«خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2023.11.27
chex-praga-yighin-01

دوكتور ھائىنا مېركخان «1930-1951 گىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغالغا قارشى كۈرەش» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇندى، 2023-يىلى 24-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla izchi

chex-praga-yighin

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور گاردنېر بوۋگىڭدوڭ بىلەن دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا خانىم «يوللارنىڭ ھەر قايسى تارماقلارغا ئايرىلىشى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ۋە شىنجاڭ مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 24-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla izchi

chex-praga-yighin-02

«خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئارىلىقىدىكى قەھۋە سۆھبىتى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 24-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla izchi

chex-praga-yighin-03

«خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئارىلىقىدىكى قەھۋە سۆھبىتى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 24-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla izchi

chex-praga-yighin-04

«خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئارىلىقىدىكى قەھۋە سۆھبىتى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 24-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla izchi

chex-praga-yighin-05-yalqun-uluyol

«خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتورانت يالقۇن ئۇلۇغيول ئەپەندى دوكلات بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 24-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla izchi

24-نويابىر كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگادا چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا «خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باشلانغان يىغىندا چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن دوكتور ئاندېرىي كلىمىس (Ondrej Klimes) ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن يىغىندا «خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان» ، «مۇستەملىكە تارىخىدىكى قەتلىئاملار ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» قاتارلىق تېمىلار بويىچە دوكلاتلار سۇنۇلدى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدىن دىلنۇر رەيھان خانىم نەق مەيداندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋە يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

 يىغىندا ئالدى بىلەن قازاقىستان تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور ئابلەت كامالوۋ «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل تېررورلۇقى: قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار» دېگەن تېمىدىكى لېكسىيەسىنى تەقدىم قىلدى. پىروفېسسور ئابلەت كامالوۋ دوكلاتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار سوۋېت دەۋرىدە دۇچ كەلگەن قەتلىئاملار، «ئاتۇ پاجىئەسى» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ دوكتورانتى، ئۇيغۇرشۇناس لېئو ئەپەندىممۇ يىغىن ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن ھالقىپ كەتكەن بىر مۇستەملىكە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يىغىن ئارىلىقىدىكى قىسقا دەم ئېلىشتىن كېيىن ئۆزبېكىستان مۇكەممەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەسرار قايىموۋ «ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى: سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت كىملىكى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى، تارىخى ۋە ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. دوكتور ئەسرار قايىموۋنىڭ دوكلاتىدا يەنە يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى سەۋەبلىك ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بېرىش-كېلىش ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى» تېمىسىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئارقىدىن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدون بىلەن دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا خانىم «يوللارنىڭ تارماقلارغا ئايرىلىشى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشى ۋە ‹شىنجاڭ مەسىلىسى›» دېگەن تېمىدا بىرلەشمە دوكلات سۇندى. دوكتور گاردنېر بوۋىڭدون ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت تېررىتورىيەسىگە كۆچۈشىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىگە كۆچۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىملىرى، ئىشغالىيەتتىن كېيىنكى چوڭ تازىلاشلار ۋە يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشلار ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى. گۈلنىسا نازاروۋا خانىم بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشتىن كېيىنكى باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردا قالدۇرغان تەسىرى ھەققىدە، شۇنداقلا ھەر قايسى دەۋردىكى ئوخشىمىغان رېئاللىقنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ قىسمەتلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بايان قىلدى.

يىغىن ئارىلىقىدا گۈلنىسا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈركىيەدىن يېتىپ كەلگەن ياش پائالىيەتچى، تۈركىيەدىكى كوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى يالقۇن ئولۇغيول ئەپەندى «مىللىي توقۇنۇشنىڭ يىلتىزى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش: ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما» تېمىسى لېكسىيە سۇندى. لېكسىيەدىن كېيىن زىيارەت جەريانىدا يالقۇن ئەپەندى بۇ توغرىسىدا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

24-نويابىردىن 26-نويابىرغىچە ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىن چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى، جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىشىپ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇرشۇناسلار، تارىخچىلار ۋە مۇستەملىكىچىلىك مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.