتمان مۇخبىرنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى يوقىلىۋاتقان ئەھۋالدا، تىبەتتىكى مەكتەپلەردە تىبەت تىلىنىڭ يەنىلا دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىس باررى ساتمان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشى ۋە خىتاينىڭ سىياسىي مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات نىشانى ئىكەن.
ئۇ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرى، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە ئۈچ-تۆت قېتىم بارغان بولۇپ، 2008-يىل تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىش ۋە 2009-يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، خىتاينىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى» ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قەتئىي ئۆزگەرتىش ئېقىمىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
ئۇ ئۆتكەن 10 يىلدا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى مىللىي كادىرلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ رولى، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئەمدى تەكىتلەنمەيدىغان بولغانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2000-يىللاردىن باشلاپلا ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەت رايونىدا بەزى مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى قالدۇرۇلغان، ئەمما ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەت رايونىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى پەرقلىق بولغان. ئۇ 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «قەشقەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بىزگە شۇنى دېدىكى، ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئورۇنلاشتۇرمىغان. چۈنكى ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە ۋاقىت ئىسراپ قىلماي، پۈتۈن زېھنىنى بىيولوگىيە، ماتېماتىكا ۋە خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە قارىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئەلۋەتتە، بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر، ئۇلار ياشاۋاتقان شەھەرنىڭ 84 پىرسەنت ئاھالىسى ئۇيغۇر. شۇڭا ئۇلار ھەر كۈنى ئۆيدە ۋە مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سۆزلىگەچكە، ئۇيغۇرچىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئەمما ھازىر ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىدىغان ئادەم قالمىغان. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەھەرلىكلەر بولۇپ، ئۇلار بالىلىرىنىڭ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشىنى، ئالدى بىلەن ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاندىن ئالىي مەكتەپكە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىشقان».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) باررى ساتماننىڭ خىتايدا ئۇزۇن يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان مۇتەخەسسىس بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا باغلاشنىڭ بىر تەرەپلىمە، ھەتتا خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پىروفېسسور ساتماننىڭ دېگەنلىرى توغرا ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سىستېمىسىدىن تەدرىجىي چىقىرىۋەتتى، مەكتەپلەرمۇ شۇنداق قىلدى. ئاتا-ئانىلار شۇنداق دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنداق قىلغىنى يوق. ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق مەسلىھەت قىلمايلا ئۇيغۇرلارغا تاڭغان. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشقا چاقىرىق قىلغان. چەت ئەلدىكى بىر پائالىيەتچى ئىلگىرى قەشقەردە ئانا تىلى مەكتىپى قۇرماقچى بولغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۈرمىگە قامالغان، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان. ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى خىتايچە بىلسىكەن دەيدۇ، بۇ ئەلۋەتتە توغرا. ئەمما ئۇلار بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە بىلمىسۇن دەمدۇ؟ مەن پىروفېسسور ساتماننىڭ نېمىشقا ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىگە ھەيرانمەن. يەنە كېلىپ، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشنىڭ چىڭلىقىدىن باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى دەپتۇ، ئۇنداقتا، ئۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئويلايدىغىنىنى قانداق بىلىدۇ؟ » .
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان گۇلنار خانىم باررى ساتماننىڭ ئۇ گېپىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2000-يىللاردىن باشلاپلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە چەكلەش ئۈچۈن نەچچە قېتىم سىياسەت ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇلار قانداقتۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن.
باررى ساتمان ئەينى چاغدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرى شۇنىڭدىن ئەنسىرىگەنكى، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇرچە سۆزلەشنىلا ئەمەس، ئوقۇش ۋە يېزىشنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشالايدۇ».
باررى ساتمان مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىدا، تىبەت رايونىدىكى ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، نۇرغۇن تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى تىبەتكە ھەم خىتايغا تەۋە دەپ قارايدىغانلىقىنى، خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ قالمىغانلىقىنى، تىل جەھەتتىن بىر سىستېمىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلاردىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى، نۇرغۇن تىبەتلىكلەرنىڭ قوش تىللىق، بالىلىرىنىڭمۇ قوش تىللىق ئىكەنلىكىنى، مەكتەپلەردە ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن بەش سائەت تىبەت تىلىنى ئوقۇش ۋە يېزىش دەرسى ئۆتۈلىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە قەشقەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە نۆۋەتتە «شىنجاڭ مەسىلىسى» بولمىغان تەقدىردىمۇ، تىبەت مەسىلىسىنىڭ بارا-بارا كىچىكلەپ يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى، دالاي لاما ئۆلگەندىن كېيىن بولسا ئۇ مەسىلىنىڭ تامامەن قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالىمۇ تىبەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئىچكى موڭغۇلدا خىتاينىڭ موڭغۇل تىلىنى مائارىپتىن قالدۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نامايىشلار چىققان بولسىمۇ، تېزلا بېسىقتۇرۇلغان ۋە موڭغۇل تىلى يەنىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. يەنى يېقىنقى 10 يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تىلىدىن باشقا تىللارنى مائارىپتىن چىقىرىپ تاشلاش سىياسىتى قاتتىق بېسىم بىلەن ئىجرا قىلىنغان. 2016-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى پۈتۈن مەكتەپلەردە چەكلەنگەن.
گۇلنار خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» دىن باشلىنىپ، 2017-يىل «ئۇيغۇر تىلىنى بارلىق مەكتەپلەردە چەكلەش» بىلەن تاماملانغانلىقىنى، بۇنىڭ سېپى ئۆزىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ھېنرىك شاجىۋىسكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىممىتىگە ئەزەلدىن ئەھمىيەت بەرگەن ئەمەس. 80-يىللاردىكى نىسپىي گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇيغۇر تىلى ئىزچىل ھالدا كوممۇنىست خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، سەنئىتىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىسى، شۇڭا تىلنى يوقىتىش مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى. شۇنى سىزگە ئېنىق ئېيتىمەنكى، كىشىلەر ئۆز تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغان بولغاندا، ئۇلار تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان بولىدۇ. باررى ساتمان نۇرغۇن مىساللار بىلەن ئالدىن پەرەز قىلغاندەك، ئەگەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى يوقالسا، ئۇلار ھاكىممۇتلەق ۋە مۇستەملىكىچى مىللەت تەرىپىدىن تامامەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان بولىدۇ».
بۇ سۆھبەتتە، باررى ساتمان ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، تېخنىكىلىق ئىشچىلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە يېقىنقى مەزگىلدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭ ھەققىدە چىققان ئەيىبلەش ۋە قارىلاشلارنىڭ ئامېرىكانىڭ بىر سىياسىي ئىستراتېگىيەسى، خىتايغا قارشى تەشۋىقاتنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. بىز ئۇنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، خېتىمىزگە جاۋاب قايتۇرمىدى.