3-دېكابىر كۈنى بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبىگەن ۋە 11-ئاينىڭ 24-كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى بايان قىلىشقان ئىدى. شۇ كۈنى يەنە فرانسىيە پايتەختى پارىژ، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن قاتارلىق ياۋروپادىكى بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇپ، 24-نويابىردىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلارغا ماتەم بىلدۈرگەن، ئۇيغۇرتلاردىن كەچۈرۈم سورىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان ۋەھشىي مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەپ، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق»، «يوقالسۇن شى جىنپىڭ» «يوقالسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاشقان.
گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھرىدە 3-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 80 ئەتراپىدا خىتاي پۇقراسى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى تىزىپ، شام ياندۇرۇپ ماتەم بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، «ئۈرۈمچى 1124» دېگەندەك ۋېۋىسكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ لاگېر سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

3-نويابىر بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 300 گە يېقىن خىتاي پۇقرالىرى قاتناشقان بولۇپ، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق»، «يوقالسۇن شى جىنپىڭ» «يوقالسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاشقان. پارىژدا 3-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە يەرلىك ئاھالىلار قاتنىشىپ، ئوخشاش مەزمۇندا شۇئارلار توۋلاشقان. بۇ شۇئارلارنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر توۋلاپ كەلگەن ئىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نامايىشلارنى خىتاي كوممۇنىستىك رىجىمىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن چەت ئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئەمەس، بەلكى مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلغان ھەرساھە خىتاي پۇقرالىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان.
ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، چەت ئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىغا قارىماي، بۇنىڭ ئىجابىي بىر قەدەم بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. كۈزەتكۈچىلەردىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بولسا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ ئېغىر كۈندە قالدۇرغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن خىتايلارنىڭ تۇشمۇ-تۇشتىن قوزغىلىپ نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىراق، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، چەت ئەلدىكى خىتايلارنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشلىرىنىڭ 3 تۈرلۈك مۇھىم ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى، چەت ئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنى دۇنيا جامائىتى ئالدىدا يالغانچىغا چىقىرىشى ئىكەن.
«فرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىدا بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بايان قىلىشىچە، نامايىشقا قاتناشقان بىر نەپەر خىتاي پۇقراسى مۇنداق دېگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىتايغا ۋەكىللىك قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى كوممۇنىزىمغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ بايلىقلىرىنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئىگىلىۋالغان بولغاچ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەقىقىي مەنىدىكى قانۇنلۇق پارتىيە-گورۇھمۇ ھېسابلانمايدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە بىر قارا جەمئىيەتتۇر، زومىگەرلەر جەمەتىدۇر.»