ماگنۇس فىسكەسيۆ: «خىتاينىڭ زامانىۋى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى› تاكتىكىسى بىلەن ناتسىستلارنىڭ تاكتىكىسىدا پاراللېللىق بار»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.08.22
گېرمانچە مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى بىلەن تولۇپ تاشتى لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
BITTER WINTER

ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ زامانىۋى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى› تاكتىكىسى بىلەن ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ ساياھەت تاكتىكىسىدا پاراللېللىق بارلىقىنى كۆرسەتكەن. يەنى خىتاي ناتسىستلار گېرمانىيسى دەۋرىدىكى قىلمىشلارغا پاراللېل ھالدا ساياھەتچىلىكنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنىڭ رەھىمسىز رېئاللىقىنى خىرەلەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاساسلىق نىشانى خىتاي ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەر ۋە ياخشى ئىكەنلىكىنى «ئۆزى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن» قوللىغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ (Magnus Fiskesjö) «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھەت ئىستراتېگىيەسى» ناملىق مەزكۇر دوكلاتنى 19-ئاۋغۇست «دىپلومات» ژۇرنىلى (The Diplomat) دا ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ زامانىۋى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى› تاكتىكىسى بىلەن ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ ساياھەت تاكتىكىسىدا پاراللېللىق يەنى ئوخشاشلىق بارلىقىنى تارىخى بەلگىلەر ۋە ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئۇتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ساياھەتتىن پايدىلىنىپ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئىستراتېگىيەسى بىلەن پاراللېللىق بارلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

دوكلاتنىڭ ئاپتورى دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ رادىيومىزغا خىتاينىڭ زامانىۋى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» بىلەن ناتسىستلارنىڭ تاكتىكىسىنىڭ پاراللېللىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەتچىلىكنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنىڭ رەھىمسىز رېئاللىقىنى خىرەلەشتۈرگەنلىكىنى پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن بۇ نۇقتىغا قاراپ تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ ئىشغال قىلىنغان رايونلىرىدا ساياھەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەنمەيتتىم. 1939-يىلى توقۇنۇش پارتلىغاندىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ساياھەتچىلىك يەنىلا داۋام قىلغان. بۇ، ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ ئەھۋالنى نورمال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ناتسىستلار ھۆكۈمىتى ھەممە نەرسىنىڭ كونتروللۇقىدا، ئەنسىرەيدىغان ئىش يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنى ئىسپاتلاش ۋە جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ساياھەتنى تەشەببۇس قىلغان ۋە تەشۋىق قىلغان. ناتسىستلار گېرمانىيسى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قىلغاننى ئۇ ۋاقىتتا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئىشلىتىپ بۇ ئىشغال قىلىنغان رايوندا (شىنجاڭ) ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ كونتروللۇقىدا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايوندا ساياھەت قىلدۇرغاندەك ناتسىستلار گېرمانىيىسىمۇ ئىشغال قىلغان يەرلەردە ئىنسانلارنى ساياھەت قىلدۇرغان. ساياھەتچىلەرنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ساياھەت قىلدۇرغان. پەقەت ھۆكۈمەت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان يەرلەرنى كۆرسەتكەن. ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشاش كوچا ۋە ئوخشاش شەھەرلەردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن. ئوخشاش مېھمانخانىلاردا تۇرغان. ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغانلارنى ساقچىلار ئىز قوغلاپ تۇتقان. خىتاينىڭ زامانىۋى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى› تاكتىكىسى بىلەن ناتسىستلارنىڭ تاكتىكىسىدا پاراللېللىق يەنى ئوخشاشلىق بار. كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ شىنجاڭنى نورمال رايون ۋە بىخەتەر رايون دەپ ئۇلارنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ. ساياھەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ‹قارا! بۇ يەر نورمال ۋە بىخەتەر ئىنسانلار ئەركىن ئازادە ساياھەت قىلالايدۇ› دېمەكچى. شۇنداقلا ئۇلارغا خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي بۇنى ‹كۆز بىلەن كۆرگەنگە ئىشىنىش› دەۋاتىدۇ. يەنى بۇ شوئارنى توۋلاۋاتىدۇ. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى قايتا-قايتا دەۋاتىدۇ. ئۇلار خىتايغا، شىنجاڭغا كېلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى كۆزىڭىز بىلەن كۆرسىڭىز ھەقىقەتكە ئىشىنىسىز دەۋاتىدۇ».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىغا قاتتىق زەربە بەرگەن بولسىمۇ، بۇ رايوننى ساياھەت مەركىزى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە ۋە جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بۇ پائالىيەت خىتاي ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇش، ساختا تارىخى ئورۇنلارنى بەرپا قىلىش ۋە شەھەرلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنبە شىنخۇا تورىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت 2023-يىلىلا 265 مىليون ساياھەتچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنغان زىيارەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە نورماللىق ۋە گۈللىنىش ئوبرازىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەقسىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزمۇننى نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر. بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نورمال قىلىپ كۆرسىتىش. يەنە بىر تەرەپتىن، ساياھەتچىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ رايونغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن، شۇنداقلا مۇقىملىق ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش. ئەلۋەتتە، ساياھەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىمۇ رولى بار. ساياھەتچىلىكتە كۆڭۈل ئاچىدىغان، قىزىقارلىق، تەھدىت بولمىغان ۋە ھەقىقەتەن قارشى ئالىدىغان نەرسىلەر ۋە جايلار تونۇشتۇرۇلىدۇ. شۇڭا خىتاي كىشىلەرنىڭ ساياھەت تەجرىبىسىنى شىنجاڭدا كۆرۈش، ئوقۇش، يەرلىك خەلقلەر بىلەن پاراڭلىشىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈپ ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىسىنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يەنى بۇ ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كەلدى. شىنجاڭدا ۋەزىيەت نورمال ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى يوق دېگەننى ئىلگىرى سۈرمەكچى. نەتىجىدە، كەلگەن ساياھەتچىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىغان ئۇيغۇرلارنى كۆرىدۇ. ئۇلار قايتقاندىن كېيىن، كەچۈرمىشلىرىنى (كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى)، شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ, خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللىشى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى يۆگەشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ سەۋەب بىلەن ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا بىر تەرەپتىن ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان رايونلارغا گېرمانىيەدىن كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كېلىشكە يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنى مەجبۇرىي ئاتا-ئانىسىدىن ئېلىپ ئۇلارنى گېرمان بولۇشقا، يەنى ۋە گېرمان بولۇپ چوڭ بولۇشقا زورلىغانلىقى قەيت قىلىنغان. دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ ناتسىستلارنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە پىلانلىق نوپۇس يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن پاراللېللىق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن تۆۋەندىكى ئىككى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى. بىرى ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە كۆچمەنلەرنى يۆتكەش ئارقىلىق ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گېرمانىيەدىن ناتسىست گېرمانىيە ئارمىيەسى ئىشغال قىلغان رايونلارغا كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئاندىن يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنى ئېلىپ ئۇلارنى گېرمان بولۇشقا، ۋە گېرمان بولۇپ چوڭ بولۇشقا زورلىغان. بۇ ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا ھازىر شىنجاڭ يەنى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۈگۈن بىز شەرقى تۈركىستانغا ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرۇۋاتىدۇ. ھەتتا، بىز بۈگۈن كىشىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىنىشى ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىشىنى كۆرۈۋاتىمىز. غايىب بولۇپ لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ زېمىن ۋە ئويلىرىنى خىتايلار ئىگىلىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھەمدە بۇنى خىتاي ھاكىمىيىتى رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنى قولايلاشتۇرۇۋاتىدۇ».

يېقىندا دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ بىلەن كانادادىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر تەتقىقاتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىرلىكتە «خىتايدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى» ماۋزۇسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا نۇقتىلىق قىلىپ 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندا ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئائىلىسىدىن مەھرۇم قالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان يۈز مىڭلىغان بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇلاھىزە قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلارنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولۇشىنى چەكلىشى ۋە مېڭە يۇيۇش، ئانا تىلىنى چەكلەشكە دائىر نۇرغۇن جانلىق ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ ساياھەت سىياسىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ يولغا قويغان «يېڭى تىپتىكى مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى» دىمۇ ئوخشاشلىق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي، ئۆز ئىدىيەسىنى، ئېتىقادىنى ۋە شەرقى تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق يوق ئىكەنلىكىنى، ھەممە ئىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار بىر قىسىم تەربىيەلەنگەن ئارتىسلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ خۇشال-خۇرام ۋە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتى ئۈچۈن ‹پوتېمكىن كەنتىنى› (Potemkin village) قۇرغان بىلەن ئوخشاش ئىش»

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەر ۋە ياخشى ئىكەنلىكىنى «ئۆزى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن» قوللىغۇچىلارغا ئايلىنىدۇ؟ بۇنى ساياھەتچىلەر بىلىپ قىلامدۇ؟ ياكى بىلمەي قىلامدۇ؟

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon Chang) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان تۈركى خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان باشقا جىنايەتلەرنى يوشۇرماقچى. شۇڭا خىتاي ساياھەتچىلىكتىن پايدىلىنىپ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا، شىنجاڭدا بارلىق ئىنسانلارنىڭ خۇشال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، پەقەت ئۆزلىرى خالىغان ۋە ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. كۆرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە رېئاللىق ئەمەس. خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى بولسا، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىپ كۆرسىتىش ۋە قايتقاندىن كېيىن شىنجاڭدا كۆرگەنلىرى ھەققىدە سۆزلىتىش. باشقىچە ئېيتقاندا، كومپارتىيەنىڭ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش ھەمدە ئىنسانلارنىڭ بۇنى دېيىشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك چارە دەپ قارايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇ پائالىيىتى خىتاي ئىچى يەنى خىتاي خەلقى ئارىسىدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى باشقا جايلاردىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. مېنىڭچە بەزى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئەمەلىيەتتە كومپارتىيەنىڭ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلارنى كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇلار شىنجاڭدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىدۇ. بەزى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر پەقەت ساددا، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار خىتاينىڭ يالغان ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلماقتا. بىز خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن پاكىتلار بارلىقىنى بىلىمىز. شىنجاڭدا جازا لاگېرلىرى بار. خىتاي ساياھەتچىلەرگە بۇلارنى كۆرسەتمەيدۇ. خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرگەنلىرىگە ئىشىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شىنجاڭدا جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشنى خالىمايدۇ. لېكىن شىنجاڭدا جازا لاگېرلىرى بار».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.