ئىسپانىيەنىڭ گرانادا شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەملىكىسى ۋە ئاياللار مەسىلىسى» تېمىسىدا خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.12.12
nebijan-tursun گرانادا ئۇنىۋېرسىتېتى تىنچلىق ۋە توقۇنۇشلار ئىنستىتۇتىدا ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكىچىلىكىدە جىنسىيەت ۋە كۈئېر نەزەرىيەسى» تېمىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-دېكابىر، گرانادا، ئىسپانىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

12-دېكابىر ئىسپانىيەنىڭ قەدىمى ئەندەلۇس رايونىنىڭ مەركىزى گرانادا شەھىرىدىكى گرانادا ئۇنىۋېرسىتېتى تىنچلىق ۋە توقۇنۇشلار ئىنستىتۇتىدا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكىچىلىكىدە جىنسىيەت ۋە كۈئېر نەزەرىيەسى» تېمىسىدا خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى چاقىرىلدى.

12-دېكابىر ئەتىگەندە باشلانغان بۇ يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى باسقۇچى «20-ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەشلىرىدە ئاياللار» دېگەن تېمىدا بولۇپ، ئېلانور خارتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى. بۇ بۆلۈمدە دىلنۇر رەيھان «رىزۋانگۈل-ئۇيغۇر ئاياللار ھوقۇقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىدىكى مۇستەملىكىگە قارشى قەھرىمان» دېگەن دوكلاتىنى سۇندى. ئۇ دوكلاتتا دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپچىلىك خەلقلەرنىڭ تارىخىغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر تارىخىدىمۇ كۈرەشچان ئاياللارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۇنتۇپ كېتىلگەنلىكى، پەقەت مىللىي دۆلەتلەر دەۋرىدىن كېيىن ئاز ساندىكى بەزى شەخسلەرنىڭ كوللېكتىپ مىللىي قۇرۇلۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قەھرىمان قىلىپ تاللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلنۇر رەيھان بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.

دىلنۇر رەيھان خانىم «رىزۋانگۈل-ئۇيغۇر ئاياللار ھوقۇقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىدىكى مۇستەملىكىگە قارشى قەھرىمان» دېگەن دوكلاتىنى سۇنماقتا. 2024-يىلى 12-دېكابىر، گرانادا، ئىسپانىيە.
دىلنۇر رەيھان خانىم «رىزۋانگۈل-ئۇيغۇر ئاياللار ھوقۇقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىدىكى مۇستەملىكىگە قارشى قەھرىمان» دېگەن دوكلاتىنى سۇنماقتا. 2024-يىلى 12-دېكابىر، گرانادا، ئىسپانىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

ئارقىدىنلا ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن «20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئاياللار ئىنقىلابى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا» دېگەن دوكلاتىنى سۇندى. ئۇ دوكلاتىدا 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يۈز بەرگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئاياللارنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى ھاياتىغىمۇ دەۋر بۆلگۈچ تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتايلار «شىنجاڭ» يەنى يېڭى بېسىۋېلىنغان زېمىن دەپ ئاتايدىغان «شەرقىي تۈركىستان» نامىدىكى تېررىتورىيەدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاياتى، شۇنداقلا 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە دەۋر سۈرگەن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئاياللار ھوقۇقى جەھەتتە دۇنيادىكى ئىلغار دۆلەتلەرگە يېتىشىشكە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئەمما 1949-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى قولىغا ئالغاندىن كېيىن بولسا، ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە سىياسىي ئەركىنلىك ئېڭىنى يوقىتىش، خىتاي مىللىي كىملىكى بولغان ئاتالمىش جۇڭخۇا تەشۋىقاتى ئۈچۈن قورچاق بولۇش قاتارلىق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دىلنۇر رەيھان بۈگۈنكى يىغىندا دوكلات سۇنغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تېمىلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى» نىڭ بۇ قېتىم گرانادادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىنى «ئىنالكو ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى تەتقىقات مەركىزى»، «فىرانسىيە دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئىنستىتۇتى»، «تۈركى، ئوسمانلى، بالقان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى»، «جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتلىرى فاكۇلتېتى»، «گرانادا ئۇنىۋېرسىتېتى»، «تىنچلىق ۋە توقۇنۇشلار ئىنستىتۇتى» «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەردىن ئېلانور خارت رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ يىغىن بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن گرانادا ئېچىلغان يىغىندا، بىز قانداق قىلىپ جىنسىيەت ۋە ئاياللارغا قارىتىلغان تەتقىقاتلارنى ئۇيغۇر يۇرتىدىكى خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرىمىز بىلەن بىرلەشتۈرەلەيمىز دېگەننى مەقسەت قىلدۇق. خىتاي دۆلىتى بىلەن مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى جىنسىيەت، قۇرۇلۇش، ئىقتىدار ۋە مۇناسىۋەتكە ئۆزئارا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، مۇھاجىرەتتە ئوخشىمىغان مېتودولوگىيە ۋە ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن ئوخشىمىغان دەۋردە ياشىغان ئوخشىمىغان كىشىلەر توغرىسىدا ناھايىتى قىزىقارلىق تونۇشتۇرۇشلارنى تەقدىم ئەتتۇق.»

بۇ يىغىن 12- ۋە 13 دېكابىر ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، پىروفېسسورلىرى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىگە قىزىقىدىغان ئالىملار قاتناشقان. يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئېرىك شلۇسسەل، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا، درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور رېبېككا كلوسېي، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئابلىمىت باقىي ئىلتەرىش، روز-خۇلمان تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تىمۇسىي گرۇز قاتارلىق كۆپلىگەن تەتقىقاتچى ۋە پىروفېسسورلار دوكتورلار دوكلات بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.