ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قامال سىياسىتىگە قارشى ئاممىۋىي نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.27
urumchi-ot-apiti-shangxai-namayish-2.png ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، شاڭخەيدىكى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولىدا خىتاينىڭ «نول كوۋىد» قامال سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان كىشىلەر، 2022-يىلى 26-نويابىر، شاڭخەي.
Reuters

24-نويابىر كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسى ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى خىتايدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەردە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىگە قارشى پارتلىغان نامايىشلىرىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان.   

«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»نىڭ 26-نويابىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە بۇ ۋەقەنىڭ بەزى تەپسىلاتى بېرىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ قامال سىياسىتىنىڭ بۇ پاجىئەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى ئىكەنلىكى ۋە يەرلىك ئاھالىنىڭ بۇنىڭغا قارشى قوزغىلىپ، بۇ سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 24-نويابىر كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىگە بىنانىڭ 15-قەۋىتىدىكى توك مەنبەسى سەۋەب بولغان. بۇ قەۋەتتىن تۇتاشقان ئوت 17-قەۋەتكىچە يامراپ، ئىس-تۈتەكلىرى 21-قەۋەتكىچە كىرگەن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىنانىڭ ئەتراپىدىكى قاتمۇ قات قامال ۋە توساقلارنى چۇۋۇپ، بىنانىڭ يېنىغا كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولغىچە، ئوت ئۇلغىيىپ كەتكەن ۋە ئۈچ سائەتكىچە بۇ ئوت قەۋەتمۇ-قەۋەت ئۆرلەپ كۆيىۋەرگەن؛ ئۆيگە سولىنىپ قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىك ئىس-تۈتەكتىن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن، ھۇشىدىن كەتكەنلىرى دوختۇرخانىغا  ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 25-نويابىر كۈنى «بۇ ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر 10، يارىلانغانلار 9 ئادەم» دەپ ئېلان قىلغان؛ ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاز دېگەندە 44  ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان.

ئۈرۈمچى 24-نويابىر ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئۇيغۇر ئانا ۋە 3 پەرزەنتى. رەسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئېلىندى، رادىئومىز تەرىپىدىن توغرىلىقى دەلىللەنمىدى.
ئۈرۈمچى 24-نويابىر ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئۇيغۇر ئانا ۋە 3 پەرزەنتى. رەسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئېلىندى، رادىئومىز تەرىپىدىن توغرىلىقى دەلىللەنمىدى.
Social Media

يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىمىزدە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئۈچ ئايدىن كۆپ ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى داۋامىدا، بەزى جايلاردا ئاچلىق ۋە كېسەللىكتىن ئۆلۈپ كېتىش پاجىئەلىرى كۆرۈلگەنىدى. بۇ قېتىم  ۋەقە يۈز بەرگەن تەڭرىتاغ رايونى «يۇقىرى دەرىجىلىك خەتەرلىك» رايون دەپ بېكىتىلگەن ۋە ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەنىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن قادىر 25-نويابىر كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئاھالىلەردىن كەچۈرۈم سورىغان ۋە بۇ ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ يىغىندا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ،  ئوت ئۆچۈرۈش ئېغىزىغا توساق قويۇلمىغانلىقىنى، ئاھالىلەرنىڭ بىنادىن چۈشۈپ پائالىيەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، ئاپەتتىن ئۆزىنى ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرالمىغانلىقىنى بايان قىلىشقان.

ئەمما ئەھۋالدىن خەۋەردا ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاينىڭ ئاتالمىش يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرى تۈپەيلىدىن بۇ بىنادىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر ئۆيىگە سولاپ قويۇلغان. بىر خىتاي قىزمۇ بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ ۋىدىيو تارقاتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىنا «يۇقىرى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون»غا تەۋە، شۇڭا ئۇنىڭ دەرۋازىسىدىن تارتىپ كىرىش ئىشىكلىرىگىچە ھەممىسى تاقاق. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىمۇ قاتمۇ قات توساقلاردىن ئۆتۈپ، بۇ بىناغا يېقىنلىشىپ بولغىچە ئىككى سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن».

ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىنانىڭ ئوت كەتكەن قەۋەتلىرى. 2022-يىلى 24-نويابىر، ئۈرۈمچى.           

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قامال سىياسىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى ۋە قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئوت پىلتىسىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە نامايىشقا چىققان خىتاي پۇقرالىرى بىنا ئۆيگە ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ناراسىدە بالىلارنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىلمۇ خىل كىرزىس ۋە پاجىئەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان قامال سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقەدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە خىتايدا ئاز دېگەندە 10 نەچچە چوڭ شەھەردە «يۇقۇمنى تىزگىنلەش سىياسىتى»گە قارشى نامايىش كۆتۈرۈلگەن، كۆپلىگەن خىتاي پۇقرالىرى بۇ قارشىلىقنى سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ، بۇ 1989-يىلدىن بېرى كەم كۆرۈلگەن ئىجتىمائىي ھادىسە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قامال سىياسىتىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شاڭخەي ئاھالىسىمۇ بۇ ۋەقەدىن كېيىن نامايىش كۆتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ، دۆلەت كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، بىز ئۆز ھوقۇقىمىزنى قايتۇرۋېلىشىمىز كېرەك، شى جىنپىڭ تەختتىن چۈش، شى جىنپىڭ تەختتىن چۈش!» دەپ شوئار توۋلىغان. چېڭدۇ شەھەر ئاھالىسى نامايىش قىلىپ، «بىزگە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە كېرەك، بىزگە پۇقرالىق ھوقۇقى كېرەك!» دەپ شوئار توۋلىغان.

تىۋىتتېردا ئېلان قىلىنغان «بىر ئۇيغۇردىن خىتاي پۇقرالىرىغا خەت» دېگەن يازمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۈرۈمچىدىن باشلىنىپ پۈتۈن خىتايغا كېڭەيگەن قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى پەرەز قىلالمايمىز. ئەڭ يامان ئەھۋالدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى قانلىق باستۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ‹شىنجاڭ سىياسىتى› خىتاينىڭ بارلىق جايلىرىغا تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى، خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرى ئۇنىڭغا سولىنىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا خىتايدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تېخىمۇ تەسلىشىپ كېتىدۇ. خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ دۆلەت مارشىدا ئېيتىلغاندەك، ئەڭ خەتەرلىك ھالدا تۇرۇۋاتىدۇ». 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.